چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى

0:00 / 0:00

خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزدى ۋە دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پەقەت تاشقى سودا دىپلوماتىيىسىگىلا كۆڭۈل بۆلمەستىن، پرىنسىپ بۇيىچە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى قەتئىي تۈردە قوغدىشىنى تەشەببۈس قىلدى.

خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەرنى ئەيىبلىدى

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، 2007 ‏- يىلى ئۆتكەن ئون نەچچە يىل ئىچىدە ئاخبارات ساھەسىدىكى خادىملار ئەڭ كۆپ ھاياتىدىن ئايرىلغان يىل بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاخباراتچىلار نى باستۇرۇش شۇنىڭدەك قولغا ئېلىش ئەھۋالىمۇ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر بولغان. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 2 مۇخبىر قولغا ئېلىنغان.

مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەردە، پۈتۈن يەر شارىدىكى دۆلەتلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە خىتاي 7 ‏- ئورۇنغا تۇرغۇزۇلغان.

تېخى يېڭى ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا، مۇخبىرلارنى باستۇرغان ۋە زىيانكەشلىك قىلغان، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلغان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى تىلغا ئالغاندىن سىرت، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەش قىلمىشلىرىنى دادىللىق بىلەن تەنقىد قىلىش جاسارىتىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، بۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. دوكلاتتا بولۇپمۇ دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ياكى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە مال ساتقۇچى رولىنى ئويناپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سودا ئالاقىسىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت مەسىلىلەر ئۈستەل ئۈستىگە ناھايىتى ئاز چىقىدىغانلىقىنى، ياكى بولمىسا ئېغىزىنىڭ ئۇچىدىلا ناھايىتى سېلىق سىپايە ھالدا تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ ئىش ‏- ئىزلىرى يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مۇھىم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۈگۈنكى كۈندە كىم خۇجىنتاۋغا دالاي لاما ھەققىدە ئوچۇق - ئاشكارا گەپ قىلالايدۇ؟ شۇنىڭدەك تەيۋەننىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىگە يۇقىرى باھا بېرەلەيدۇ؟ بۇ جەھەتتە پەقەت گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم بىردىن ‏- بىر جۈرئەتلىك پىكىر قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ، مېركېل خانىمدىن سىرت كىم پۇتىنغا چېچەن خەلقىنىڭ ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى ھەمدە پۇتىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، رۇسىيىدىكى ئاخباراتچىلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتالايدۇ؟ دېگەنلەرنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى Jean - Francois چارشەنبە كۈنى مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ پارىژدىكى مەركىزىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ":غەرب دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ‏- كىچىك دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈمى ياكى مۇستەبىت ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىشتىن قورقماسلىقى كېرەك" دېدى.

Jean - Francois ئەپەندى گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىمنى مىسالغا ئېلىپ، گەرچە مېركېل خانىم گېرمانىيىنىڭمۇ سودا ساھەسىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا باش مىنىستىر ئىشخانىسىدا دالاي لامانى قوبۇل قىلغانلىقىغا، ئۇنىڭ جاسارىتىنىڭ نەقەدەر يۈكسەك ئىكەنلىكىگە، ئۆزىنىڭ شەخسى مەيدانى بىلەن دۆلەت مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىكىگە يۇقىرى باھا بەردى. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە فرانسىيە باش مىنىستىرى ساركۇزىنىڭ ھەرىكەتلىرى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئەركىنلىكنى بايان قىلغان " كۆك كەپتەر" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى 10 يىلدىن ئارتۇق قاماق جازاسىغا ئۇچرىدى

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ھەمدە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن، بولۇپمۇ دۆلەت تۈزۈمى بىلەن سىياسىي ئىسلاھات توغرىسىدىكى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىنتايىن قاتتىق ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاخبارات ئەركىنلىكىدە زەررىچىلىك ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلمىدى دېيىشمۇ توغرا ئەمەس، ھېچ بولمىغاندا خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتە يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەرمۇ مەيدانغا كەلدى. بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتىكى نازۇك مەسىلىلەردىن تاشقىرى تېمىلار خېلى ئەركىن ئەكس ئەتتۈرۈلمەكتە ئىكەن.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە مۇخبىرلارغا قويغان تەلىپى ئالاھىدە دەرىجىدە يۇقىرى بولۇپ، ئەركىنلىكنى بايان قىلغان " كۆك كەپتەر " ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى نۇرمەمەت ياسىن 10 يىلدىن ئارتۇق قاماق جازاسىغا ئۇچراپ تۈرمىگە تاشلاندى. شۇڭا مەتبۇئات ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈستىدە ھېچقاچان ئەركىن پىكىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغان ئەمەس. (ئەقىدە)