خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشىنى قانۇنسىز ئۆلچەش-خەرىتىگە ئېلىش دېگەن بەدنام بىلەن چەكلىمەكچى

0:00 / 0:00

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 25 ‏- يانۋار كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۆلچەش ۋە خەرىتىگە ئېلىش پائالىيىتىنى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ پائالىيىتىنى قاتتىق چەكلەش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقارغان. بۇنى 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرى، دەپ چۈشەندۈرگەن ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇن چەتئەللىكلەر خىتاي دائىرىسىدە قانۇنسىز ئۆلچەش، خەرىتىگە ئېلىش ۋەقەلىرى كۆپ كۆرۈلدى، بۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت كەلتۈرمەكتە، دەپ بايان قىلغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆلچەش ۋە خەرىتىگە ئېلىش پائالىيىتىنى چەكلەش توغرىسىدىكى بۇ بەلگىلىمىسى 3 ‏- ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆلچەش -خەرىتىگە ئېلىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىسى بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن جاكارلىغان چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت پائالىيىتىنى چەكلىمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى بىلەن قارىمۇ -قارشى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن بىر بەلگىلىمە چىقىرىپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارەت پائالىيىتىگە ھېچقانداق چەكلىمىگە قويۇلمايدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئەمدى يېقىندا يەنە چەتئەللىكلەرنىڭ خىتايدا دائىرىسىدە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيىتى جەريانىدا ئۆلچەش -خەرىتىگە ئېلىشنى ۋە بۇ مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنىڭ چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشىنى چەكلەش كېرەك، دەپ بەلگىلىمە چىقاردى. بۇ ئىككى بەلگىلىمە پۈتۈنلەي بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن چەتئەللىكلەرگە 'قانۇنسىز ئۆلچەش-خەرىتىگە ئېلىش' دېگەن نام بىلەن چەكلىمە قويۇپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغۇزماسلىقنى مەقسەت قىلىدۇ.

دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى چەتئەللىكلەرنىڭ خىتايدا خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشى ۋە ئۇنى دەلىللىك ماتېرىياللار بىلەن ئىسپاتلاپ پاش قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، خىتاينى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن چەتئەللىكلەرگە 'قانۇنسىز ئۆلچەش-خەرىتىگە ئېلىش' دېگەن بەدنام بىلەن چەكلىمە قويۇپ، ئۇلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى، رىيال سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغۇزماسلىقنى مەقسەت قىلىدۇ.