ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى يەنىمۇ ئېغىرلىماقتا
2005.01.24
ئۇيغۇر ئېلى خەۋەر تورىدا 24 - يانىۋار بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۈچ نەپەر سىچۈئەنلىك خىتاينى 210 تال باش چايقاش كومىلىچى، 40 گرام ك تالقىنى ۋە يەنە باشقا زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە ئارلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان بويۇملار بىلەن قولغا چۈشۈرگەن.
چېكىملىك تۈرى كۆپەيمەكتە
بۇ دېلو ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 10 - رازۋېتكا ئەترىتى بۇ يىل باشلانغاندىن بۇيان قولغا چۈشۈرگەن زەھەرلىك چېكىملىككە ئائىت 15 دېلو ئىچىدە -11قېتىملىك ئالاھىدە زور دېلو ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەردە ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش خىزمىتى يېڭى بىر كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك تۈرلىرى يېڭىلانغان ھەم كۆپەيگەن.
بۇلتۇردىن بۇيان زەھەرلىك چېكىملىككە ئائىت جىنايەتلەر كۆپەيگەن، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى باشقىدىن تېز سۈرئەتتە يۇقىرىلاشقا باشلىغان.
چەككۈچى ئۆسمۈرلەر كۆپەيمەكتە
كىشىنى ھەممىدىن بەك ئەندىشىگە سالىدىغىنى ئۈرۈمچىدە بايقالغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئەھۋالىدىن قارىغاندا، زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ يېشى بارغانچە كىچىكلەۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسىي نىسبەتنى ئىگىلىمەكتە ئىكەن.
يېرىم يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن ئىگىلىگەن ئاخباراتلىرىمىزدىنمۇ، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ يېشىنىڭ بارغانچە كىچىكلەپ، ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭمۇ بايقالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ھازىر جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن بايقالغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ياشلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن يۈرەك ھەم بۆرىكى ئېغىر زەئىپلەشكەن بولۇپ مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر كۆرۈلمەكتە ئىكەن.
يۇقىرى نىسبەت
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر بارغانچە كۆپەيگەندىن سىرت، بىر ياقتىن سېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش پۇلىنى تاپىدىغانلار كۆپەيگەچكە، زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش يەنىمۇ كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەشتە، 50 گرام زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن تۇتۇلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشتەك قاتتىق قول ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ كۈنسايىن يامرىشى كونترول قىلىنماي كەلمەكتە.
بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچار. مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلانغاندەك، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك ئاساسەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كىرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما نىسبەت جەھەتتىن ئالغاندا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكتە.
ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىپە
ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىككە مۇناسىۋەتلىك بولغان يەنە بىر ئېغىر مەسىلە ئەيدىزگە ئوخشاش ۋابالارنىڭ يامرىشىدۇر. ئۆتكەن يىلقى ئىستاتىستىكىدا ئۇيغۇر ئېلىدە مەلۇم بولغان ئەيدىزلەرنىڭ 93٪ تىن كۆپرەكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر بولۇپ چىققانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
زەھەرلىك چېكىملىك ھەم ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل جىنايەت ھەم كېسەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە توختىماي يامرىشى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بولسا، بۇ خىل جەمئىيەت خاراكتېرلىك يامان شەيئى ھەم ھادىسىلەرنىڭ يامرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا كونترول قىلمىغانلىقىدىن دەپ قارىغاچقا ئۇنى سىياسىي نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلماقتا.
گەرچە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇشنى بىر كۈنمۇ بوشاشتۇرمىغانلىقى ھەققىدە بايانلارنى بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يامرىشىنى توسۇش ھەرىكىتىنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم بەرگەنلىكى نامەلۇم.
ئەكسىچە، مەلۇم بولغان ھەم ئاشكارىلانغان ستاتستىكىلىك مەلۇماتلار شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى كونترول قىلىنمايلا قالماي بارغانچە كۆپەيمەكتە، ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرمۇ ماس ھالدا زورايماقتا. دېمەك، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى يەنىلا كەسكىن بىر ۋەزىيەتتە. (گۈلچېھرە)
ئۇيغۇرلار ۋە زەھەرلىك چېكىملىك
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىللىرى (2)
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىللىرى (1)
- شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا باغلاندى
- خىتايدا ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدانماقتا، سېتىلماقتا، سەرگەردان بولماقتا ..... (2)
- ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدانماقتا، سېتىلماقتا، سەرگەردان بولماقتا ..... (1)
ئۇيغۇرلار ۋە ئەيدىز كېسىلى
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئەيدىز يېتىملىرى ھەققىدە سۆھبەت
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت (2)
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت (1)
- 2004 - يىلى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدە كەلگەن ئىنكاس
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىز يېتىملىرى ھەققىدە
- ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار كۆپەيمەكتە