ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاش ئورۇنلىرىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر
2006.02.22
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرى ئاساسەن ئىككى خىل بولۇپ، بىرى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى تۈرمىلەرنى ئاساس قىلىپ قۇرغان مەجبۇرى تاشلاش ئورنى يەنە بىر خىلى بولسا جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بەزى دوختۇرخانىلار بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان ئىختىيارى تاشلاش ئورۇنلىرى.
گەرچە ساقچى تارماقلىرى زەھەرلىك چېكىملىك تاشلىغۇچىلاردىن ھەق ئېلىنمايدىغانلىقىنى قەيت قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا بۇ ئىككىلا خىل تاشلاش ئورۇنلىرى ئوخشاشلا يۇقىرى ھەق تەلەپ قىلىدىكەن، شۇنداقلا داۋالاش ئۇسۇلىدا نۇرغۇن ساختىلىق ھەمدە مەسىلىلەر بار بولۇپ ، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىش تەس ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەر تاشلاش ئورۇنلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئاساسىدا تەييارلىغان پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرىنىڭ داۋالاش ھەققى زىيادە يۇقىرى بولماقتا
- چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- ئۇيغۇرلار نېمە سەۋەبتىن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە كىرىشىپ قالدى؟
- يۈننەندىكى خېروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىر-قىسمەتلىرى
- زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئۇيغۇر يېزىلىرىغىچە يامرىماقتا