زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاش مۇمكىنمۇ؟

0:00 / 0:00
aids.jpg
بېيجىڭدىكى يەر ئاستى پويىز ئىستانسىسىدىكى ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقات تاختىسى. 1-دېكابىر. AFP

ئۇيغۇر ئېلى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ سانى جەھەتتە خىتاي بويىچە ئالدىنقى قاتاردا سانىلىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن خېروئىننى چېكىدۇ ياكى ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولغۇچىلار، ئۆزىنىڭ ياشلىقى، ھاياتى، ئىستىقبالى، ئىقتىسادى ھەتتا بارلىقىنى ئىس‏- تۈتەككە ئايلاندۇرغاندىن باشقا، ئائىلىسىنىمۇ پۈتمەس- تۈگىمەس قايغۇ ھەم ئازابلارغا دۇچار قىلماقتا. زەھەرلىك چېكىملىكتىن ئىبارەت ئاق ئالۋاستىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ۋەيران بولغان ئائىلىلەر، كۆزى ئوچۇق كەتكەن ئاتا ئانىلار، يىتىم بولغان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس. بولۇپمۇ خېروئىننى ئوخشاش يىڭنە ئارقىلىق تومۇرىغا ئۇرۇش نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ يامرىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالدى.

زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. مەيلى زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ، تاشلاپ يەنە چېكىپ، يەنە تاشلاپ يەنە چېكىپ، زەھەرلىك چېكىملىكتىن قول ئۈزەلمەي ئازابلىنىۋاتقانلار بولسۇن، ۋە ياكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بولسۇن ئۇلار ئوخشاشلا "زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى بارمىدۇ ؟ زادى زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاش مۇمكىنمىدۇ؟" دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيدۇ. "بەلكىم چەتئەللەردە بۇنىڭ ئامالى بولسا كېرەك "دەپ قارايدىغانلارمۇ بار.

باب جوردان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

بىز بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنى داۋالاشتا بىر نەچچە ئون يىللىق تەجىرىبىلەرگە ئىگە بولغان ئامېرىكىدىكى فلورىدا ۋاتېرشېت خۇمار قىلغۇچى بويۇملارنى ئىشلەتكۈچىلەرنى داۋالاش ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى باب جوردان ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

- باب جوردان ئەپەندى، بىزنىڭ"خېروئىن قانداق خاراكتېردىكى زەھەرلىك چېكىملىك، ئادەتتە قانچە قېتىم ئىشلەتكەندە خۇمار قىلىدۇ؟"

- خېروئىن زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك خۇمار قىلىش ھەمدە بەدەنگە زەخمە يەتكۈزۈش كۈچىگە ئىگە بولغان، ئەپيۈندىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مورفىننى ئاساسىي تەركىپ قىلغان بىر خىل زەھەر. ئادەتتە خېروئىننى 0. 1 گرامدىن ئىككى ئۈچ قېتىم چەككەندە ياكى سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندا خۇمار قىلىدۇ. دەسلەپ ئاز مىقداردا ئىشلەتكەن بولسا، بارا‏- بارا ئۇنىڭ خۇمارى كۈچەيگەنسېرى ئۇنى ئىشلىتىش مىقدارىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. خېروئىن قان ئارقىلىق ئىنساننىڭ سۆڭەك توقۇلمىلىرىغىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ خۇمارىمۇ ئىنتايىن ئازابلىق، خۇمارى تۇتقاندا، ئەسنەش، ئىشتىيى تۇتۇلۇش، بۇرنى ئېقىش، قوسىقى مۇجۇپ ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئېغىر بولغاندا تارتىشىپ قېلىش، پۈتۈن بەدەننىڭ سۆڭەك ھەم مۇسكۇللىرى ئاغرىشقا ئوخشاش ئېغىر كېسەللىكتەك ئالامەتلەر بولىدۇ.

‏‏- خېروئىن تاشلاش مۇمكىنمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك بىر دورىسى بارمۇ؟

‏- خېروئىنغا خۇمار بولغۇچىلارنىڭ بۇ خىل زەھەردىن قول ئۈزۈشى مۇمكىن ئەمما بىر خىل دورىنى ئىچىپلا، بۇ خىل زەھەرلىك چېكىملىكتىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. خېروئىننى ئۈزۈش ئۇزۇن مۇددەتلىك كونترول قىلىش ھەمدە داۋالاشقا باغلىق. شۇڭا بىز خېروئىنغا خۇمار بولغۇچىلارنى داۋالاشتا "مۇتلەق" دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەيمىز. خېروئىننى تاشلاش بىر تەرەپتىن داۋالاشنىڭ ياردىمى بىلەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خېروئىنغا ئۆگىنىپ قالغۇچىنىڭ ئۆزىنى يېڭىشكە قەتئىي ئىشەنچىسى ھەمدە كۈچلۈك ئىرادىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككى تەرەپتىن تەڭ ماسلاشقاندىلا ئۇنى يەڭگىلى بولىدۇ.

- ئامېرىكىدا خېروئىن چەككۈچىلەرنى قانداق ئۇسۇللار بىلەن داۋالايسىلەر؟

‏- خېروئىندىن ئىبارەت بۇ خىل زەھەر ئىنساننىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ سىستېمىسىدا خىمىيىلىك ئۆزگىرىش ياسايدۇ. خېروئىننىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار سۆكەڭلەرگە سىڭىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكىدا خېروئىندىن ئىبارەت زەھەرلىك چېكىملىكنى چەككۈچىلەرنى داۋالاشتا ئاساسەن مېتادون ئىسىملىك بىر خىل دورا ئاساسلىق ئىشلىتىلىدۇ. بۇ دورا خېروئىنغا ئوخشاش مەستخۇش قىلمايدۇ يەنى كەيپى بولمايدۇ، ئەمما خېروئىننىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئاغرىق ئازابلىرىنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. خېروئىن چەككۈچىلەر بۇ خىل دورىنى ئىچىش ئارقىلىق نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش خىزمەت قىلىپ ياشاپ يۈرەلەيدۇ باھاسىمۇ ئانچە قىممەت ئەمەس. بۇ دورىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۈندىلىك ئىچىشكە بولىدۇ. ئامېرىكىدا خېروئىن چەككۈچىلەرنى داۋالاشتا پەقەت دورا بېرىپلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنى 12 خىل باسقۇچ بىلەن داۋالايمىز. يەنى خىروئىننىڭ ئورنىنى باسىدىغان دورا ئارقىلىق ئاغرىق ئازابلىرىنى يېنىكلىتىش، چەككۈچىنىڭ نېمە ئۈچۈن خېروئىننى چەككەنلىك سەۋەبىنى ئېنىقلاش، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش، روھى جەھەتتىن ئىلھام بېرىش، نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈش، خېروئىندىن باشقا يەنە، باشقا مەست قىلغۇچى، خۇمار قىلغۇچى زەھەر ھەتتا ھاراقلارغىچە پەرز تۇتۇش، چېنىقىش قاتارلىق باسقۇچلار ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەت ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ داۋالايمىز.

‏- خېروئىنغا خۇمار بولغۇچىلار گەرچە بىر نەچچە قېتىم تاشلاشقا ئىرادە باغلىسىمۇ، ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي يەنە قايتا چېكىۋالىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك ئىكەن، خېروئىن چەككۈچىلەر خۇمارى تۇتقاندا ئاغرىقلاردىن ئۆلۈپمۇ كېتەمدۇ؟

‏- خېروئىن چەككۈچىلەرنىڭ خۇمارى تۇتقاندا ھەقىقەتەن ئېغىر ئاغرىق ئازابلىرىنى تارتىدۇ ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئاغرىققا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما خېروئىننى ھەددىدىن زىيادە ئىشلەتكەندە ئادەمنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. خېروئىنغا خۇمار بولغۇچىلار خېروئىننى تاشلاش جەريانىدا بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئاغرىقلاردىن ئىنتايىن ئازابلىنىدۇ، تاشلاش جەريانىدا ھەتتا خېروئىننى تاشلاپ بىر نەچچە ئايغىچىمۇ پۈتۈن بەدەننىڭ سۆڭەك ھەم مۇسكۇللىرى قاتتىق ئاغرىيدۇ، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئۈچۈن خۇمار بولغۇچى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىدىن باشقا باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ھەمدە ئىلھام بېرىشىگىمۇ مۇھتاج ئەلۋەتتە. ئامېرىكىدا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن كۆپ باسقۇچلۇق داۋالاشتىن باشقا يەنە، خېروئىن چەككۈچىلەرگە ئەركىن پىكىرلىشىش شارائىتىنى ھازىرلانغان. بۇ خىل ئوچۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇلارنىڭ ئۆز ‏- ئارا بىر - بىرى بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ھەمدە بىر ‏- بىرىگە ئىلھام بېرىشى ئۈچۈن پايدىلىق.

بىلىشىمچە، نۆۋەتتە خىتايدىمۇ ئامېرىكىنىڭ كۆپ باسقۇچلۇق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا باشلىغان. چۈنكى ئۇلار، زەھەرلىك چېكىملىك چەككلۈچىلەرنى سولاپ، كونترول قىلغان بىلەنلا نەتىجە ھاسىل بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.