چېلىشىش ماھىرى جالال قاسىم: "كۆك بايراق يېنىمدا"
2007.05.17
ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە ھەرىكەت ئېڭى تەنتەربىيە تۈرىگە ماس كېلىدىغان بىر خەلق بولسىمۇ ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق چەكلىمىسى، مىللى كەمسىتىش ۋە قاتمۇ قات توسالغۇ، قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن تەن جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇشتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالماقتا. بۇ نوقتىنى ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولغان ياشلارنىڭ نەتىجىلىرى بىزگە تېخىمۇ ئىنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
گەرچە شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى بەش يۈزگىمۇ يەتمىسىمۇ، ئۇلار شىۋېتسىيەگە كەلگىنىگە بىرقانچە يىل بولا بولمايلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن شىۋېتسىيەدە ياخشى شان-شەرەپلەرگە ئىرىشكەن ۋە دۇنياغا قاراپ يۈزلەنگەن بىرقىسىم تەنتەربىيەچىلەر يەنى كىچىك پۇتبول چولپانلىرى، گىمناستىكا ماھىرلىرى، ئېغىرلىق كۆتىرىش باتۇرلىرى ۋە چېلىشىش ئۇستىلىرى يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.
جالال قاسىم بۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ھازىر شىۋېتسىيەدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن چېلىشىش ماھىرى بولۇپ، ئۇ چېلىشىش ساھەسىدە شىۋېتسىيە ۋە ئىسكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ خەلقئارالىق مۇسابىقىلاردا زەپەر قۇچۇشقا تەييار تۇرماقتا.
ئۇ زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ چېلىشىش مۇسابىقىلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە كەلگۈسى ئارمانلىرى ھەققىدە توختالدى.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ جالال قاسىم بىلەن قىلغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاۋسترالىيىدە، ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈر چامباشچى ئابدۇللا تاران
- ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا نېمىلەر توسالغۇ بولىۋاتىدۇ؟
- ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى قىيىنچىلىقلاردا ئىلگىرلىمەكتە
- تۈرك دۇنياسى زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 3 – لىككە ئېرىشتى
- قىرغىز قىزى ئاسىل ئۇيغۇر تارىخىنى شەرھلەپ بىرىنجى بولدى
- قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار تەنتەربىيە ساھەسىدە رىقابەتلەشمەكتە
- ئىپارخان شۋېتسىيە ئۆسمۈر پۇتبول چولپىنىغا ئايلاندى
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر چېمپىيون ئابدىرېشىت دۇگانوف يەنە مۇسابىقىگە قاتناشماقچى
- بېلگىيىدىمۇ ئۇيغۇر چېمپىيونى بار