ئۇيغۇر يېزا، كەنت كادىرلىرى مۇقىملىقنى ساقلاشقا چېنىقتۇرۇلماقتا


2005.04.04

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا، كەنت كادىرلىرىنى ئۆز جايىدىن باشقا يۇرتلارغا يۆتكەش ۋە يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ بىر- ئىككى يىل چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تېخىمۇ ئاكتىپ خىزمەت قىلدۇرۇشقا تەييارلىماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەۋەر تور بەتلىرىدىن ئىگە بولۇشىمىزچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ھەم ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەمدە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە، 1999 - يىلدىن بۇيان جەمئىي 3300دىن كۆپرەك يېزا، كەنت كادىرلىرىنى باشقا ئۆلكە ھەم شەھەرلەرگە چېنىقىشقا ئەۋەتكەن بولۇپ، يېقىندا يەنە قەشقەرنىڭ ھەر قايسى ناھىيە يېزىلىرىدىن تاللانغان يۈز نەپەر مىللىي يېزا، كەنت كادىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى جايلارغا ئىككى يىللىق چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.