بېيجىڭ: تەيۋەننىڭ خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى "ئېغىر ئېغۋاگەرچىلىك"
2006.02.28

سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ دائىرىلىرى پرېزىدېنت چېن شۈيبيەننىڭ قارارىغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ ھەرىكىتىنى "مۇستەقىللىق يولىدىكى خەتەرلىك قەدەم" ۋە " ئېغىر دەرىجىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك " دەپ ئاتىدى. ئەمما پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن سەيشەنبە كۈنى - 28 فېۋرال ۋەقەسىنىڭ 59 - يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى ئاقلاپ، "دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش پروگراممىسى خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالدى. چۈنكى بۇ تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆز كېلەچىكىگە قارار بېرىش ھوقۇقىنى چەكلەپ قويغان" دېدى.
خىتاي: ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى چېن شۈيبيەننىڭ ھەرىكىتىنى "ئېغىر دەرىجىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك " دەپ ئەيىبلىگەن. خۇ جىنتاۋ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان شۋېتسارىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، بېيجىڭنىڭ تەيۋەن مەسىلىدىكى تەھدىت ئارىلاشقان كلاسسىك ئۇسلۇبىنى تەكرارلاپ، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ قارارى بىر جۇڭگو پرىنسىپى ۋە تەيۋەن بوغىزىنىڭ مۇقىملىقىغا قارىتىلغان "ئېغىر دەرىجىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك" دەيدۇ.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى خۇ جىنتاۋنىڭ جۇڭگو "تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، تەيۋەننىڭ ۋەتەندىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشىگە قەتئى يول قويمايدۇ " دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئۇ، چېن شۈيبيەننى تارىخنىڭ ئېقىمىنى كەينىگە بۇرىماقچى بولغان ئادەم، دەپ ئاتىغان. خۇ جىنتاۋ، "تارىخنىڭ ئېقىمىنى كەينىگە بۇراشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق كىشى مەغلۇبىيەت تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ" دەيدۇ.
تەيۋەننىڭ ئىرادىسى
تەيۋەننىڭ كېلەچىكىنى يېقىنقى 60 يىلدىن بېرى تەيۋەنگە قەدەم بېسىپ باقمىغان بېيجىڭ دائىرىلىرى ئەمەس، 23 مىليون تەيۋەن خەلقى بەلگىلەش كېرەك.
ئەمما چېن شۈيبيەن، شۇ كۈنى يەرلىك تەيۋەنلىكلەر 1947 - يىلى جاڭ كەيشى ۋە ئۇنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان 28 - فېۋرال ۋەقەسىنىڭ 59 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى ۋە پروگراممىسىنىڭ مەشغۇلاتىنى توختىتىشنى تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى "ئاخىرقى قارارى" دېدى. چېن شۈيبيەن پروگراممىدا "بىرلىككە كېلىشنى بىردىن - بىر تاللاش يولى، دەپ بېكىتىش خەلقنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىنى تارتىۋالغانلىقتۇر" دەيدۇ.
28 - فېۋرال ۋەقەسى ياپونىيە 1945 - يىلى تەسلىم بولغاندىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ئۆتكۈزۈۋېلىپ 2 يىلدىن كېيىن يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا 28 مىڭ تەيۋەنلىك گومىنداڭ قىسىملىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان ئىدى.
مۇراسىمدا بەزى كىشىلەرنى 28 - فېۋرال ۋەقەسىنىڭ تارىخىي پاكىتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن چېن شۈيبيەن، " ۋەقەدە ۋارۋارلار ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يەرلىكلەرگە قارىتا سىستېمىلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلدى" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ئۆتكەن ھەپتە جاڭ كەيشىنى "ۋەقەنىڭ باش جاۋابكارى ۋە ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك" دەپ ئەيىبلىگەن.
1949 - يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان كومپارتىيە دائىرىلىرى ھازىرغىچە تەيۋەننى ئىدارە قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما تەيۋەنگە قارىتا ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكالىسا ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.
پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن ۋە ئۇنىڭ دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ قارىشىچە، تەيۋەننىڭ كېلەچىكىنى يېقىنقى 60 يىلدىن بېرى تەيۋەنگە قەدەم بېسىپ باقمىغان بېيجىڭ دائىرىلىرى ئەمەس، 23 مىليون تەيۋەن خەلقى بەلگىلەش كېرەك.
خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى تەيۋەن دائىرىلىرىنى ئەيىبلەشنىڭ سەل ئالدىدا، خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ تەيۋەن ئىشلار ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، "چېن شۈيبيەننىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەيۋەننى قانۇنىي جەھەتتىن مۇستەقىل قىلىش ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توساش، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە جىددىي ۋەزىپىمىز" دەپ جاكارلىدى.
ئامېرىكىنىڭ مەيدانى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى "بۆلگۈنچى كۈچلەر" گە خاتا سىگنال بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چېن شۈيبيەن دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنى بىكار قىلمىغان، بەلكى ئۇنىڭ خىزمەت مەشغۇلاتىنى توڭلاتقان.
ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى مىكلىلان، چېن شۈيبيەن 2000 - ۋە 2004 - يىللىرى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش نۇتۇقىدا تەيۋەن بوغىزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتمەسلىككە ۋەدە قىلغان سۆزلىرىنى تەكىتلىدى، دېدى. مىكلىلان ئامېرىكىنىڭ بۇ ۋەدىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بىزنىڭچە ھەر قانداق بىر تەرەپ ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. چېن شۈيبيەن ئىككى قىرغاق ئارىسىدىكى تىنچلىق ۋەمۇقىملىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تەيۋەن بوغىزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ئۆزگەرتمەسلىك توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى تەكىتلىدى. بىز بۇنى قارشى ئالىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېيجىڭنىڭ سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن تەيۋەن رەھبەرلىرى بىلەن ئەھمىيەتلىك سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىنى، ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىنى تەكىتلەيمىز،" دەيدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادام ئەرەلىي شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا،" بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، چېن شۈيبيەن دۈلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ تەيۋەن بوغىزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك ھەققىدىكى ۋەدىسىنى تەكرارلىدى. بىز ئۇنىڭ بۇ ۋەدىسىگە ئەھمىيەت بېرىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىمىز " دەپ كۆرسەتتى. ئادام ئەرەلىي بىر مۇخبىرنىڭ تەيۋەن تەرەپ خىتايچە " توختىتىلدى " دېگەن سۆز قوللانغان. مەن " توختىتىلىش" بىلەن " ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش" دېگەن سۆزلەر ئارىسىدا قانداق پەرق بارلىقىنى كۆرۈپ يىتەلمىدىم، دېگەن سۇئالىغا ئۆزىنىڭ خىتايچە بىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،" بىزنىڭ بىلىشىمىزچە دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان، بەلكى توڭلىتىلغان " دەپ جاۋاب بەردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چېن شۇيبيەننىڭ'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇش' قارارى
- تەيۋەندىكى ناھىيە-شەھەر باشلىقلىرى سايلىمىدا خىتاي نېمە ئۈچۈن ئېھتىياتچان ؟
- تەيۋەن "جۇڭخۇا مىنگو" چىلارنى ھامان قوغلاپ چىقىرىدۇ
- خىتاي كانادانىڭ "تەيۋەن ئىشلىرى قانۇنى" لايىھىسىگە قارشىلىقىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكىنى "بىر جۇڭگو" سىياسىتىگە قايتا باھا بېرىشكە چاقىردى
- تەيۋەن ب د ت غا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا قارار لايىھىسى سۇندى