بىرلىكچىلەر چېن شۇيبىەننى يىقىتىش ھەرىكىتى قوزغاۋاتقاندا، مۇستەقىلچىلەر تەيۋەن دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىنى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزگەن

"مەركىزى ئاگېنتلىقى"نىڭ 8 ‏- سېنتەبىر كۈنى تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە ھازىر پرېزىدېنت چېن شۇيبىەننى يىقىتىش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى ئويۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبىەننى يىقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان جىم ئولتۇرۇش نامايىشى 9 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى باشلىنىدۇ. تەخمىنلىنىشىچە، بۇ جىم ئولتۇرۇش نامايىشىغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى 30 مىڭغا يېتىدىكەن. بۇ ھازىر تەيۋەندە "بىر پەۋقۇلئاددە ۋەقە" بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقاندا، بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، تەيۋەننىڭ يەرلىك خەلقى، يەنى مۇستەقىلچىلەرنىڭ تەيۋەن دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىنى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزگەنلىكى كىشىلەردە تېخىمۇ چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە پرېزىدېنت چېن شۇيبىەننى يىقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان جىم ئولتۇرۇش نامايىشى باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 9 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، تەيۋەننىڭ يەرلىك خەلقى، يەنى مۇستەقىلچىلەر پرېزىدېنت مەھكىمىسى ئالدىدا تەيۋەن دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىنى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمغا 10 مىڭ كىشى قاتناشقان. تەيۋەننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىنمۇ 100 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل يەرلىك تەيۋەنلىك خەلق كېلىپ قاتناشقان. تەيۋەن دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىدا، تەيۋەن مىنجىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يۇ شىكېن ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇ تەيۋەن خەلقىنى ئۆز زېمىنىنى، ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن مۇستەقىللىققا چاقىرغان. ئەمما بۈگۈن چېن شۇيبىەننى قوللىغۇچىلار بىلەن چېن شۇيبىەننى يىقىتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيە 1951 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى "سانفرانسېسكو ئەھدىنامىسى"غا ئىمزا قويۇپ، تەيۋەنگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن باشلانغان "سەككىزىنچى سېنتەبىر تەيۋەن دۆلىتى ھەرىكىتى" باشتىن ئاخىر تەيۋەننى يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلىتى دەپ قاراپ كەلمەكتە. بۇ تەشكىلات يەنە 2008 ‏- يىلى پۈتۈن تەيۋەن ئارىلىدا 3 مىليون ئادەم قولنى -قولغا تۇتۇشۇپ ئاساسى قانۇن تۈزۈش، تەيۋەننىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى بەلگىلىگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى ئۆكتىچىلەر پرېزىدېنت چېن شۇيبىەننى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى يىقىتىدىغان ھەرىكەت قوزغاۋاتقاندا تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن 2000 ساقچى ئورۇنلاشتۇرغان. 600 ئورۇننى سىم توساق ئىچىگە ئېلىپ قوغداشنى بەلگىلەنگەن. شۇنداقلا يەنە، تەيۋەن دائىرىلىرى 9 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى چېن يۇنلىننىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئالى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ بۇ قېتىم تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدا بۇلتۇر 10 ‏- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە بېكىتىلگەن ئىكەن.

ئەركىنلىك، دېموكراتىيە بولسا مۇستەقىل بولغىلى بولىدۇ

ھازىر تەيۋەندە تۇرىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان لىن باۋخۇا ئەپەندى چېن شۇيبىەننى يىقىتىش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تەيۋەندىكى يەرلىك خەلقنىڭ، يەنى مۇستەقىلچىلەرنىڭ تەيۋەن دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىنى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزگەنلىكى كىشىلەردە ناھايىتى چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ھازىر تەيۋەندە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزە قىلىشىچە، )ئاۋاز( ھازىر تەيۋەندە چېن شۇيبىەننى يىقىتقۇچىلار خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرىمىز دەيدۇ. گومىنداڭ مىنجىنداڭنى خىيانەتچى دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە گومىنداڭ خىيانەتچىلىك قىلىۋاتقىلى ناھايىتى ئۇزۇن يىللار بولۇپ قالغانلىقى بىر سىر ئەمەس. مىنجىنداڭ خىيانەت قىلسا گومىنداڭنىڭ مۈلكىنى قىلىدۇ. ئۇ مۈلۈكنى گومىنداڭ، خۇددى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيە "ئومۇم خەلق مۈلۈكچىلىكى" دېگەن نام بىلەن خەلقنى بولاپ تاپقاندەك تاپقان. چېن شۇيبىەننى قوللايدىغانلار بولسا تەيۋەننىڭ يەرلىك خەلقى، يەنى مۇستەقىلچىلەر، ئۇلارنىڭ كۆزلىگىنى ئەركىنلىك دېموكراتىيە. چۈنكى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە بولسا مۇستەقىل بولغىلى بولىدۇ . شۇڭلاشقا ئۇلار خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ تەيۋەندىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى يوق قىلىشىغا، كوممۇنىست پارتىيە بىلەن بىرلىشىشىگە يول قويمايدۇ.

خۇددى خىتاي ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىغا قارشى تۇرغاندەك، گومىنداڭمۇ تەيۋەندىكى دېموكراتىيىدىن پايدىلانماقچى بولىۋاتىدۇ

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن قارا گۇرۇھلار، مەسىلەن "جوڭخۇانى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسى" دېگەن تەشكىلاتنىڭ باشلىقلىرى تەيۋەندىن چوڭ قۇرۇقلۇققا قېچىپ بېرىپ تىجارەت قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. كوممۇنىست پارتىيە بىلەن قارا گۇرۇھلار ئەسلىدە بىر جەمەت. ھازىر شۇ كىشىلەر تەيۋەندە چېن شۇيبىەننى يىقىتىش جىم ئولتۇرۇش نامايىشىغا قول سېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ "خەلقنىڭ ھاياتىنى قوغدايمىز" دەيدىغان شۇئارى بار تېخى! ئەمەلىيەتتە ئۇلار تەيۋەندە زوراۋانلىق ھەرىكەت قوزغىماقچى. تەيۋەندە قەرزىنى تۆلىمەي چوڭ قۇرۇقلۇققا قېچىپ كەتكەن قارا گۇرۇھلار ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتا ياكى باشقا جايلاردا تۇرۇپ بۇ ئىشقا قول سېلىۋاتىدۇ. چېن شۇيبيەندە دۆلەتنى باشقۇرۇشتا قابىلىيەتسىزلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ خۇتۇن -بالىلىرى سادىر قىلغان خاتالىقلارمۇ بار . ئۇ بەزىدە مەخپى دىپلوماتىيە ئۈچۈن پۇل ئىشلەتكەن ئەھۋال بار. ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسى خىيانىتى يوق. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىشنىڭ كەينىدە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بار. خۇددى خىتاي ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇۋاتقاندەك، تەيۋەندىكى گومىنداڭمۇ تەيۋەندىكى ھازىر قى دېموكراتىيىدىن پايدىلىنىپ تەيۋەننىڭ ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالماقچى بولىۋاتىدۇ. (ۋەلى)