
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 28 - سېنتەبىر كۈنى تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن مىنجىنداڭ پارتيىىسنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتە سۆز قىلىپ "تەيۋەندە ئاساسىي قانۇننى يېڭىلاش، گومىنداڭنىڭ خەلقنى بۇلاپ تاپقان مۈلكىنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا 'تەيۋەن' دېگەن نام بىلەن ئەزا بولۇپ كىرىشتىن ئىبارەت 3 مەقسەتكە يېتىش"نى تەشەببۇس قىلغان.
جاڭ كەيشى تەيۋەن خەلقىنى ئۆز ئەركىنلىكىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرغان ئىدى
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبىەن مىنجىنداڭ پارتيىىسنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى سۆزلىگەن نۇتىقىدا 'چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 1971 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى تەيۋەن پرېزىدېنتى جاڭ كەيشى 'خەنزۇ مىللىتىدە باندىتلار بىلەن بىر چاپان كېيمەيدىغان ئەنئەنە بار، شۇڭلاشقا جوڭخۇا مىنگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كوممۇنىست پارتىيە بىلەن بىللە تۇرماي، بۇ تەشكىلاتتىن چىقىپ كېتىشى كېرەك' دېگەن تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا، پۈتۈن تەيۋەن خەلقىنى ئۆز ئەركىنلىكىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرغان ئىدى. ئەمدى تەيۋەن خەلقى بۇ ھەقتە ئۆز رايى بىلەن قارار چىقىرىدۇ' دەپ جاكارلىغان.
'تەيۋەن بىلەن جوڭگو پۈتۈنلەي بىر-بىرىگە چېتىلمايدىغان ئىككى دۆلەت'
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبىەن مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەندە 'تەيۋەن دېگەن تەيۋەن، جوڭگو دېگەن جوڭگو، بۇ ئىككسى بىر دۆلەت ئەمەس، پۈتۈنلەي بىر-بىرىگە چېتىلمايدىغان ئىككى دۆلەت، بۇ تەيۋەن خەلقىنىڭ يۈرەك سۆزى ۋە ئۆزگەرمەس قاياشى'، 'تەيۋەن 1949 - يىلىدىكى ئۇرۇشتا بۆلۈنۈپ چىققان، شۇنىڭدىن تارتىپ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھەر قانداق بىر ھاكىمىيەت تەيۋەننى ئىدارە قىلىپ باقمىدى. ھازىر تەيۋەن ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجايىنلىق قىلىۋاتقان بىر دېموكراتىك ئارال' دېگەن. پرېزىدېنت چېن شۇيبىەن مىنجنداڭ پارتيىىسنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى ئېلىپ بارغان پائالىيىتىگە قاتنىشىپ سۆز قىلىۋاتقاندا، چېن شۇيبىەننى يىقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 'قىزىل نامايىش' داۋاملىشىپ 19 - كۈنىگە قەدەم قويغان ئىدى. ھازىر بۇ نامايىشىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى 500 ئەتراپىدا. نامايىش باشلانغان كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشقا قاتناشقان ئادەمنىڭ 65% ى چېن شۇيبىەننى تەختتىن چۈشۈپ كېتىشى كېرەك، دەپ قارىغان بولسىمۇ، ھازىر بۇ نىسبەت 48% گە چۈشۈپ قالغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىدا بەزى كىشىلەر ھېلىمۇ تەيۋەندە قوزغىتىلغان چېن شۇيبىەننى يىقىتىش نامايىش جەريانىدا چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن سۈركۈلۈش كېلىپ چىقىپ، بۇ ئۇرۇشقا ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
چىن گاڭ: تەيۋەن جوڭگونىڭ بىر قىسمى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 28 - سېنتەبىر كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەندە 'دۇنيادا پەقەت بىرلا جوڭگو بار، تەيۋەن جوڭگونىڭ بىر قىسمى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىگىلىك ھوقۇقى بار دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتى، ئۇنىڭغا تەيۋەننىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بىز تەيۋەننىڭ ھەر قانداق نام بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىشىغا يول قويمايمىز' دېگەن.
2000 - يىلىدىن كېيىن تەيۋەندە ئىلگىرىلەش بولدى، چېكىنىش بولمىدى
'مەركىزى ئاگېتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دېڭخۇي ئەپەندىمۇ بۇ كۈندە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ 'مىنى بەزىلەر جوڭخۇا مىنگونىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ياخشى ئۆزگەرتمەي قالايمىقان قىلىۋەتكەن ، دەۋاتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتىكى شارائىتتا شۇنچىلىكلا قىلغىلى بولاتتى. 2000 - يىلىدىن كېيىن، تەيۋەندە ئىلگىرىلەش بولدى، چېكىنىش بولمىدى. تەيۋەننى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش قەدەممۇ -قەدەم ئىشقا ئاشىدۇ. 1988- يىلىدىكى ئىسلاھاتتا، تەيۋەندىكى يەرلىك ئېقىمنى ئۆزگەرتىش ئاساس قىلىنغان ئىدى، ھازىر ئاساسى ئېقىمنى ئۆزگەرتىش ئاساس قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا تەيۋەننىڭ ئەسلىدىكى نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قانۇندىكى نامۇۋاپىق جايلارنى ئۆزگەرتمەي بولمايدۇ' دېگەن. (ۋەلى)