چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (2)


2006.04.07

مايىڭجيۇ ئەپەندىنىڭ ئامېرىكىغا سەپىرى

تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ يېڭى رەئىسى ما يىڭجيۇ ئەپەندى 3 ‏- ئاينىڭ 19 ‏- كۈنىدىن 29 ‏- كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، نيۇيورك، لوس ئانجىلىس شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ما يىڭجيۇ ئەپەندى تەيۋەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئاشكارىلىدى. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبىتى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش ئالدىدا تۇرغاندا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى. بۇ سۆھبەت ئارقىلىق كىشىلەر تەيۋەندىكى كۆكچىلەر بىلەن يېشىلچىلارنىڭ كۆز قارىشىدا قانداق ئورتاق نوقتىلار ۋە يەنە قانداق ئوخشىمايدىغان نوقتىلارنىڭ بارلىقىنى بىرقەدەر ئېنىق چۈشەنمەكتە.

مايىڭجيۇ ئەپەندى تەيۋەن مەسىلىسىگە بولغان قارىشىنى بىلدۈردى

ما يىڭجيۇ: تەيۋەندە 'ئانا ئوت يېقىپ بالىنى كۆيدۈرىدىغان ئىش' چىقمىسا دېمەكچىمەن ‏92 ‏- يىلىدىكى 'ئورتاق چۈشەنچە' دېگەننى كىشىلەرنىڭ نېمە دەپ ئاتايدىغانلىقىدىن قەتئىي نەزەر، ‏-‏-‏-‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ما يىڭجيۇ ئەپەندى، ‏-‏-‏-‏- 'بىر جۇڭگو' دېگەن بۇ ئورتاق چۈشەنچە ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان. ئەگەر پرېزىدېنت چېن شۇيبيەن ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلا بولسا، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقى بىلەن كارىمىز يوق، ئۇلار قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، بۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى بولىدۇ، ‏-‏-‏-دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ما يىڭجيۇ ،‏-‏-‏- ئەگەر پرېزىدېنت لى دېڭخۇينىڭ تەشەببۇسى بويىچە پەيدا بولغان 92‏ ‏- يىلىدىكى ئورتاق چۈشەنچە بولمىسا، 93 ‏- يىلىدىكى سىنگاپور سۆھبىتى بولمايتتى. بولتۇرقى ليەن جەن ئەپەندى بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ سۆھبىتىمۇ بولمايتتى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ مەسىلىسىگە كەلسەك، ‏-‏-‏- دەيدۇ ما يىڭجيۇ، ‏-‏-‏-‏- چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بىزگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئۆزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقاندا، بىز ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەي، بەلكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان ۋەتەنپەرۋەر بومبا سېتىۋالساقلا بولامدۇ؟ بۇ قانداق سىياسەت قوللىنىش مەسىلىسىگە تاقىلىدۇ. 'بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنىنى بىكار قىلىش' دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ‏-‏-‏- دەيدۇ ما يىڭجيۇ ئەپەندى ، ‏-‏-‏- پرېزىدېنت چېن شۇيبيەن بۇ ئىشتا چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپتىن تەيۋەنگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ھادىسە بۇلتۇر يۈز بەردى. چېن شۇيبيەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ 'بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنىنى بىكار قىلىش' نى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلدى. ئامېرىكىمۇ بىزگە بىرلىككە كەلتۈرۈش جەمئىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، دېدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، چېن شۇيبيەن يەنە بۇنداق ۋاستە قوللانمىسا زادى بولمامتى؟ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ 'تەيۋەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس زېمىنى' دېگىنىگە بىز قوشۇلمايمىز. بۇ ھەقتە خۇ جىنتاۋمۇ ليەن جەنگە ۋەدە بەرگەن. پرېزىدېنت چېن شۇيبيەنمۇ بۇ يولنى سىناپ باقسا بولمامدۇ؟ ‏-‏-‏-دەيدۇ ما يىڭجيۇ ئەپەندى، ‏-‏-‏- بىزگە زۆرۈر بولغىنى بىر تەرەپتىن سىياسىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ جىددىيلىكنى پەسەيتىش، يەنە بىر تەرەپتىن ھەربىي قورال سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت. گومىنداڭ پارتىيىسى قورال سېتىۋېلىشقا قارشى تۇرمايدۇ. سىياسىي جەھەتتە چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپتىن توسالغۇ بولسا، يولنى گومىنداڭ ئاچسۇن. بىز ھەر ئىككىلىمىز تەيۋەننى سۆيىمىز، تەيۋەننىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنىقى ئورۇنغا قويىمىز. پرېزىدېنت چېن شۇيبيەن 'كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ' دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە گومىنداڭ ئۇلار بىلەن ئۇزۇن يىل ئېلىشقان، بىز ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى بىلىمىز. ھازىر تەيۋەندىكى سودىگەرلەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ قۇرۇقلۇققا ، ئىستىمالنى تەيۋەنگە ئورۇنلاشتۇرماقتا. بۇ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق. ئەگەر قاتناش قولايسىزلاشسا، ئىشقا دەخل يېتىپ، ئۇلار پۈتۈنلەي چوڭ قۇرۇقلۇققا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولمامدۇ؟ مېنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ چېن شۇيبيەن ئەپەندى بىلەن سۆزلىشىشىمگە كۆكچىلەر قوشۇلمايدۇ. ‏-‏-‏- دەيدۇ ما يىڭجيۇ ئەپەندى، ‏-‏-‏-‏- ئەمما مەن يەنىلا پرېزىدېنت چېن شۇيبيەنگە چۈشەنچە بېرىشنى قارار قىلدىم. راستىنى ئېيتقاندا، ھازىر تەيۋەن خەلقى 'بىرلىك' ياكى 'مۇستەقىللىق' دېگەن تېمىدا مۇنازىرە قىلىپلا ئولتۇرۇشنى خالىمايدۇ. ھازىر تەيۋەندە 38 چوڭ شىركەت داۋاملىق تەيۋەندە تۇرۇشنى خالىماي، خوڭكوڭدىكى پاي بازىرىغا كىردى. پرېزىدېنت چېن شۇيبيەن ھوقۇق تۇتۇۋاتقان ئاخىرقى ئىككى يىلىدا ئىقتىسادىي جەھەتتە چوڭراق ئىش قىلىپ، تەيۋەننى جانلاندۇرسا ، ئۆزىمىزنىڭ بۇ دۆلىتىدە 'ئانا ئوت يېقىپ بالىنى كۆيدۈرىدىغان ئىش' چىقمىسا دېمەكچىمەن.

‏چېن شۇيبيەن ئەپەندىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدىكى قارىشى

‏چېن شۇيبيەن: گومىنداڭ پارتىيىسى كوممۇنىستلارنىڭ يېڭى قىلتىقىغا چۈشۈپ قالمىغاي، دېمەكچىمەن رەئىس ما يىڭجيۇغا رەھمەت، -‏-‏- دەيدۇ تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن، ‏-‏-‏-‏- تەيۋەن دېگەن ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتى. بۇ دۆلەتتە بىز ئۈچۈن ھازىر 'بىرلىك' ياكى 'مۇستەقىللىق' دېگەن تېمىدا مۇنازىرە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. قورال سېتىۋېلىش، ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش دېگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى تەيۋەندىكى دېموكراتىيە ئۈچۈن. ئەمما چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ‏-‏-‏-دەيدۇ چېن شۇيبيەن، ‏-‏-‏- 'تەيۋەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇقەددەس زېمىنى' دەپ يېزىلغانلىقىنى رەئىس ما يىڭجيۇ ئېنىق بىلىدۇ. بۇنداق مۇئەييەن ئىبارىنى كۆرمەسلىككە سېلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا، بىز ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى تەيۋەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ، تەيۋەندىكى دېموكراتىيىنى قوغداش ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ. 92 ‏- يىلىدىكى 'ئورتاق چۈشەنچە' دېگەن مەسىلىگە كەلسەك. پىكىرنى قانداق سۆز بىلەن ئىپادىلەش مۇھىم ئەمەس، ئاساسىي قانۇن تەرتىۋى بۇيىچە ئىش قىلىش مۇھىم. ئەمەلىيەتتە شۇ 'ئورتاق چۈشەنچە'دە گومىنداڭ پارتىيىسى ئۆزى 'بىر جۇڭگونى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز چۈشەنچىسى بۇيىچە ئىپادىلەيدۇ' دېگەن ئىدى. مەن پرېزىدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئورتاق چۈشەنچىگە قوشۇلىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ جەھەتتە تەيۋەندىكى مىنجىڭداڭ ۋە گومىنداڭ پارتىيىلىرى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كومۇنىستىك پارتىيە ئوتتۇرىسىدا ھېچبىر ئورتاق چۈشەنچە بولغان ئەمەس. لېكىن ليەنجەن ئەپەندى شاڭخەيگە بارغاندا، خۇجىنتاۋ 'بىر جۇڭگونى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز چۈشەنچىسى بۇيىچە ئىپادىلەش'كە قوشۇلدى دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنمۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ گەپنى ئەمەس، بەلكى كونا گېپىنى سىجىل داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. گومىنداڭ پارتىيىىسى بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، بۇ مەسىلىدە بىزنى ئەيىبلىسە، بۇنداق ئەيىبلەش تەيۋەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئادىل بولمايدۇ. مەن بۇ مەسىلىدە، گومىنداڭ پارتىيىسى كوممۇنىستلارنىڭ يېڭى قىلتىقىغا چۈشۈپ قالمىغاي، دېمەكچىمەن. (داۋامى بار) (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.