چېن شۇيبيەننىڭدۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارى


2006.02.27

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن 2 ‏- ئاينىڭ 22 - كۈنى، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئالىي يىغىنىدا دۆلەتنى 'بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى' دېگەن ئورگاننى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، ‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ 'فرانسىيە ئاگېنتلىقى'نىڭ 27 ‏-فېۋرال كۈنى بەرگەن خەۋەرىدە. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ‏- چېن شۇيبيەن بۇ قارارنى ئېلان قىلغاندا يەنە 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش باش پرىنسىپى' دېگەن پرىنسىپمۇ بۇنىڭغا قوشۇپ تەڭ بىكار قىلىنىدۇ دەپ ئەسكەرتكەن. بۇ قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا، تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئارىسىدىكى بۇنىڭغا دائىر ئىشلارغا كېتىدىغان خىراجەت تۇختىتىلغان. چېن شۇيبيەننىڭ بۇ قارارىدىن كېيىن تەيۋەن- خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى تالاش -تارتىش باشلانغان.

خىتاينىڭ ئىنكاسى

'ب ب س' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان ئىككى چوڭ ئورگىنى 26 ‏- فېۋرال كۈنى بېيجىڭدە بايانات ئېلان قىلىپ 'چېن شۇيبيەننىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى بىكار قىلىش قارارى تەيۋەن بوغىزىنىڭ تىنچلىقىنى بۇزدى' دەپ ئەيىبلىگەن.

'رويترس ئاگېنتلىقى' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنتى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا "چېن شۇيبيەننىڭ 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى بىكار قىلىش' دېگەن ھەرىكىتى تەيۋەندە ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىشنى كۆزلەيدۇ. چېن شۇيبيەننىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى دەرىجە ئۆرلىتىش ئۈچۈن قوللانغان بۇنداق ھەرىكىتى تەيۋەن بوغىزى رايونىدا ئېغىر كرىزىس پەيدا قىلىدۇ ۋە تەيۋەن بوغىزىنىڭ تىنچ -مۇقىملىقىنى بۇزىدۇ" دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ باياناتتا يەنە چېن شۇيبيەنگە "دەرھال بۇنداق خەتەرلىك يولدىن كەينىگە چېكىنىشى كېرەك"دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

تەيۋەننىڭ ئىنكاسى

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتىمۇ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلىشىگە جاۋابەن بايانات ئېلان قىلىپ "كوممۇنست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 3 ‏- ئايدا 'بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى ' دېگەن بىر قانۇننى ئۆزلىرى ماقۇللاپ، شۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى ھەدەپ تىزلىىتشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قانۇن ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلدى. تەيۋەن خەلقىنىڭ دىلىنى ئاغرىتتى. شەرقىي ئاسىيانىڭ رايون دائىرىلىك تىنچلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلق ئۆزى بەلگىلەيدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى بەلگىلەش ھوقۇقى يوق' دەپ قايتا تەكىتلىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن يېقىندا يەنە 'بىرلىككە كەلتۈرۈشنى بىكار قىلىش'نىڭ كونكرېت ۋاقىت جەدىۋىلىنى ئېلان قىلىدىكەن.

'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن ئۆتكەن ھەپتىدە تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئالىي يىغىنىدا 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى' دېگەن ئورگاننى ۋە 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش باش پرىنسىپى' دېگەن پرىنسىپنى بىكار قىلىش قارارىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، 27 ‏- فېۋرال كۈنى، تەيۋەن پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىبى چېن تاڭسەن بىلەن تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باش كاتىبى چىن يىرېنلار مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن.

ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسى

بۇ ئىككى باش كاتىبنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن ئۆتكەن ھەپتىدە 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى' دېگەن ئورگاننى ۋە 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش باش پرىنسىپى' دېگەن پرىنسىپنى بىكار قىلىش'نى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكنىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. چېن شۇيبيەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بۇ قارارنىڭ تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغان قارار ئەمەسلىكى ھەققىدە تەپسىلىي ئىزاھات بەرگەن. ئاخىرقى ھېسابتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چېن شۇيبيەننىڭ بۇ قارارىنى توسالمىغان. ئەمما چېن شۇيبيەن بۇ قاراردىكى 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى' دېگەن ئورگاننى ۋە 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش باش پرىنسىپى' دېگەن پرىنسىپنى بىكار قىلىش دېگەن سۆزنى 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى' دېگەن ئورگاننى ۋە 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش باش پرىنسىپى' دېگەن پرىنسىپنى ئاياقلاشتۇرۇش ' دەپ ئاتاشقا ئۆزگەرتكەن. قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق ئاتاش قانۇنىي ئۇقۇمغا توغرا كېلىدىكەن.

ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ ھەقتە "يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى"دا ئوبزور ئېلان قىلىپ "پەقەت كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قاراتقان دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى توختاتسىلا ، ئاندىن تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ" دەپ مۇلاھىزە قىلغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.