ئاۋسترالىيە، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي دېپلوماتىنىڭ ئىلتىماسىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى


2005.06.13

37 ياشلىق چېن يوڭلىن خىتاينىڭ سىدنىيدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ سىياسىي ئىشلار دىپلوماتى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 6 -ئايدا ئايالى ۋە بالا-چاقىرىلىرىنى ئېلىپ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ئەمما ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى ئەينى چاغدا رەت قىلىنغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ كېيىن، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە قوغداش ۋىزا ئىلتىماسىنى سۇنغان. نۆۋەتتە ئۇ مەزكۇر ئىلتىماس قوبۇل قىلىنغىچە، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىدنىي شەھىرىنىڭ مەلۇم بىر جايىدا مۆكۈنۈپ تۇرماقتا.

ئامېرىكا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ئاماندا ۋانستون دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، چېن يوڭلىننىڭ 6 -ئاينىڭ 3 - كۈنى ۋىزا ئىلتىماسىنى سۇنغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئۇنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كۈچلۈك چاقىرىق

چېن يوڭلىننىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيىدە 1000 دىن ئوشۇق جاسۇسىنىڭ بارلىقىنى پاش قىلىشى، ئاۋسترالىيىدە بىر مەيدان غۇل-غۇلا پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جاسۇسلار ھەتتا ئاۋسترالىيىدىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرى، فالۇنگوڭچىلار ۋە تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى سالاھىيىتى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇ باياناتىدا يەنە خىتاي خەلقىنى، "ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان پارتىيە زەنجىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش" قا چاقىرىپ، "دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، بىز خىتاي خەلقى نۆۋەتتە جىددىي ئېھتىياج بولىۋاتقان نەرسە. ھەممىمىز يۈرەكلىك ھالدا قولمۇ-قول تۇتۇشۇپ، كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىزگە ئېلىپ كېلىۋاتقان بارلىق تەھدىت ۋە قورقۇنچلارنى تاشلىۋېتەيلى" دېدى.

چېن يوڭلىن يېقىندا يەنە، ئامېرىكا 9 - تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھازىر ھەرگىزمۇ خىتايغا قايتالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلسە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاز دېگەندە 10 يىل قاماق ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چېن يوڭلىننىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشى قانۇنسىز قىلمىش

ھۆكۈمەتنىڭ، چېن يوڭلىننىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشى، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە مەتبۇئاتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە ئاۋسترالىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بوب برون، ھۆكۈمەتنىڭ چېننىڭ ئىلتىماسىنى تولىمۇ ئاستا بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، چېن يوڭلىننىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، خىتاي كونسولخانىسىغا خەۋەر بېرىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق قانۇن مۇتەخەسسىسى شياڭ شياۋجى بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىماسلىق بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بۇ دۆلەتلەردە ئادەتتە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلانمايدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىنى ئالايلى، بۇ يەردىمۇ ھەر يىلى نۇرغۇن كىشىلەر سىياسىي پاناھلىق تىلەيدۇ. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە پاناھلىق تىلەش سەۋەپلىرىنى مەخپىي تۇتىدۇ. ئادەتتە پاناھلىق تىلىگەن شۇ كىشى ئۆزى باشتا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغىچە، ھۆكۈمەت ئۆزى ئالدى بىلەن بۇ مەلۇماتلارنى پاش قىلمايدۇ".

لېكىن ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى بۇ ھەقتە توختىلىپ، چېن يوڭلىن دەسلەپ پاناھلىق تىلىگەندە، ئۇنىڭغا ھېچقانداق خەتەر بولمىغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھازىر چېننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېن يوڭلىننىڭ دەسلەپكى ئىلتىماسى 24 سائەت ئىچىدە رەت بولغاندىن كېيىن، ئۇ 4 -ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئوچۇق قاتناشقان ھەمدە ئۇ يەردە بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيىدە مىڭدىن ئوشۇق خىتاي جاسۇسىنىڭ بارلىقىنى پاش قىلغان. شۇنداقلا ئۇ يەنە ئىنتېرنېتتە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىشنى تىزىملاتقان.

چېن يوڭلىننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى بولغان ئامېرىكىدىكى ئادۋۇكات ليۇ جۈنگو بۇ ھەقتە توختىلىپ، كەلگۈسىدە خەتەرگە يولۇقۇش ئېھتىماللىقى بولغاندىمۇ يەنە پاناھلىق تىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"سىياسىي پاناھلىق تىلەش ئادەتتە ئىككى خىل خەتەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. بىرى، ئۆتمۈشتىكى خەتەر. مەسىلەن، بۇرۇن تۈرمىدە يېتىپ چىققان ئەھۋاللار. يەنە بىرى بولسا، كەلگۈسىدە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان خەتەرلەر. ئۇ دېگەنلىك، سىز تۇرۇشلۇق دۆلەت تېخى سىزگە زىيانكەشلىك قىلىپ بولغۇچە، يەنە بىر دۆلەتكە قېچىپ چىقىۋالسىڭىز. شۇنداقلا سىزنىڭ بۇرۇن ياكى ھازىر ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيەتلىرىڭىز سەۋەبىدىن، سىز دۆلىتىڭىزگە قايتسىڭىز ئۇلار تەرىپىدىن جازالىنىش ئېھتىمالى بولغاندا سىز يەنە سىياسىي پاناھلىق تىلىيەلەيسىز".

چېن يوڭلىننىڭ مەيدانى

37 ياشلىق چېن يوڭلىن ئاۋسترالىيىدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا پەقەتلا چىداپ تۇرالمىغانلىقىدىن بۇ يولنى تاللىغانلىقىنى، گەرچە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ساتقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەتىنىنى داۋاملىق سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېن يوڭلىننىڭ پاناھلىق تىلىشى، ئاۋسترالىيە-خىتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى نازۇك مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككىلا تەرەپ چېننىڭ مەسىلىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فۇ يىڭ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، چېننىڭ جاسۇسلار توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ راست ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇ خىتايغا قايتىپ كەلسە، ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.