كانادا ھۆكۈمىتى قانۇن تۇرغۇزۇش ئارقىلىق خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرىنىڭ كانادا ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى سەتىۋەلىشىغا چەكلىمە قويماقچى.
كانادا ئەگەر چەتئەل كارخانىلىرى كانادانىڭ ئېنېرگىيە جان تومۇرىنى ئىگىلىۋالسا، كانادانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىماقتا. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ تەدبىر ئاساسلىق دۇنيا مىقياسىدا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈستىدە جىددى ئىزدىنىۋاتقان خىتايغا قارىتىلغان، شۇڭا بۇ كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تېخىمۇ سوغۇقلۇق ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ئەسكەرتمەكتە.
خىتاي ئىختىسادىنىڭ تىز يۈكسىلىشى بىلەن ئېنېرگىيىگە بولغان تەلەپلىرىمۇ بارغانسىرى ئېشىپ بارماقتا. ئۇ ئېنېرگىيىگە بولغان بۇ تەلەپلىرىنى چەتتىن كۆپلەپ نېفىت ۋە تەبىئى گاز ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق قامدىماقتا. خىتاينىڭ بىر پارتىيىلىك دىكتاتور تۈزۈمى ئەندىشىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرى Jim Flaherty تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىختىسادىي پىلاندا "بەزى چەتئەلنىڭ ئالاھىدە مەبلەغلىرى كانادانىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشى مۇمكىن، ئالايلۇق، چەتلە ھۆكۈمەتلىرى ئىگىدارچىلىقىدىكى، سودا مەنپەتلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويمىغان ۋە مەبلەغ سېلىش مەخسەتلىرى ئېنىق بولمىغان كارخانىلارنىڭ مەبلەغلىرى كانادا ئۈچۈن پايدىسىز"، دېيىلگەن.
گەرچە، بۇ پىلاندا ئوچۇق قىلىپ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئامما Jim Flaherty كانادا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىقى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرىنىڭ كانادادىكى بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەبلەغ سېلىش ۋە سېتىۋېلىش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ 2004 –يىلى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي مېتاللورگىيە شىركىتى كانادانىڭ ئەڭ چوڭ رەڭلىك مەتال شىركىتى بولغان نوراندانى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغاندا، ئەينى ئۆكتىچى پارتىيە بولغان كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادانىڭ تەبىئى بايلىق مەنبەسىنى ئىگىلىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بۇنىڭغا قارشى تۇرغانىدى"، دېگەن.
خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتا نوراندانى سېتىۋېلىش ھەركىتى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئاخىرى ئەمەلگە ئاشمىغان ھەمدە بۇ ۋەقە ئۇزۇنغىچە كانادادا غۇلغۇلا تېمىسى بولغانىدى.
خىتاينىڭ كۆزى ئالبېرتا شتاتىدىكى كان ۋە نېفىت مەنبەلىرىدە
كانادادا چىقىدىغان Glob and Mail گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە قانۇن تۈزۈش ئارقىلىق ، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىمەكچى بولىشى ئاساسلىقى ئالبېرتا شتاتىدىكى مول نېفىت زاپىسىنى قوغداش ئىكەن.
كانادانىڭ كان ۋە نېفىت مەنبەلىرى ئاساسەن ئالبېرتا شتاتىغا مەركەزلەشكەن. بۇ گېزىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرى ئالبېرتا شتاتىدىكى بەزى ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنى سېتىۋالغان ھەم بۇ شتاتتىكى نېفىت مەنبەلىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇلارنى ئورتاق ئېچىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يۇقىرىقى گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئېنېرگىيىدىن ئىبارەت جان تومۇر چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قولىدا بولسا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەن.
كانادا سودا ساھەسىدىكىلەر، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش كانادا خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىكىنىڭ بىر بەلگىسى. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلماقتا.
خىتايغا قارىتىلغان سىياسەت ئېنىق بولغىنى ياخشى
كانادا بروك ئۇنىۋېرسىتىنىڭ خىتاي مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور Charles Burton ئىلگىرىكى لىبېرال ھۆكۈمىتى دەۋرىدە گەرچە، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن ئۇچۇق توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بارلىق تىرىشقانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، ئامما بۇنىڭ ھېچقانداق ئەمىلى ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
"مېنىڭچە، كانادا يەنىلا يەنە بىر خىل سىياسەتنى يەنى جىمجىتلىق دىپلوماتىيىسى، دەپ ئاتالغان سىياسەتنى يۈرگۈزۈشى كېرەك. ئامما ئەينى ۋاقىتتا كانادا بۇ خىل سىياسەتنى قولىنىپمۇ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلمىگەن ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى سودىمۇ كاناداغا پايدىسىز بولغانىدى. ئامما كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانى باشقىچە بولماقتا".
ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئەنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى، كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرى ھەققىدىكى قېتئىي مەيدانى قاتارلىقلار كانادا ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.
Charles Burton "مېنىڭچە، ئەگەر بىز خىتايغا قارىتا دوستانە شۇنداقلا مەيدانىمىز ناھايىتى ئېنىق بولغان سىياسەتنى يولغا قويساق، بىز تېخىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە ئېرىشىمىز. ئۇزۇن مۇساپىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ساغلام راۋاجلىنىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ"، دەيدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىنى دەپ، كانادانىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى يەنى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك پرىنسىپلىرىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندى.
كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئامېرىكا ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك
كانادادىكى بايلىق مەنبەلىرىگە ھەرقايسى شىتاتلار ئۆزلىرى ئىگىدارچىلىق قىلسىمۇ، كانادا فەدەرال ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ھەرقايسى شىتاتلار بىلەن چەتئەل دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ھەققىدىكى كونكرېت بەلگىلىمىلەر ئۈستىدە جىددى مۇزاكىرە قىلماقتا.
كانادانىڭ "چەتئەل مەبلەغ سېلىش قانۇنى" دا 250 مىليون دوللاردىن يۇقۇرى بولغان سېتىۋېلىش ھەرىكەتلىرى كانادا فېدېرال ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تەستىقلىنىدۇ، دېيىلگەن بولسىمۇ، ئامما تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىشنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى شىركەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتى قوغدالدىمۇ يوق دېگەندىلا ئىبارەت بولماقتا.
كانادادىكى تەھلىلچى لەر ئامېرىكا ئامىلىنىڭ كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىمۇ سەل چاغلىماسلىق كېرەك، دەپ قارىماقتا. چۈنكى ئىلگىرىكى لىبېرال پارتىيىسى ھۆكۈمىتى خىتايغا مايىل سىياسەت يۈرگۈزگەن بولسا، ھازىرقى Stephen Harper ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا يېقىن سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. (كامىل تۇرسۇن)