ئىسلامنىڭ كۆرۈنمىگەن فرونتى- خىتاينىڭ ئىشغالىدىكى شەرقىي تۈركىستان(1)


2006.11.22

ماقالىسىنىڭ باش قىسىمىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تارىخى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان ھارۇن موڭغۇل، مانجۇرىيە ۋە خىتايدىن باشلىنىپ ۋىنگىرىيىگىچە سوزۇلغان بىپايان ياۋرۇ‏ - ئاسىيا دالسىدا رىم ئىمپىرىيىسىنى تىترەتكەن تۈركى خەلقلەرنىڭ ئاتىلىرى بولغان ھۇنلار، كافكازىيىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىرانلىقلار ۋە ئىسلام دۇنياسىنى گۇمران قىلغىلى ئاز قالغان مۇڭغۇللار قاتارلىق دۇنيا تارىخىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك جەڭچىلىرىنىڭ قەد كۈتەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، لېكىن، كېيىنكى مىڭ بەش يۈز يىل ئىچىدە تۈركى خەلقلەرنىڭ بۇ بىپايان دالىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىدا ئۇيغۇر تارىخى

ماقالىسىدە، خىتايلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قېتىم 751‏- يىلىدا تالاس دەرياسى بۇيىدىكى ئۇرۇشتا ئۇچراشقانلىقىنى ۋە بۇ ئۇرۇشتا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئارمىيىسىنىڭ سىپىگە ئۆتۈشى بىلەن خىتايلارنىڭ قاتتىق بىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھارۇن موڭغۇل، 934‏- يىلى ئۇيغۇرلار خاقانى ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر قسمىغا ئايلانغانىدى دەپ كۆرسەتكەن.

ماقالىسىدە، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تارىخى ئۈستىدىمۇ توختالغان ھارۇن موڭغۇل مۇنداق دەيدۇ": مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى تۇنجى قېتىم1759‏- يىلى مانجۇ-خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىدى. لېكىن خىتاي ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلمىغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى داۋاملىق ئىسيان كۆتۈرۈپ، 1864‏- يىلى ئوسمان ئوغۇللىرى ئىمپىرىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن مۇستەقىل دۆلەتىنى قايتىدىن قۇردى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى قايتىدىن ئىشغال قىلىپ 1884‏- يىلى بۇ زېمىنىنىڭ ئىسىمنى شىنجاڭ دەپ ئۆزگەرتىپ ئۇنى خىتاينىڭ بىر قىسىمى دەپ ئېلان قىلىدى. ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىگە يەنىلا بويۇن ئەگمىدى، ئۇلار بىر نەچچە قېتىملىق قوزغىلاڭلاردىن كېيىن 1945‏- يىلى يەنە مۇستەقىىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى.

ئۇيغۇرلار قۇرغان بۇ مۇستەقىل دۆلەت ئەينى ۋاقىتدا تۈركىيە ۋە ئافغانىستاندىن كېيىن دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۈچىنچى مۇستەقىل مۇسۇلمان دۆلىتى ئىدى. ئەمما بۇ جۇمھۇرىيەتمۇ ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولالمىدى. 1949‏- يىلى شەرقىي تۈركىستان كوممونىست خىتايلارنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىدى. كوممونىست خىتايلارنىڭ ئىشغالى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ بىر دەۋىر باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارشى قاتتىق قوللۇق سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟

ماقالىسدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارشى قاتتىق قوللۇق سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختالغان ھارۇن موڭغۇل مۇنداق دەيدۇ:

خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بۇنداق بىر قاتتىق قول سىياسەت ئېلىپ بېرىۋتقانلىقىنىڭ بىر نەچچە سەۋەبى بار. بىرىنچىدىن، شەرقىي تۈركىستان تولىمۇ كەڭ بىر زېمىن بولۇپ پۈتۈن خىتاي تېررىتورىيىسىنىڭ 6 دىن بىر قىسىمىغا تەڭ. بۇنى ئاز دەپ يېڭى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن چېگرىداش بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىرلىشىشى ياكى بىر ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق بىر ئىتتىپاق قۇرۇلسا، ئۇنىڭ كۆلىمى خىتاينىڭ كۆلىمىگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ. ئورتاق دىن ۋە مەدەنىيەتكە ۋە مول يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىغا ئىگە بۇنداق بىر ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشى پەقەت خىتاينىڭلا ئەمەس، رۇسىيىنىڭمۇ مىللىي مەنپەتى ئۈچۈن تولىمۇ خەتەرلىك.

مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، خىتاي مۇستەقىل بىر شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايدىن ئايرىلىشى بىلەن، خىتاي ئېنېرگىيىدە ئۆزىنى قامداش مۇستەقىللىقىنى يوقىتىدۇ ھەمدە خىتاينىڭ ، غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرا شەرقتە، رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىشلەتكەن پارچىلاپ ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى ئىشلىتىپ ئاسىيادا كېڭيىشىنىڭ ئالدى توسىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، ئەگەر شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشسە، كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا قېيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي، ئېشىۋاتقان نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم جايدىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياستى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىيي كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە دىنىنى ئاجىزلىتىپ ئۇلارنىڭ كۈرەش روھىنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ھەر يىلى يۈزمىڭلىغان خىتاينى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى بىر خىتاي زېمىنىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ" .

ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11‏-سىنتەبىر ۋەقسىدىن كېيىن، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھارۇن موڭغۇل، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستانغا بۇرۇلۇشى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى تېخىمۇ ئەركىن ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.