ئىسلامنىڭ كۆرۈنمىگەن فرونتى- خىتاينىڭ ئىشغالىدىكى شەرقىي تۈركىستان(2)

0:00 / 0:00

ماقالىسدە، ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىكى مۇسۇلمان خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىك بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بىر مۇسۇلمان خەلق دەپ كۆرسەتكەن ھارۇن موڭغۇل، ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

"خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى، دىنى ۋە قىممەت قاراشلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ۋە مەھرۇم قالدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ سىياسەت تۈپەيلى، رامىزان ئىيىدا كۈندۈزى بىر نېمە يېيىشنى رەت قىلغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا كوممونىست بىر ئىسلام يارىتىش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئىماملار مەسچىتلەردە ئاساسەن كوممونىزم ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارماقتا. ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بوي سۇنمىغان ئىماملار قاتتىق جازاغا ئۇچرىماقتا. ئۆز دىنى ۋە مەدەنىيىتىگە قىزىققان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىز-دىرەكسىز يوق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۆز دىنىغا قىزىققانلارنى تېررورچىلار دەپ ئەيىبلىمەكتە".

كوممونىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان قاتتىق قۇللۇق سىياسىتى نەتىجىسدە ھازىرغىچە، ئازدېگەندە 300 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھارۇن موڭغۇل ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇش ۋە تونۇشتۇرۇشقا، بۇ مەسىلىسىنىڭ قانۇنىي ئاساستا بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇشقا چاقىرغان ھەمدە بۇ مەقسەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈچ خىل تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھارۇن موڭغۇل ماقالىسىنىڭ بۇ بۆلۈمىدە مۇنداق دەيدۇ:

" بىرىنچىدىن، كېلەچەك نەسىلىرىمىزنىڭ ھەرقايسى مۇسۇلمان خەلقلەرنى تونۇشى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشى ھەمدە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنى بىلىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەلىم تەربىيىگە ئېھتياجىمىز بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامىي مەكتەپلەردە مەسچىتلەردە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئالاھىدە تەلىم -تەربىيە پروگراممىلىرى يولغا قويۇشى كېرەك".

"ئىككىنچىدىن، ئالدىمىزدىكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى ۋە رايوننىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى مۇتەخەسىسىسلەر، زىيالىيلار ۋە يازغۇچىلار ئارىسىدا رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش تەلىپىنى كۆپەيتىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا مۇسۇلمان زىيالىيلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا تىلىنى ئۆگىنىشنى جىددىي ئويلىشىشى كېرەك".

ئۆزى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ماقالىنىڭ ئاپتورى، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان مۇسۇلمان زىيالىيلارنى ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە چاقىرىپ، ئىندىيانا ئۇنىۋېرىسىتېتىدا باشلانغان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش پروگراممىسىنى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇۋاپىق بىر پروگرامما دەپ كۆرسەتكەن.

ئاپتۇر ، ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

"بىر نەچچە پائالىيەتچان مۇسۇلماننىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇشتا قانچىلىك تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ . خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەبچە ئۆگىنىشىگە يول قويمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلگەن مۇتەخەسسىسلەر مۇسۇلمان دۇنياسىدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى، ماتېرىياللارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلالايدۇ ھەمدە ئۇيغۇرچە تور بەتلەر ئىچىپ، ئۇيغۇرلارنى ۋەزىيەتتىن ۋە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن خەۋەردار قىلالايدۇ".

"ئۈچىنچى، ‏- دەيدۇ ھارۇن موڭغۇل ئىسلامنى ئۆگىنىش تو ربېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سىياسىي جەھەتتىنمۇ مۇھىم رول ئوينىيالايمىز. سىياسىي بېسىمنىڭ قۇدرەت ۋە تەسىرىگە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. بىز تىبەت داۋاسىنى قوللاۋاتقان ھەرىكەتلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللايدىغان كەڭ كۆلەملىك بىر ھەرىكەت تەشكىللەپ چىقىشىمىز كېرەك. چۈنكى زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلار ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئېلىپ بىرىۋاتقان كۈرىشىدە دائىم ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللايدىغان ئىتتىپاقداشلارغا مۇھتاج".

- ھازىرچە دەيدۇ ھارۇن موڭغۇل ماقالىسنىڭ ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى پەقەت ئۆزىنىڭ كۈچىگىلا تايىنىپ كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنى بۇ كۈرىشىدە قوللاش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. بىز ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋەتلەش، ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش ۋە ئىبادەتلىرىمىزدە ئۇلارنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىش ئارقىلىق،ئاۋازى ئاڭلانمايۋاتقان بىر خەلقنى قايتىدىن ئاۋازى ئاڭلىنىدىغان بىر خەلققە ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك. (قانات)