كانادا CBC رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە (1)


2006-12-01
Share
xoten-balilar-200.jpg
13 – ئۆكتەبىر كۈنى بىرقانچە ئۇيغۇر بالىلىرى خوتەندە. AFP

يېقىنقى يىللاردىن بەرى غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ۋە ئىختىسادىي ھاياتىغا بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە دىققەت قىلماقتا. ھەتتا ئۇلار ئۇيغۇر رايونىغا مەخسۇس مۇخبىرلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى بىۋاستە ئىگىلىمەكتە.

بۇلاردىن كانادا دۆلەتلىك CBC رادىئوسىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى Anthony Germain نىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن، "شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار" ناملىق مەخسۇس پروگراممىسىنى كۆرۈپ ئۆتۈش كۇپايە.

زەمىن ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار باستۇرۇلماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يۇرتتا 4000 يىلدىن بەرى ئىزچىل ياشاپ كەلگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بۇ پروگراممىنىڭ كىرىش قىسمىدا ئۇيغۇرلاردىكى مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنىڭ يۇقۇرى كۆتىرىلىشى ۋە تالىباننىڭ بۇ مۇسۇلمان خەلققە دىققىتىنى ئاغدۇرىشى بىلەن بېيجىڭ دائىرلىرىنىڭ دۇنيادىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىغا ماكانلاشقان بۇ خەلققە قاراتقان سىياسى زۇلۇملارنى كۈچەيتكەنلىكى، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭمۇ نېفىت بايلىقلىرى ئىنتايىن مول بولغان رايونىغا جايلاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

پروگراممىنىڭ تونۇشتۇرۇلىشىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:

"رادىئومىزنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى Anthony Germain خىتاي 'ئاپتونوم رايون' دەپ ئالاھىدە ماختىنىدىغان بۇ رايۇننى زىيارەت قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى، ئۆز مۇزىكىسى ۋە مەكتەپلىرى بار. ئامما ئۇلار نۆۋەتتە كەڭ ئېچىلىۋاتقان نېفىتلىكلەردىن سىقىپ چىقىرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. شۇنداقلا رادىكال ئىسلامغا ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، دېگەن نام بىلەن بۇ خەلقنى قاتتىق باستۇرماقتا".

"شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى 22 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە. بۇلاردىن 12 مىليوننى ئۆزگىچە چىراي، ئۆزىگە خاس تىل، دىن، تاماق ۋە پۈتۈنلەي ئۆزگىچە بولغان مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان مۇسۇلمان خەلق ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ رايوندىكى كۆپ سانلىق خەلق"، دەپ تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلىنىدۇ كانادا دۆلەتلىك رادىئو ئىستانسىسىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى Anthony Germain نىڭۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ پروگراممىسى.

ئاپتوبوس بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى كەسىپ ئۆتكەن Anthony Germain يول ئۈستىدىكى كونترول نۇقتىلىرىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرلىرىنىڭ كىمنى تەكشۈرۈشنى خالىسا، ئۇنى خالىغانچە تۇتۇپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.

قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىدۇ

خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەجبۇرى يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن كانادالىق مۇخبىر بىرىنجى بولۇپ، خوتەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر نوختىلىق، قوش تىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ مەكتەپنى فرانسۇز تىلى بىلەن ئەڭلىش تىللىرىدا دەرس ئۆتىلىدىغان كانادادىكى مەكتەپلەرگە سېلىشتۇرىدۇ:

"تۈزۈملەر كانادادىكى مەكتەپلەرگە ئوخشىمايدۇ. 500 خىتاي ئوقۇغۇچى، 300 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى بولغان ۋە ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا بىر فورما كىيدۈرۈلگەن بۇ يەردە خىتايلارغا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈلسە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتايچە، ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇرچە ھەم ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىدۇ. خىتاي دائىرلىرى بۇ مەكتەپنى قوش تىللىق مەكتەپ، دەپ ئالاھىدە ئاتىسىمۇ ئۇيغۇرلار خىتاي تىلىدا دەرس ئالسا، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىدىغان بىرمۇ خىتاي ئوقۇغۇچىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ".

Anthony Germain، ئىككى يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان بۇ زامانىۋى مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغان ۋاڭنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا ياردەم بېرىش نامىدا، يۇقۇرى مائاش بىلەن بېيجىڭدىن تەكلىپ قىلىنغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بۇ ئايال مەكتەپ مۇدىرى ئۆزىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بەرى خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش دېگەن نام بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى يۆتكەپ چىقىپ، يەرلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئىشتىن بوشاتماقتا ۋە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تازىلىماقتا.

مۇخبىر بۇ مەكتەپتە ئېنگلىز تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئۈرۈمچىدىن تەكلىپ قىلىنغان ۋاڭ ئىسىملىك يەنە بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ. بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچى "ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشى ياخشى ئىش. ئۇيغۇرلار خىتاي تىلىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. چۈنكى خىتاي تىلى ھۆكۈمران تىل"، دەيدۇ.

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ دىنىي تەربىيە ئېلىشى چەكلەنگەن

Anthony Germain بۇ پروگراممىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ھەم خىتايچە ئۆگىنىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، ئامما ئۇلارنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشى ۋە دىنىي ئىبادەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدىغانلىقى ھەمدە خىتاي دائىرلىرىنىڭ 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ دىنغا ئىبادەت قىلىشىنى قانۇن ئارقىلىق چەكلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

كانادا CBC رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى Anthony Germain خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتاي تىلىدا تەربىيە بېرىشنىڭ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەتلەرنى تېپىشىغا ياردىمى بولىدۇ، دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئامما ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ سېپىگە قوشۇش، دەپ باھا بېرىدۇ.

ئۇيغۇرلار تەبىئىي بايلىقلىرىدىن مەنپەئەتلەنگىنى يوق

ئۇ نېفىت ۋە تەبىئى گاز بايلىقلىرى مول بولغان ۋە بۇ مەنبەلەر كەڭ ئېچىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايۇنىدا ئەڭ ياخشى خىزمەتنىڭ نېفىت سانائىتىدە ئىشلەش ئىكەنلىكى ۋە كەلگۈسىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇ يەردىن خىزمەت تېپىپ قىلىشى ھەققىدىكى خىياللىرى بىلەن بىر كۈنى ئەتىگىنى، ئۇ خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ باش ئورگىنىنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ يەردە نېفىتلىكنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا خىتاي نېفىت شىركىتى دېگەن فورما كىيگەن 300 ئەتراپىدا خىتاي ئىشچىسى ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، بىرەر ئۇيغۇرنى كۆرمەيدۇ ۋە نەتىجىدە ياردەمچىسىدىن بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بار- يوقلىقىنى سورىتىدۇ. شۇنداقلا، نېفىتلىكتە ئىشلەۋاتقان بىر خىتايدىن ھېچقانداق ئۇيغۇر يوق دېگەن جاۋابنى ئالىدۇ.

Anthony Germain بۇ ھەقتە توختىلىپ "22 مىليونلۇق ئومۇمى نوپۇسنىڭ 9 مىليونىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا خىتايلار كۆپ سانلىق ئەمەس. لېكىن خىتايلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىمۇ نېفىت ۋە تەبىئى گاز ساھەلىرىگە ئوخشاش يۇقۇرى مائاشلىق خىزمەتلەرنى يەنىلا ئۆزلىرى قىلىدۇ. ئۇيغۇرلانى بۇنداق خىزمەتلەرگە يېقىن يولاتمايدۇ. بىز خىتاي دائىرلىرى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردە ئىشلىمەيدىغانلىقىنى سورىغىمىزدا ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ يېتەرلىك مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى"، دەيدۇ. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت