كانادا CBC رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە (2)

0:00 / 0:00
jume-damolla-heytgah-150.jpg

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلىنىۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن Anthony Germain ، قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى، 75 ياشلاردىكى سەللە يۆگىۋالغان جۈمە داموللا ھاجىنى زىيارەت قىلىدۇ.

دىنىي زاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىدا

ھۆكۈمەت دائىرلىرى بىلەن ئوخشاش زۇۋاندىكى بۇ دىنىي زات "مەن بارلىق مۇخبىرلارنىڭ قەشقەردىكى دىنى پائالىيەتلەرنى توغرا خەۋەر قىلىشىنى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىمىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزنى قانداق قوللاۋاتقانلىقىنى خەلقئاراغا يەتكۈزۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن"، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

Anthony Germain بۇ ئىمامدىن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدىغانلىقى، نىمە ئۈچۈن 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ دىنى ئىبادەتكە قاتنىشىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ۋە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا دۆلەتلەردە ئىسلام دىنى مەكتەپلىرىدە ئوقۇشىدىكى سەۋەبلەرنى سورىغاندا ئۇ "ئىسلام دىنىنىڭ ئەرباپلىرى ۋە مۇسۇلمانلار تېررورچىلارغا قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى قوللىمايدۇ. بەزى ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەركىتىگە ئوخشاش تېررورچى تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ، بۇ رايۇننى مۇستەقىل قىلىش خىيالىدا بولماقتا ۋە ئۇيغۇرلارننىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى"، دېگەن جاۋابنى ئالىدۇ.

ھۆكۈمەت دائىرلىرى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا دۈشمەن كۆزى بىلەن قارايدۇ

ئامما Anthony Germain پروگراممىسىدا، جۈمە داموللا ھاجىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىمام ئىكەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىماملارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن داۋاملىق سىياسى كۇرسلارنى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ سۆزىنى تەرجىمە قىلغان ھۆكۈمەت تەرجىمانىنىڭمۇ مېيىقىدا كۈلۈپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ئۇ يەنە قەشقەردە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋالىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنى دۈشمەن، دەپ قارايدىغانلىقى، ئامما ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ خىلدىكى ئوخشىمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر خىيالى مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش

namaz-heytgah-150.jpg
15 – ئۆكتەبىر كۈنى، ئۇيغۇر كىشى قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسىدە ئىمامغا قۇلاق سالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى 18 – ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى مەنئىي قىلىپ، دىنى ئېتىقادى كۈچلۈكرەك ئۇيغۇرلارنى "دىنىي ئەسەبىيلەر" دەپ ئەيىبلەپ، جازالىماقتا. AFP

Anthony Germain نىڭ ئۇرۈمچىدە مۇھەممەد ئىسىملىك ئىنگلىزچە بىلىدىغان بىر ئۇيغۇر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇر 1950 - يىللىرى ئۇيغۇر رايۇنىدا ئىنتايىن ئاز ساندا خىتاي بولغان بولسا، ھازىر ئاز دېگەندە ئۇلارنىڭ سانىنىڭ 6 مىليونغا يەتكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا بۇ رايىمغا نوپۇس يۆتكەۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ:

"خىتايلار ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتتى. مەن خىتايلارنى يامان كۆرمەيمەن ئامما خىتاينىڭ سىياسىتىنى يامان كۆرىمەن. كۆپلىگەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ھەم بىلىمەن".

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىختىسادىي تەرەققىيات خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پايدىلىق، ئۇيغۇرلارغا بولسا پايدىسىز، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مۇھەممەد ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر "بۇ يەردە ياخشى خىزمەتلەرنى خىتايلار قىلىدۇ، ئېغىر ئىشلارنى بولسا ئۇيغۇرلار"، دەيدۇ.

Anthony Germain نىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۇ ئۈن ئالغۇسىنى ئەتىپ قويغاندىن كېيىنلا مۇھەممەت ئىسىملىك بۇ ياش ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى، ئەگەر بۇ مەسىلە ھەققىدە چەتئەللىك بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى ھۆكۈمەت بىلىپ قالىغان بولسا، تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى ياكى ئېغىر كۈندە قالىدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنى ياخشى تونۇمىغانلىقى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سىنتەبىردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

ۋاڭ لېچۇەننىڭ مەقسىتى دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش

كانادا CBC دۆلەتلىك رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى Anthony Germain ، ئۇيغۇر رايونىغا قىلغان سەپىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، كومپارتىيىنىڭ سېكرېتارى ۋە بۇ رايوننىڭ ئەمەلىيەتتىكى بىرىنجى قول رەھبىرى بولغان ۋاڭ لېچۇەن بىلەنمۇ كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. بىر ھۆكۈمەت خادىمى ئۇنىڭ ۋاڭ لېچۇەن بىلەن كۆرۈشكەندە ئادەتتىكى كېيىم بىلەن ئەمەس بەلكى رەسمىي كاستۇم- بۇرۇلكا كىيىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ، بۇ يولسىز تەلەپ بولسىمۇ نەچە مىڭ كىلومېتىرلىق يولنى بېسىپ كەلگەن بىر مۇخبىر ئۈچۈن يەنىلا بۇ بىر خوش خەۋەر ئىدى، دەيدۇ.

ۋاڭ لېچۇەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاكا- ئۇكا، ئاچا-سىڭىللاردەك ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆپ تەكرارلايدۇ. ئامما ۋاڭ ئامېرىكىنىڭ گۇانتانومو تۇرمىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز ئېچىشنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ۋاڭ بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇئانتونامو تۈرمىسىدە نىمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ "بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزچە، 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تالىبانلارنىڭ قورالى ۋە پۇلى بىلەن ئافغانىستاندا ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنى، خىتاي ساقچىلىرىنى ئۆلتۈردى ھەمدە ئۇلار قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تېررورچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى"، دەيدۇ.

ئامما ۋاڭ ئۇيغۇر رايۇنىدا قانچە قېتىم تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە قاتنىشىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ۋە يەنە قانچىلىك ئۇيغۇرغا ئۆلۇم جازاسى بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى سۇئاللارنى جاۋابسىز قالدۇرىدۇ. شۇنداقلا تېررورچىلار ئىنتايىن ئاز ساندا دېيىش بىلەن بولدى قىلىدۇ.

ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى بۇ ئۆزگىرىش كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ

قەشقەرنىڭ قەدىمى كۆچىلىرىدا ئويناپ يۈرگەن 4 ياشلاردىكى ئىككى بالىنىڭ تۇلۇق خىتاي تەلەپپۇزىدىكى سالىمى Anthony Germain نىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. ئۇ "خىتاي دائىرلىرى ھازىرقى سىياسىتىنىڭ بۇ بالىلارنىڭ ئاساسلىق مىللەت خىتايلار بىلەن بىر گەۋدە بولىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئۇيغۇرلار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى ۋە نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئوخشاش سانائەت ئورۇنلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىقىپ چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىدىن نارازى بولماقتا. بېيجىڭ دائىرلىرى ئۇيغۇر رايۇنىدا خىتايلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىپ، ئۇيغۇرلار سانىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئازىيىۋاتقانلىقىنى رەت قىلماقتا. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەدەنىيەت جەھەتتە يوقىتىش سىياسىتى يۈگۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا"، دەپ تونۇشتۇرىدۇ.

Anthony Germain نىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىدا قەدەمدە بىر ئېچىلىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئى گاز سانائىتىدىن ئۇيغۇرلارنى يەكلىشى بېيجىڭنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدىكەن. (كامىل تۇرسۇن)