16 ‏- قېتىملىق چېگرىسىز مۇخبىرلار مۇكاپاتى پارىژدا تارقىتىلدى


2007.12.06

16 ‏- قېتىملىق چېگرىسىز مۇخبىرلار مۇكاپاتى، بۇ يىل 5 ‏- دېكابىر كۈنى پارىژدا تارقىتىلدى. مۇكاپات، 2007 ‏- يىل ئىچىدە، ئاخبارات ئەركىنلىكى ساھەسىدە زور تەسىر پەيدا قىلغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا بېرىلدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ئىچىدە، نۆۋەتتە بېيجىڭدا نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن خۇ جىيا ۋە ئۇنىڭ ئايالى زېڭ جىڭيەنمۇ بار.

چېگرىسىز مۇخبىرلار مۇكاپاتى 1992 ‏- يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىلەن فرانسىيە ۋەخپى تەرىپىدىن يىلدا بىر نۆۋەت تارقىتىلىدۇ، مەزكۇر مۇكاپات، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدا شۇ يىل ئىچىدە زور تەسىر پەيدا قىلغان شەخس ۋە كوللىكتىپلارغا بېرىلىدۇ. بۇ يىللىق يەنى 16 ‏- نۆۋەتلىك مۇكاپات كوللىكتىپلار تۈرى بۇيىچە، نورۋىگىيىدىكى دېموكراتىك بېرما ئاۋازى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ئىرقتىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا بېرىلدى. شەخسلەر تۈرى بۇيىچە، مىسىرلىق سىياسىي ئۆكتىچى كەرىم ئامىر بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن خۇ جىا ۋە ئۇنىڭ ئايالى زېڭ جىڭيەنگە بېرىلدى.

خۇجيانىڭ قورۇسى نازارەت ئاستىدا

خۇ جىيا كۆپ يىللاردىن بېرى دېھقانلار ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە ئاكتىپ پائالىيەتتە بولغان. بولۇپمۇ يېزىلاردا تارقالغان ئەيدىز كېىسلى ھەققىدە كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنى خىتايدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن ۋە ئۇلارنى ئەيدىزنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى توسۇشقا چاقىرغان.

خۇ جىيانىڭ بۇ ساھەدىكى ئىزچىل ۋە ئاكتىپ پائالىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان؛ بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى 2002 ‏- يىلدىن باشلاپ كۆپ قېتىم قولغا ئېلىپ سوراققا تارتقان بۇ يىل 5 ‏-ئاينىڭ 18 ‏-كۈنىدىن باشلاپ ئۆز قورۇسى ئىچىدە نازارەت ئاستىغا ئالغان، ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە چەت ئەللىكلەر بىلەن كۆرۈشىشىنى چەكلىگەن. خۇ جىا نازارەت ئاستىدا تۇرۇقلۇق، ئولىمپىك ھارپىسىدا، خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراتقانلىقى ھەققىدە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا داۋاملىق ئۇچۇر يوللىغان. خۇ جىا ھەر قېتىم قولغا ئېلىنغاندا، ئۇنىڭ ئايالى زېڭ جىڭيەن، چەت ئەل ئاخبارات ۋە خەلقئارا كىشىلىك تەشكىلاتلىرىغا يولدىشىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىزچىل تۈردە ئاشكارا مەلۇمات بەرگەن. بۇ سەۋەبتىن، زېڭ يەنجىڭ، ئامېرىكىدىكى " ۋاقىت " ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىل 5 ‏- ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان "2007 ‏- يىلقى 100 تەسىرلىك شەخس" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

خۇجيا: " مۇكاپاتلانغىنىمدىن ھەم خوشالمەن ھەم خىجىلمەن"

خۇ جيانىڭ ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، 16 ‏-قېتىملىق چېگرىسىز مۇخبىرلار مۇكاپاتى تارقىتىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خۇ جىياغا تېلېفون قىلىپ ئۆز ئەھۋالى ۋە خىتاينىڭ يېقىنقى ئايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان، ئارقىدىن بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن قايتا تېلېفون قىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى بەرگەن. خۇ جىا ئۆزىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىدىن ھەم خوشال بولغانلىقىنى، ھەم خىجىل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: " بۇ دۇنيانىڭ خىتاي خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، شۇڭا خوشالمەن ؛ ئەمما، خىتايدا مەندىنمۇ ئېغىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلار، مەندىنمۇ ئېغىر بەدەللەر تۆلەۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ. ئۇلار ھازىر تۈرمىلەردە يېتىۋاتىدۇ، بۇ سەۋەبتىن ھەم خىجىلمەن. ئاخىرىدا، دۇنيادا بۈگۈن، ئىنسان ھەقلىرى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە بولۇۋاتقان جاينىڭ جۇڭگو ئىكەنلىكىنى يەنە بىر رەت بىلدۈرۈپ ئۆتىمەن."

چېگرىسىز مۇخبىرلار مۇكاپاتى شەخسلەر تۈرى بۇيىچە، ھازىرغا قەدەر خۇ جىيا ئائىلىسىدىن باشقا 15 كىشىگە بېرىلگەن، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇكاپاتلانغان چېغىدا تۈرمە ھاياتى كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇلاردىن ئۈچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. بولار مەراكەشلىك مۇخبىر ئالى لىرابەت، رۇسىيىلىك مۇخبىر گرېگورى پاسكو ۋە سۈرىيىلىك سىياسىي ئۆكتىچى مەسئۇدە ھامىدتۇر.

ئابدۇجېلىل قاراقاش: " بۇ، ئىچكى توقۇنۇش بىلەن مىللىي توقۇنۇش ئارىسىدىكى پەرقتۇر"

خۇجيا ئائىلىسىنىڭ نازارەت ئاستىدا تۇرۇپمۇ چەت 'ئەللىكلەر بىلەن ئالاقە قىلالىشى بولۇپمۇ، مۇكاپات ۋە زىيارەتنى قوبۇل قىلالىشى چەت' ئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدە، چەت'ئەلگە 17 پارچە گېزىت يوللاپ بەرگىنى ئۈچۈن 9 يىل كېسىلگەن ئابدۇغېنى مەمتىمىن ھازىر تۈرمىدە. ئۇ چەتئەل تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئەمەس، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈش ئىمكانىدىن مەھرۇم.

يۇقىرىدا سىلەر ئاۋازىنى ئاڭلىغان كىشى، گېرمانىيىدە قانۇنلۇق تىزىملىتىلغان، شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باشلىغى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندىدۇر. ئۇ شەرقى تۈركىستان ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھازىر خىتاينىڭ تېررورىست تىزىملىكىدە. ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندى، ئابدۇغېنى مەمتىمىننىڭ تەقدىرى بىلەن خۇجىا ئائىلىسىنىڭ تەقدىرى ئارىسىدىكى پەرقنى بېيجىڭ بىلەن شەرقى تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ھاۋا پەرقى دەپ كۆرسەتتى ھەم بۇ پەرقنى بىر مىللەتنىڭ ئىچكى توقۇنۇشى بىلەن مىللي توقۇنۇشنىڭ خاراكتېرى ئارىسىكى پەرقنىڭ روشەن ئىپادىسى دەپ ئەسكەرتتى. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.