يېقىندا، بېيجىڭدا نەشر قىلىنىدىغان "زامان ھەپتىلىك ژورنىلى" دا، "خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يىگىرمە يىلدىن بۇيان، پۇل تېپىش يولىدا مېڭىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەسلىمە" دېگەن تېمىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىندى.
ئۈچ قېتىملىق دولقۇن
ماقالىدە " خىتاي ئەمەلدارلىرى سودا ئىشلىرىغا بېرىلىپ، پۇل تېپىش بىلەن مەشغۇل بولۇش جەريانىدا 3 قېتىملىق دولقۇننى باشتىن كەچۈرگەن، يەنى بىرىنچى قېتىملىق دولقۇن 1980 - يىللاردا باشلانغان. ئۇ چاغ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بولۇپ، ئەمەلدارلار پەقەت تۈزۈلمە ئىچىدە تۆۋەندىكى كارخانا ۋە زاۋۇتلارغا بېرىپ ئالاھىدە خىزمەت ئورنىدا ئىشلەپ، ئالاھىدە ئېتىبارلارغا ئېرىشكەن. ئىككىنچى قېتىملىق دولقۇن 1990 - يىللارنىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، دېڭ شاۋپىڭنىڭ جەنۇبنى زىيارەت قىلىشى بىلەن تەڭ، بىر قىسىم ئەمەلدارلار خىزمەت ستاژىنى ساقلاپ تۇرۇپ، ۋاقىتلىق سودا ئىشلىرىغا بېرىلىپ، پۇل تېپىش بىلەن مەشغۇل بولغان. بۇ جەرياندا، ئەگەر ئۇلار بىرەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا، دەرھال ئۆز خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كېلىۋالغان. 3 - قېتىملىق دولقۇن 2000 - يىلىدىن بۇيانقى ۋاقىت بولۇپ، بۇ جەرياندا پۇل تېپىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ قىسمى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن ياش ۋە قابىلىيەتلىك كىشىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، شەخسى كارخانىلاردا ئىشلەپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەر" دەپ كۆرسىتىلگەن.
"سىنىپىي كۆرەش" تۇيغۇسى يوقالغان
نيو-يوركتىكى "بېيجىڭ باھارى ژورنىلى" نىڭ مەسئۇلى، خىتاي دېموكراتى شۆۋېي ئەپەندى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ خىل ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، سودىغا بېرىلىپ، پۇل تېپىش بىلەن بولۇۋاتقانلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى:
" 80 - يىللارنىڭ بېشىدا، دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ئىسلاھات ھەرىكىتى جەريانىدا، قارىماققا خىتايدا بىر خىل دۇنياغا يۈزلىنىشتەك ئىلگىرىلەش بولغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسان خۇسۇسىيىتىدىكى ئاجىزلىقلارمۇ پۈتۈنلەي ئاشكارىلانغان. چۈنكى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە، كىشىلەر ھۆكۈمەت ئۈچۈن قۇلدەك ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي خاراكتېرى پۈتۈنلەي باستۇرۇلغان. دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان كاپىتالىزمغا ئائىت نەرسىلەر جەمئىيەتتە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان، ئۇزۇندىن بۇيان بېسىم ئاستىدا قالغان ئىنسان تۇيغۇسى بىردىنلا ئويغانغان.
ھەممىلا ئادەم پۇلنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان بولۇپ، خەلق ئارىسىدا، ئىلگىرىكى " ئالغا" دېگەن شۇئار " پۇلغا " دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. بۇ خىل ئەھۋال تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. دەسلەپتە بىر قىسىم خىزمىتى يوق ياكى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خىزمەتسىز قېلىپ، كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىغان مەھبۇسلار شەخسى تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، كېيىن ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن، بىردىنلا بېيىپ كېتىپ، پۇلى ئەڭ كۆپ ئادەملەرگە ئايلانغان. بەزىلىرى ھەتتا كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىدىنمۇ بەكرەك باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشكەن. بۇنى كۆرگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچى قىززىپ، ئىدىيىسىدە تۈپ ئۆزگىرىشلەر بولغان. ئۇلار ئۈچۈن كوممۇنىزم، ماركسىزم، ماۋ زېدوڭ ئىدىيىسى دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى يالغان بولۇپ، كۆزىگە پەقەت پۇلدىن باشقىسى كۆرۈنمىگەن. ئۇلار ھەتتا سىنىپىي كۆرەشتىنمۇ قورقمايدىغان بولۇپ، "زامان ئۆزگەردى، نېمىلا قىلساق يوللۇق" دېگەن ئىدىيە بىلەن، بىر - بىرلەپ پۇل تېپىشنىڭ غېمىنى يىيىشكە باشلىغان".
ھوقۇقتىكى ۋاقتىدىكى مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلانغان
شۆ ۋېي ئەپەندى سۆزىدە، سودىغا بېرىلىپ، پۇل تېپىشنىڭ كويىدا بولۇۋاتقان ئەمەلدارلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ " بۇنداق بولۇشى، ئۇلار ھوقۇق تۇتۇش مەزگىلىدە نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك يوللارنى بىلىپ بولغان، شۇڭا، ئۇلار گەرچە كېيىنكى ۋاقىتلاردا، رەھبەرلىك ئورنىدا ئىشلىمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ يەنىلا نۇرغۇن ئەمەلدار بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوست - بۇرادەرلىرى بار، ئۇلار بۇ خىل قاتمۇ -قات مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلىدىن، ھەرخىل قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق يەنى خوشامەتچىلىك قىلىش، خىيانەت قىلىش، ھايانكەشلىك قىلىش ۋە باجدىن قېچىش دېگەندەك قىلمىشلار ئارقىلىق راسا بېيىغان ھەمدە بۇ خىل يوللار ئارقىلىق بېيىۋاتقان ئەمەلدارلار سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن" دېدى.
قانۇنسىز بېيىغان ئەمەلدارلار چەتكە قاچماقتا
خىتاي دېموكراتى شيۆ ۋېي ئەپەندى سۆزىدە يەنە، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شۇنداقلا سودىغا بېرىلىپ، قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق نۇرغۇن پۇلغا ئىگە بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ چىقىپ، كۆپلەپ ئۆي ۋە ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىپ، ئىشلىمەي ئوڭدا يېتىپ ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
"ھازىر كۆپلىگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق خىيانەت قىلىپ تاپقان پۇللىرىنى ئېلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قاچقۇن بولۇپ كەلمەكتە. مەسىلەن، شېن جىن، گۇئاڭدۇڭ، فۇ جيەن قاتارلىق جايلاردىن قېچىپ كەلگەن خىتاي تىزىملىكىدىكى قاچقۇنلار ناھايىتى كۆپ. ئۇلار ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئۆي ۋە ئاپتوموبىللارنى سېتىۋالدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن ئۈستۈن بولغىنى بىلەن، ساپاسى تۆۋەن بولغانلىقتىن، پۇلنىڭ كۈچى بىلەن، ھەرخىل بولمىغۇر ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماقتا". (مېھرىبان)