خىتاينىڭ 10 -نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 9 -قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي دۆلەت كابىنتى يەكشەنبە كۈنى 4 نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 3 ئى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىق دەرىجىسىدىكى ئەمەلدار بولۇپ، ئۇلار چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىلغان ئىكەن.
"چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش شەرتنامىسى"
خوڭكوڭدا چىقىدىغان ۋېنخۈي گېزىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا ئېچىلغان 10 -نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 9 -قېتىملىق يىغىنىدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش شەرتنامىسى" نى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىش تەكلىپىنى سۇنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت نىڭ مەزكۇر شەرتنامىسى جەمئىي 71 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئالدىنى ئېلىش، جىنايىتىنى بېكىتىش ۋە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، خەلقئارا ھەمكارلىقى ھەمدە مەبلەغنى ئىز قوغلاپ قايتۇرىۋېلىش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىق 5 چوڭ تۈرگە ئايرىلغان.
مەزكۇر شەرتنامە بويىچە، چىرىكلىك جىنايىتى كۆرۈلگەن دۆلەت خەلقئارانىڭ ياردىمى بىلەن دېلو تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن. ھەتتا خىيانەتچىلىك بىلەن باشقا دۆلەتكە قېچىپ كەتكەنلەرنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېلىش جەھەتتىمۇ خەلقئارانىڭ ئەدلىيە ياردىمىگە ئېرىشىدىكەن. شۇنداقلا مەزكۇر شەرتنامە، خەلقئارالىق قانۇنىي ھۆججەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتايدا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان چىرىكلىك ۋەزىيىتىدىكى، خىيانەتچىلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈش، قېچىپ كەتكەنلەرنى ۋە مەبلەغنى قايتۇرۇپ كېلىش جەھەتلىرىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا خەلقئارا قانۇنى بويىچە ياردەم قىلىدىكەن.
ئەمەلىيلەشتۇرۇشكە ۋاقىت كېتىدۇ
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا بۇ شەرتنامە ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دەرھال مەزكۇر شەرتنامىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى قانۇن بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزىدىكەن. خىتاي قانۇنىنى تەتقىق قىلىدىغان خوڭكوڭ جۇڭۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ۋاڭ يوئۇجىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"ئەگەر بۇ ئۆزگەرتىشلەر چوقۇم خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك بولسا، ئۇ چاغدا ئۆزگەرتىشكە بىر قەدەر ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدۇ. چۈنكى ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئادەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەرتنامىلىرى خىتاينىڭ قانۇنى بىلەن نۇرغۇن جايلاردا زىتلىشىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇرۇندىن تارتىپلا بۇنداق ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلار كەتكەن".
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش شەرتنامىسى 2003 - يىلىدىكى 58 -نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىدا ماقۇللانغان بولۇپ، ئۇ چاغدا خىتايمۇ بۇ شەرتنامىگە قول قويغان ئىدى. شۇنداقلا خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونمۇ ب د ت نىڭ بۇ شەرتنامىسىنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغان. خىتاي دائىرىلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش شەرتنامىسىنى مۇھاكىمە قىلىۋاتقان مەزگىلدە، 9 -قېتىملىق يىغىندا 4 نەپەر خىتاي قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ۋە جىنايەت سادىر قىلغان دەپ ئەيىبلىنىپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
مۈجىمەل سەۋەبلەر
بۇلارنىڭ بىرى خەينەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خوئۇخوڭ، قالغانلىرى ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ سىياسىي كېڭەش رەئىسى ۋە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىقلار.
ئەنخۈي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى مۇدىرى لى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن ۋېيشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"ئۇنىڭ ئىلگىرىكى خىزمىتىدە ئازراق مەسىلە بولغان. لېكىن بۇنىڭ ھازىرقى خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. خۇئەينەندىكى ۋاقتىدىكى ئىشلار".
بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە چېن ۋېيشى، 2003 - يىلى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا مۇئاۋىن مۇدىر بولۇشتىن ئىلگىرى خۇئەينەن شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:
"مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چۈشۈرگەن ھۆججىتىدە ئاساسلىقى، ئۇنىڭ خىزمەتتە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى يازغان. لېكىن ئۇنىڭ ئىقتىسادىي دېلوغا چېتىشلىقى بار-يوقلىقى توغرىسىدا گەپ يوق."
ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چۈشۈرگەن ھۆججەتتە يەنە، چېن ۋېيشىنىڭ قارار چىقىرىشتا خاتالاشقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى يېزىلغان. ئەمما بۇنىڭ زادى قانداق قارار ئىكەنلىكى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلمىگەن. (پەرىدە)