خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى


2006-03-23
Share

يېقىندا خىتايدا 109 نەپەر پروفېسسور بىرلىشىپ خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئىلىم ‏-پەن كومىتېتىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەملىكەت ئىچىدىكى ئىلىم‏- پەن ساھەسىدە كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان پارىخورلۇق، چىرىكلىك ۋە خوشامەتچىلىك قاتارلىق بولمىغۇر قىلمىشلارنى قاتتىق توسۇشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ 109 نەپەر پروفېسسور مەزكۇر خەتنى يەنە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، خىتاي ئىجدىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئەۋەتكەن بولۇپ، مەزكۇر خەتتە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلىم ‏- پەن ساھەسىدە تېزدىن بىر يۈرۈش قانۇن ‏- تۈزۈملەرنى بېكىتىپ، تۈرلۈك چارە ‏- تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بۇ خىل بولمىغۇر ھالەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ھەقتە، بېيجىڭ تەبىئىي پەنلەر سانائىتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇ شىندۇۋ ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىلەرنىڭ قارىشى قانداق؟

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت