شاڭخەي پارتكوم سېكرېتارىنىڭ خىيانەتچىلىككە چېتىلىپ قېلىش دىلوسى كېڭەيمەكتە
2006.09.27
خىتاي مەركىزى ئىنتىزام كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى گەن يىشىڭ سەيشەنبە كۈنى شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى چېن لياڭيۈينىڭ خىيانەتچىلىك سەتچىلىكىگە چېتىلىپ قېلىش دىلوسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، "ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلسە، بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ دىلوغا چېتىلىپ قېلىش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى" بىلدۈرگەن ئىدى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن لياڭيۈينىڭ خىيانەتچىلىككە چېتىلىپ قېلىش سەتچىلىكىنىڭ دائىرىسى كېڭەيمەكتە.
شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ جىمىڭ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان. بۇ يىل 54 ياشلاردىكى ۋۇ جىمىڭ شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، شاڭخەيدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ سىياسىي كومىسسارى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پىنسىيىگە چىققان باش سېكرېتارى جاڭ زېمىننىڭ جىيەنى ئىدى. بۇ كىشىلەردە ۋۇ جىمىڭ چېن لياڭيۈينىڭ خىيانەتچىلىك دىلوسىغا چېتىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن گۇمان قوزغىماقتا.
مۇتەخەسسىسلەر: خۇ جىنتاۋنىڭ جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى
شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى ۋەقەدىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىشىچە، ۋۇ جىمىڭ ھازىرچە ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن "سوراق قىلىنغان" ۋە بۇ جەرياندا "چېن لياڭيۈينىڭ ئىككى تۇققىنى قولغا ئېلىنغان. "سىياسى ئانالىزچىلار مەزكۇر دىلونى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرىنى تازىلاش، پارتىيە ئىچىدە ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، كېلەر يىلى كومپارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش يولىدىكى ھوقۇق كۈرىشى، دەپ مۇھاكىمە قىلدى.
سىنگاپور دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتچىسى دوكتور. بى جيەنخەي، "خۇ جىنتاۋنىڭ شاڭخەي گۇرۇھىدىكىلەرگە بەرگەن ئەجەللىك زەربىسى ئۇنىڭ ھاكىمىيەت سورىغان 4 يىل مەبەينىدە ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىگەنلىكى، ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزغان ۋە 17 - قۇرۇلتايدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە " دەيدۇ. لېكىن شاڭخەيلىك ئۆكتىچى ئادۋۇكات جېن ئېنلوڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر بۇ ھەرىكەت 17- قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇنىڭ پۇقرالارغا چوڭ پايدىسى تەگمەيدىكەن. ئۇ، "ئەمدىكى مەسىلە پارتىيە ئىچىدە بۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىدا قالدى. ئەگەر بۇ ھەرىكەت پەقەت شاڭخەي گۇرۇھىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، كېلەر يىلى چاقىرىلىدىغان 17 - قۇرۇلتايغا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈنلا ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇنىڭ پۇقرالارغا چوڭ پايدىسى يوق" دەيدۇ.
چېن لياڭيۈي، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تالان - تاراج قىلىش، تونۇش شىركەت ۋە تۇققانلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە چوغ تارتىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. ئۇ، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن شىتوڭ 1995 - يىلى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە تۈرمىگە سولانغاندىن كېيىن پاش قىلىنغان تۇنجى سىياسىي بيۇرو ئەزاسى.
چېن لياڭيۈي دىلوسى بىلەن چېتىشلىقى بار ئەمەلدارلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىشى چەكلەنگەن
نۆۋەتتە خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 100 دىن ئارتۇق تەكشۈرگۈچى خادىمى شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىدىكى 10 مىليارد يۈئەن پۇلنى قانۇنسىز يۆتكەش ۋە مەبلەغ قىلىپ ئىشلىتىش ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. بەزى مەتبۇئاتلار دىلودا يېڭى ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ۋە چېن لياڭيۈي سەتچىلىكى خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى خۇئاڭ جۈينىڭ ئائىلە - تاۋاباتىغا چېتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا "ئىنتىزامنى بۇزغان ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى" تەكىتلىگەن مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى گەن يىشىڭ، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ چېن لياڭيۈي سەتچىلىكى خۇئاڭ جۈي ئائىلىسىگە چېتىلامدۇ، دېگەن سۇئالىغا "ۋەقە رەسمىي ئېلان قىلىنغاننى ئاساس قىلىدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن.
شاڭخەيلىك ئادۋۇكات جېن ئېنلوڭ، خۇئاڭ جۈينىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چېن لياڭيۈينى ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "مېنىڭ قارىشىمچە خۇئاڭ جۈي ئەمدى چېن لياڭيۈينى پاش قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ شاڭخەي شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تۇرغان يىللاردا شاڭخەينىڭ پۇل - مۇئامىلىسى ناھايىتى قالايمىقان ئىدى. شۇ يىللاردا چېن لياڭيۈي پۇدوڭ رايونىنىڭ باشلىقى بولغان. خۇڭ جۈي، چېن لياڭيۈينى شۇ يىللاردا نۇرغۇن ئەسكى ئىشلارنى قىلغان، دەپ ئەيىبلىشى مۇمكىن" دەيدۇ.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "داگوڭ" گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چېن لياڭيۈي دىلوسى بىلەن چېتىشلىقى بار ئەمەلدارلارنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كېتىشىنى توساش ئۈچۈن شاڭخەي ئايرودرومى ۋە دېڭىز پورتىغا ئالاھىدە خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرغان. نازارەت دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ پاسپورت ۋە ساياھەت رۇخسەتنامىلىرىنى يىغىۋېلىپ، شەھەر رەھبەرلىرى چەتئەلگە چىقماقچى بولسا، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەركىزى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تيەنئەنمىن مەيدانىدا، ئەرز قىلغۇچى ئۆز قارنىنى يېرىپ ئۆلۈۋېلىشكە ئۇرۇندى
- بېيجىڭنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ جىخۇا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
- ۋاڭ لېچۇەن نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىدۇ؟
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى
- يەرشارى خاراكتېرلىك دوكلاتتا خىتاينىڭ داۋالاش ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
- خىتايدا ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكلىمىسىمۇ بۇزۇپ تاشلانغان
- خىتاي 4 نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىدى