0:00 / 0:00
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپ ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان چىرىكلىككە ئائىت دىلولار بارغانسېرى كۆپىيىپ، بىر قىسىم مائارىپ ئىدارە ئورۇن رەھبەرلىرى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە جازالانغان.
مائارىپ ساھاسىدە چىرىكلىكنىڭ ئەڭ پەللىگە چىققان مەزگىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش مەزگىلى بولۇپ، بۇ جەرياندا مائارىپ ساھاسىدىكى بىر قىسىم ئىدارە - ئورۇن ۋە باشلىقلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆز مەنپەتىگە چوغ تارتىدىغان، پۇل ئۈچۈن، ئىمتىھان نەتىجىسى ئۆلچەمگە توشمىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئېغىر ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.