ھەر يىلى 4 - ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە خىتاي ئەنئەنىسى بويىچە چوكانتال بايرىمى بولىدۇ. بۇ بايرام مەزگىلىدە خەلق ئىچىدە قەۋرە سۈپۈرۈش پائالىيىتى بولاتتى. بۇ يىلقى چوكانتال بايرىمى مەزگىلىدە، "ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى بېيجىڭدە تارتقان فوتو سۆرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر نەچچە كۈن جىددىيلەشكەن.
كىرىشكە بولمايدىغان جاي
بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا "ھەرخىل ئاپتوموبىللارنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ" دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرى تىكلەپ قويۇلغان. ئەتراپتا نۇرغۇن ساقچى ئاپتوموبىللىرى بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان. "جوڭگو خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىسى" دېگەن مۇنار ئالدىغىمۇ "بۇ جايغا كىرىشكە بولمايدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن تاختا تىكلەپ قويۇلغان. ھۆكۈمەت ساقچىلىرى كوچىلاردا ئاق گۈل تاقىغانلىكى ئادەمنى كۆرسە توسىۋېلىپ، جاۋ زىياڭنىڭ مەسىلىسى سىياسى مەسىلە، ئۇنىڭ بىلەن سېنىڭ نېمە مۇناسىۋىتىڭ بار، دەپ سوئال سوراپ يولدىن ئۆتكەزمىگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدە 1989 - يىلىدىن بۇيانقى 15 يىل ئىچىدە نازارەت ئاستىدا تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن سابىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، ئەينى ۋاقىتتا باستۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان خەلققە ھېسداشلىق قىلغان جاۋ زىياڭ ئەپەندىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان ۋە تونۇش - بىلىشلىرى ئېلىپ بارغان ئەسلەش پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى باۋباۋسەن تېغىدا 100 دىن ئارتۇق پۇقرانى تۇتقۇن قىلغان. ئەرز ئېيتىپ كەلگەن كىشىلەر تۇرىدىغان جايلاردىمۇ كېچىدە ئادەم تۇتقان. ساقچىلار خالىغانچە ئادەم تۇتۇپ، ھەتتا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىدىغان ۋقەلەرمۇ يۈز بەرگەن.
جاۋزىياڭنى ئەسلەش پائالىيەتلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ خوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭدا، چوكانتال بايرىمى كۈنى، جيۇلوڭدىكى ئاۋات كوچىدا كىشىلەر "جوڭگو خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىسى" نى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاۋ زىياڭنى ئەسلەيدىغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇلىرنى ئىپادىلىگەن.
جەنۇبىي كورىيىدىمۇ ، خىتاي تەشكىلاتلىرى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا جاۋ زىياڭنى ئەسلەش ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆلتۈرگەن ئون مىليونلىغان بىگۇناھ پۇقرالارنى ئەسلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدە جاۋ زىياڭنى ئەسلەش پائالىيتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جاۋ زىياڭنىڭ ئائىلە تەۋەلىكى تۇرىۋاتقان قوراغا كىرمەكچى بولغان خۇجيا ئىسىملىك بىر زىيالىنى ساقچىلار توسۇۋالغان، جاۋ زىياڭنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا چىققاندا، ساقچىلار خۇجيا ئەپەندىنىڭ ئاغزىنى گېلىنى بوغۇۋېلىپ ئاۋازىنى چىقارغۇزمىغان. خۇجيا ئەپەندى ساقچى پونكىتىدا شۇ كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇن ئادەمنى كۆرگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى جاۋ زىياڭنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن كوپچىلىككە قىلىدىغان سۆزىڭىز بارمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار ھېلىمۇ ئەركىن سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ "بۇ بىز ئۈچۈن قولايسىز" دەپ جاۋاب بەرگەن. (ۋەلى)