2006 ‏- يىلى دۇنيادا يۈز بەرگەن ئاساسلىق توقۇنۇش ھادىسلىرى ئۈستىدە ئەسلىمە


2006.12.27

ئىراق ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرگەن ئاساسلىق سەۋەب

كىشىلەر 2006"‏- يىل ، ئىراق ئۈچۈن خۇشاللىق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ " دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدى، 2005 ‏- يىلى 12 ‏- ئايدا ئىراقتا ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجىسى 1 ‏- ئايدا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئادەملەر "ئىراق ئەمدى مۈستەبىت ساددام ھاكىميىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، مۇقىم بولغان دېموكراتىك تۈزۈمگە قاراپ يول ئالىدۇ"دىيىشتى.

ئەكسىچە، 2 ‏- ئايدىن باشلاپ، كىشىلەرنىڭ ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرى بىتچىت بولۇشقا باشلىدى، ئىراق شىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىتلىرىدىن بىرى بولغان " ئەسقەرىيە مەسچىتى" پارتلىتىۋىتىلگەندىن كېيىن، سۇننىيلەر بىلەن شىيەلەر ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىگە قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى باشلىنىپ، پۈتۈن ئىراق ئىچكى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندى.

گەرچە، ئىراق ئەلقائىدە رەھبىرى زەرقاۋىي 6 ‏- ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىراقتىكى قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ پەسىيىشىگە ئاساس يارىتالمىدى، ئامېرىكا ۋە ئىراق قىسىملىرى 8 ‏- ئايدا چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم قوزغاپ، باغداتنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، يىل ئاخىرى ئامېرىكا قوماندانلىق ئورگىنى، باغداتقا تېنچلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلەرنىڭ ھىچقانداق نەتىجە كۆرسىتەلمىگەنلىكىگە ئىقرار بولدى.

ئىراقتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ چوڭ ئۇتۇق، پەقەت ئىراقنىڭ سابىق پرىزىدېنتى ساددام ھۈسەيىن، ئىراق خەلقى تەرىپىدىن سوتلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلغىنى ھېسابلاندى.

ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئامېرىكا ئىچكى سىياسىتىگە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرى

2006 ‏- يىلى پۈتۈن بىر يىل، مەتبۇئاتلاردا ئىراقتا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، ئامېرىكا پرىزىدېنتى بۇش 12 ‏- ئايدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا " ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن يامانلاشتى " دېدى.

2006 ‏- يىلى، ئامېرىكا خەلقى سايلام ئارقىلىق تارىخى بىر ئۆزگىرىشنى مەيدانغا كەلتۈردى. سىياسىي ئۆزگىرىش، پرىزىدېنت بۇشنى ئۇزۇن مۈددەت دۆلەت مۇداپىئە منىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان دونالد رامېسفلدنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشقا ۋە ئىراق سىياسىتىنى قايتىدىن مۆلچەرلەشكە مەجبۇرلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافغانىستاندىمۇ بۇ بىر يىل ئىچىدە تارىخىي بىر ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋە قوغداش خىزمەتلىرى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئۆتكۈزۈلدى. بىراق تالىبان قالدۇق كۈچلىرى يەنىلا رايوندىكى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىپ، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا يول ئاچتى، نەتىجىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوشۇن سانىنى ئالاھىدە كۆپەيتتى.

ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىنى تېنچلاندۇرۇش قەدىمى بارغانسېرى قىيىنلاشماقتا

2006 ‏- يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت توختىماستىن ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بۇ يىل 6 ‏- ئايدا پەلەستىنلىك مىلىتانلار بىر نەپەر ئىسرائىلىيىلىك ئەسكەرنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىق سەۋەبىدىن، پەلەستىنگە چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ جەڭچىلىرى ئىسرائىلىيىنىڭ ئىككى ئەسكىرىنى گۆرۈگە ئالدى، بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئولمېرت، گۆرۈگە ئېلىش ھەرىكىتى " ئۇرۇش قوزغاش ھەرىكىتى" ھېسابلىنىدۇ دەپ جاكارلاپ، لىۋانغا ھۇجۇم قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى بىلەن ھەربىي قىسىملىرى لىۋاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ نىشانلىرىغا زەربە بەردى. 1400 ئادەم ھۇجۇم جەريانىدا قازا قىلدى. لىۋان دۆلىتى ئېغىر زىيانغا دۇچ كەلدى.

شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى

يەر شارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى، شىمالىي كورىيە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ جىددىي تەشەبببۈسى ۋە كۈچلۈك بېسىمىغا قارىماستىن، بۇ يىل 10 ‏- ئايدا بىرىنچى قېتىملىق يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ باردى. خەلقئارا جەمئىيەت شىمالىي كورىيىنىڭ مەزكۈر قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى شىمالىي كورىيىنى جازالاش قارار لايىھىسىنى ماقۇللىدى. 12 ‏- ئايغا كەلگەندە شىمالىي كورىيە 6 تەرەپ سۆھبىتىگە قايتا قاتنىشىشقا قوشۇلدى. شىمالىي كورىيە يادرو قورالللىرىنى بىكار قىلىش سۆھبىتىگە ياپونىيە، شىمالىي كورىيە، جەنۇبىي كورىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا قاتناشتى.

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى

ئىران يادرو پىلانىنى 2006 ‏- يىلى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرۇشقا باشلىدى. غەرب ئەللىرىنىڭ قارىشىچە، ئىران يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلماقتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىراندىن ئۇران تاۋلاش ئىشىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما ئىراننىڭ بۇ مەسىلىدە تۇتقان پوزىتسىيىسى پاسسىپ بولۇپ، كۆپلىگەن مۈتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىران ئۇران تاۋلاش تۈرىنى ھازىرچە توختاتمايدىكەن.

- تەبىئى ئاپەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھىندونېزىيىدە 6 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، 6000 ئادەم قازا قىلدى ۋە نەچچە ئون مىڭلىغان ئادەم ماكانسىز قالدى.

- 2006 ‏- يىللىق باش خەۋەرلەر سەھىپىسىدە، كۇبا پرىزىدېنتى كاسترونىڭ ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى، كاسترۇنىڭ ئىنىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لوئۇر كاسترۇ، پرىزىدېنتقا ۋاكالاتەن ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت خادىملىرى ھازىرقى كاسترۇ ھۆكۈمىتىنىڭ رولىغا گۇمان بىلەن قاراشماقتا.

- سۇدان ھۆكۈمىتى، دارفۇردىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر بىلەن 5 ‏- ئايدا تېنچلىق كېلىشىمى تۈزگەن بولسىمۇ، بىراق رايوندىكى زوراۋانلىق ھازىرغا قەدەر تىنجىغىنى يوق. 2003 ‏- يىلىدىن بېرى، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم زوراۋانلىق، مىللەتلەر ئارا توقۇنۇش ۋە قەبىلە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى. 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم ئۆز ماكانىدىن قوغلاندى. سۇدان ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دارفۇر رايونىغا ئەسكەر ئەۋەتىش تەلىپىنى رەت قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت 2006 ‏- يىلىنىڭ ئاخىرى دارفۇرغا قارىتا، چوقۇم بىر ھەربىي لايىھە تۈزۈپ چىقىشنى ئويلاشماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.