ئاپەت قالدۇرغان يارىلار


2006.02.28
yer-tewresh.jpg
بىر كىشى 2003-يىلى 24-فېۋرال كۈنى مارالبېشىنىڭ چوڭقۇرچاق ناھىيىسىدە يەر تەۋرەپ بۇزۇلغان ئۆي ئالدىدا.

2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كىشىلەرگە ئادەتتىكى بىر كۈندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما بۇ كۈن مارالبېشى ھەم پەيزىۋات ناھىيىلىرىدىكى ئامما ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈندۇر. بۇ كۈن ئۇلار ئۈچۈن تۇيۇقسىز كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى ئاچچىق ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ شۇنچە قاتتىق ئاپەتتە ساق قالغانلىقىدىن مۆجىزە ھېس قىلغان ھالەتتە ئىنتايىن مۇرەككەپ ھىسىياتلاردا خاتىرىلەيدىغان بىر كۈندۇر.

ئېچىنىشلىق ئەسلىمە

بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن، ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر مەزكۇر يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، 50مىڭدىن ئارتۇق ئامما ئېغىر ئاپەتتە قالغان ئىدى. بولۇپمۇ چوڭقۇرچاق يېزىدىكى ئامما يەر تەۋرەش ئاپىتىدە شۇنداقلا ئاپەتتىن كېيىن بىر نەچچە ئايغىچە ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.

ئەينى چاغدا گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، ئاپەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بىۋاستە ئەھۋال ئىگىلىشىگە ئىمكانىيەت بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما رادىئومىزدا ۋاقتىدا ئېچىلغان ھەقسىز تېلېفونىمىز ئارقىلىق كەلگەن ئىنكاسلار شۇنداقلا مۇخبىرلىرىمىز ئاپەتتە قالغان چوڭقۇرچاق خەلقىدىن تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن ئىخلاسمەنلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىغان ئىدۇق. بىر نەچچە سېكۇنتلۇق قاتتىق تەۋرىنىش ئىچىدە ئۆيلىرىدىن، ئاتا- ئانىلىرىدىن، قوۋمى- قېرىنداش، بالا -چاقىلىرىدىن ئايرىلغان ئاپەتتە قالغان دېھقانلارنىڭ قايغۇ زارلىرى، گاڭگىرىغان ھالدا قەيەرلەردىن، كىملەردىن ياردەم كۈتۈشىنى بىلمىگەن كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتى ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمىزدە.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۈچ يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن مەزكۇر يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرى ھەققىدە، ئاپەتتە ئۆلگەن ئادەملەر سانى 267، يارىلانغانلار 4000 دىن ئاشتى، جەمئىي 8800 ئۆي ھەم 900 دىن ئارتۇق سىنىپلار ئۆرۈلدى دەپ خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاپەتتىكى ئامما يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ ئۇنىڭدىن خېلىلا ئېغىرلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى يېڭى ۋەزىپە

ئۈچ يىل ئاۋالقى تۇيۇقسىز كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى چوڭقۇرچاق خەلقىنىڭ قەلبىگە ئېغىر يارىلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. بىز چوڭقۇرچاقتىكى خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرمۇش ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قايتا دېھقانلارغا تېلېفون ئاچتۇق. بىز گەرچە چوڭۇرچاقتا بىر قانچە دېھقانلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولساقمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىزنىڭ ئادەتتىكى سوئاللىرىمىزغىمۇ زىيادە ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى. شۇنداقلا ئوخشاشلا رەۋىشتە "پارتىيە‏ - ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە رەخمەت ئېيتىمىز، ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشى بولۇپ كەتتى، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق" دېگەندەك سۆزلەرنى قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە ئەسلىدە، يېزىلىق ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئاپەتتىن كېيىن دېھقانلارغا ئۈچ يىلدىن بۇيان، ھەر ھەپتىدە سىياسىي ئۆگىنىشلەرنى چىڭىتقان ئىكەن.

دېھقانلارنىڭ ئىنكاسى

بەزى دېھقانلار ئاپەت ئەسلىمىلىرىنى يەنىلا شۈركىنىش بىلەن تىلغا ئېلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى چوڭقۇرچاق خەلقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋاللىرىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئاساسەن بىخەتەر ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەنلىكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئېچىنىشلىق ئاپەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ساندىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى..

چوڭقۇرچاقتىكى بۇ ياش دېھقان ئۆزىنىڭ شۇنداقلا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ساق قېلىشىنىڭ بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن تەڭ، بەزىلەرنىڭ بۇ يېزىدىكى خەلقنىڭ بۇنچە بەختسىزلىككە دۇچ كېلىشىدە ھەر خىل قىياسلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈردى.

بۇ دېھقان يەنە، گەرچە مەتبۇئاتلاردا چوڭقۇرچاقنىڭ نۆۋەتتە ئاپەتنىڭ تەسىرلىرىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ھاياتىنىڭ نورماللىشىپ، بېيىپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ بەزى تەرەپلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.

يەر تەۋرەش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

چوڭقۇرچاقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە قەشقەر ھۆكۈمەت تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە پارتىيە‏ - ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقىنى، ئاپەتتىن قۇتقۇزغانلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس بىر مىليون يۈئەن ئاجرىتىپ يەر تەۋرەش ئاپىتى خاتىرە سارىيى سالغان. شۇنداقلا بۇ خاتىرە ساراي ياش ‏- ئۆسمۈرلەرنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەش نوقتىسىنىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە خەلققە دەرھال ياردەم يەتكۈزۈپ ئاپەتتىن تېز قۇتقۇزغانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك خەلقتىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ئەينى چاغدا ئاپەتتىكى خەلقىنىڭ ئۈچ ‏- تۆت كۈنگىچە ياردەمگە ئېرىشەلمەي، سوغاقتا ئۆيسىز، ئاچ‏ - يالىڭاچ قالغاچقا ئاپەت تەسىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.