بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كامبودژادا قۇرغان پەۋقۇلئاددە سوت مەھكىمىسى قىزىل كېخمىر رەھبەرلىرىنى سوتلاشقا باشلىدى


2007.07.31

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كامبودژادا قۇرغان پەۋقۇلئاددە سوت مەھكىمىسى بۈگۈن 2007 ‏- يىل 7 ‏- ئاينىڭ 31 ‏- كۈنى ئىش باشلىدى. كامبودژادا ئېنگىلىزچە چىقىدىغان 'بۈگۈنكى خەۋەرلەر گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كامبودژادا قۇرغان پەۋقۇلئاددە سوت مەھكىمىسى بۈگۈن، ئۆتكەن ئەسرنىڭ 70 ‏- يىللىرىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق خەلقىنى قىرغان قىزىل كېخمېر كوممۇنىزمچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەينى يىللاردا كامبودژانىڭ پنامپېن شەھىرىدىكى S21 بەلگىلىك قىزىل كېخمىر تۈرمىسىنىڭ باشلىقى كاڭكېكئىيۇ )يەنە بىر ئىسمى دۇك( نى چاقىرتىش ئۈچۈن بۇيرۇق چىقارغان.

پنامپېن شەھىرىدىكى S21 بەلگىلىك قىزىل كېخمىر تۈرمىسىدە 14 مىڭ مەھبۇس دەھشەتلىك قېيىن-قىستاققا ئېلىنغان

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كامبودژادا قۇرغان پەۋقۇلئاددە سوت مەھكىمىسى سۇنۇلغان شىكايەتلەرگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن بەش كىشىنى سوتلاشنى قارار قىلغان. بۇ بەش كىشىنىڭ بىرىنچىسى، ئەينى ۋاقىتتىكى قىزىل كېخمىر تۈرمىسىنىڭ باشلىقى كاڭ كېكئىيۇ .

مەزكۇر گۇماندار ئەينى يىللاردا، پنامپېن شەھىرىدىكى S21 بەلگىلىك قىزىل كېخمىر تۈرمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرغاندا، بۇ تۈرمىدە 14 مىڭ مەھبۇس دەھشەتلىك قېيىن-قىستاققا ئېلىنغان. بۇ مەھبۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى پىنامپېن شەھرىدىكى چوڭ جازا مەيدانىغا ئاپىرىپ ئېتىپ جازالانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ يىللاردا بۇ تۈرمىگە قامالغان مەھبۇسلاردىن ئاران 7 كىشى ساق قالغان.

قىزىل كېخمىر ھاكىمىيىتى كامبودژادىكى 8 مىليون خەلقنىڭ 1 مىليون 700 مىڭىنى قىرىپ تاشلىغان

تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، 1975 ‏- يىلىدىن 1979 ‏- يىلىغىچە كامبودژادا داۋام قىلغان قىزىل كېخمىر ھاكىمىيىتى، ئەينى يىللاردا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئىرىشكەن ئىدى. بۇ ھاكىمىيەت ئەينى يىللاردا، كامبودژادىكى 8 مىليون خەلقنىڭ 1 مىليون 700 مىڭىنى قىرىپ تاشلىغان.

ئەينى ۋاقىتتا كامبودژادا ھۇقۇق تۇتقان پولپوت خاراكتېرى غەلىتە بىر ئىنسان. ئۇ ئۆزى باي ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئەمما نامراتلارنىڭ ئىنقىلابىغا قاتناشقان ماركىسزم-لېنىنىزىمچى. ئۇ ئادەتتە كىشىلەرگە ناھايىتى سىلىق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن قاتتىق قول ۋە رەھىمسىز شەخس. ئۇنى خەلقئارا تەشكىلاتلار مىللىي خەلققە قارىتا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

قىزىل كېخمىر رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تېخىچە كامبودژادا ئەركىن ياشىماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ كامبودژادىكى پەۋقۇلئاددە سوت مەھكىمىسى 8 يىلىدىن بۇيان مەلۇم بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كاڭ كېكئىيۇنى چاقىرتقاندىن باشقا، قىزىل كېخمىرلارنىڭ قالغان رەھبەرلىرىنىڭ نامىنى تېخى ئېلان قىلمىغان. بۇ ئەربابتىن باشقىسى تېخىچە كامبودژادا ھېچقانداق دەخل-تەرۇزگە ئۇچرىماي ئەركىن ياشىماقتا. بۇ ‏-‏- قىزىل كېخمىر رەھبەرلىرىنى سوتلاش تېخى ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئەھۋال، قىزىل كېخمىر رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى ھازىر يېشى 70 تىن ئاشقان كىشىلەر. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سوتلاشقا ئۈلگۈرمەي ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، قىزىل كېخمىرلارنىڭ داھىسى، سىياسى رەقىبىگە ھەرگىز رەھم-شەپقەت قىلمايدىغان، ئۆزىگە قارشى پىكىردە بولغانلىكى كىشىنى ھەر ئامال قىلىپ ساق قويمايدىغان جاللات پولپوت ئاللىقاچان سوتلانماستىن بۇرۇنلا 1998 ‏- يىلى ئۆلدى.

قىزىل كېخمىرلارنىڭ ئالىي ھەربىي قۇماندانى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 'ئۇرۇش قىلىشقا ئەڭ ماھىر'، ھەربىي ئىچىدە 'ئەڭ نوپۇزلۇق' ، خەلق ھەممىدىن 'بەك ئەيمىنىدىغان' قىزىل كېخمىر رەھبەرلىرىنىڭ بىرى دەپ گېزىتلەردە دائىم ماختايدىغان، ئەمما كامبودژا خەلقى پولپوتنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ تاش يۆرەك ، ۋەھشى قاتىل دەپ ئاتايدىغان داموك بۇيىل 6 ‏- ئايدا ئۆلدى.

كامبودژادا قىزىل كېخمىر رەھبەرلىرىنى سوتلاش‏-‏- كوممۇنىزم قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان مىليونلىغان بىگۇناھ خەلق ئۈچۈن چوڭ ھېسداشلىق ۋە ھەققانىيەتچىللىك

كامبودژا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، قىزىل كېخمىر دەۋرىدە خەلققە قىرغىنچىلىق قىلغان قاتىللارنى سوتلاش ئۈچۈن بىر پەۋقۇلئاددە سوت قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئۆتكەن ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر يىغىنىدا 38 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجرىتىش قارار قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ پۇلنىڭ 21 مىليون 600 مىڭ دوللىرىنى ياپونىيە بەردى. كامبودژا ئۆزى 13 مىليون دوللار چىقىرىپ، بۇ پەۋقۇلئاددە سوتنىڭ مەبلەغ مەسىلىسى پۈتۈنلەي ھەل بولغان ئىدى. كامبودژادىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ پەۋقۇلئاددە سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھازىر ئىش باشلىغانلىقى‏-‏- كامبودژادا دەھشەتلىك كوممۇنىزم قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان مىليونلىغان بىگۇناھ خەلقنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر چوڭ ھېسداشلىق ۋە ھەققانىيەتچىللىك. (ۋەلى) ئا

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.