گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا "سېرىق جاسۇس" غەۋغاسى
2007.09.06
گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسى بىلەن فېدېراتسىيە ئاخبارات بىخەتەرلىك ئىدارىسى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم بېيجىڭدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، گېرمانىيە باش مىنىستىرلىك بىناسىدىكى كومپىيۇتېرلارنىڭ خىتاي ھەربىي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئانگېلا مېركېل خانىم 8- ئاينىڭ ئاخىرى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە مەزكۇر مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. شۇنداق بولسىمۇ، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا يەنىلا " سېرىق جاسۇس "غەۋغاسى كۈچەيمەكتە.
خىتاي جاسۇسلىرى قۇيرۇقىنى يوشۇرالمىدى
" ئەينەك " ھەپتىلىك جۇرنىلىنىڭ 8 - ئاينىڭ ئاخىرقى سانىدا، "سېرىق جاسۇس" ماۋزۇسىدا بىر پارچە ئەسەر ئېلان قىلىندى. ئەسەردە، خىتاي ھەربىي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرلىك بىناسىغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىناسىغا ۋە مالىيە مىنىستىرلىكى بىناسىغا قارىتا ئاخبارات ئېلىش ھەرىكىتى قوزغاپ ، ئاخبارات ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقى تەپسىلى شەرھىلەندى.
خەۋەردە گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئىزاھاتىنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھەربىي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ گېرمانىيە مىنىستىرلىك بىناسىغا ھۇجۇم قىلالىغۇدەك سەۋىيىگە يەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا قۇيرۇقىنى يوشۇرالمىغانلىقىنى ۋە ئىز قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. خىتاي ھەربىي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ھەر خىل كومپىيۇتېرلاردا، ئوخشاش بولمىغان جايلاردىن ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، گېرمانىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ " ترويا ياغاچ ئېتى "نىڭ خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلىۋالغان.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە، " ئەينەك " جۇرنىلى ۋە " جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى "دە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ گېرمانىيە ئىقتىسادىي ئورگان توربەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن، مىنىستىرلىك بىنالىرىغا قەدەر ھۇجۇم قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنىڭ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ كومپىيۇتېرلىرى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى " خىتاي رەھبەرلىرى ئەينەك جۇرنىلىنىڭ ماقالىسىغا دىققىتىنى بەرمەكتە " ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي پرېزىدېنتى خۇجىنتاۋ ئەينەك جۇرنىلىدا بېسىلغان " سېرىق جاسۇس " ناملىق ئەسەرنى ئوقۇپ چىققان بولۇپ، ئۇ ئانگېلا مېركېل خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ھادىسىسىنىڭ خەلقئارالىق ئومۇمىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھەربىي تەرەپنىڭ قىلمىشىنى تىلغا ئالمىغان.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى يەنە بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيىنىڭ " پۇل مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى "دە، 4 - سېنتەبىر كۈنى " بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ كومپىيۇتېرلىرى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى " ناملىق خەۋەر ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ مۇھىم ئەربابلىرىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي ھەربىي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقى، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ خەۋەرنى دەرھال ئىنكار قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گېرمانىيىدىكى رادىئو ۋە گېزىت - جۇرناللاردىكى مەزكۇر تېمىغا ئائىت بەس - مۇنازىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان مەسىلە، يالغۇز خىتاينىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىك بىنالىرىنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغا چېقىلغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى مەخپىيەتلىك دەرىجىسى يۇقىرى ۋە مۇداپىئەسى كۈچلۈك بولغان ئامېرىكا، گېرمانىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىغا چېقىلالىغۇدەك دەرىجىگە يەتكەنلىكىدە ئىكەن. غەرب ئەللىرى ھەربىي جەھەتتە ئۆزلىرىدىن كۆپ قالاق ھەم ئاجىز ھېس قىلىپ كەلگەن، بولۇپمۇ كومپيۇتېر بىلىملىرىدە رىقابەتچىسى سانالمايدىغان خىتاي ئارمىيىسى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قىلمىشىدىن خېلىلا چۆچۈگەن. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە گېرمانىيىنىڭ فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىلىرى ئۈچۈن باشقا بىر دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىك ئورگانلىرىنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغا چېقىلىش ئادەتتىكى مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن.
خەلقرا جەمئىيەت قانۇن تۇرغۇزۇپ چىقىشى كېرەك
گېرمانىيە سودا - سانائەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار بولسا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ، سىياسىي غەرەزلەر بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىكلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغۇرلاش ئىشلىرىغا ئانچە قىزىقمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئىقتىسادىي جەھەتتە رىقابەتچى بولغان دۆلەتلەرنىڭ، باشقا دۆلەتنىڭ سادا - سانائەت ساھەسىنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي ئۇچۇرلارنى ئوغۇرلاپ كېتىشىگە يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ جەھەتتە قانۇن تۇرغۇزۇپ چىقىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي تەرەپنىڭ ھازىرغا قەدەر گېرمانىيە سودا - سانائەت ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم ئاخباراتلىرىنى ھەمدە تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.
بۇ جەھەتتىكى مۇنازىرىلەرنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، خىتاينىڭ " سېرىق جاسۇس" لىرى يالغۇز گېرمانىيىدىلا ئەمەس، پۈتۈن ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدە تۈرلۈك غۇلغۇلىلارنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكىدا يەنە 'كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرى' دېگەن تېمىدىكى خەۋەر ، تەھلىللەر كۆپىيىپ قالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاندىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- سابىق خىتاي دىپلوماتى چېن يوڭلىن كانادانى زىيارەت قىلدى
- خىتاينىڭ سودىدىكى ساقتىلىقى 8 دۆلەت يىغىنىنىڭ مۇھىم تەنقىد تېمىسى
- كانادا تەۋەلىكىدىكى بىر نەپەر خىتاي ئىنژېنېر ئامېرىكىدا سوتقا تارتىلدى
- كانادا دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ھەققىدە بىشارەت بېرىلدى
- خىتاي دائىرىلىرى ئىككى ياپونىيىلىكنى ئۇيغۇر ئېلىدە جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان
- كانادا، ئامېرىكىلاردا خىتاي جاسۇسلىرى ئەيىبلەنمەكتە
- كانادا ھۆكۈمىتى كانادادىكى خىتاي جاسۇسلىرىغا قارىتا تەدبىر ئېلىپ بارماقچى
- كانادا دائىرىلىرى خەن گۇاڭشىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلدى
- خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە مەجبۇرلىماقتا
- ئامېرىكىدا قانچىلىك خىتاي جاسۇسى بار؟