13- يانۋار چۈشتىن كىيىن، خىتاينىڭ خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭشى ئۇيغۇر ئىلىدە 10- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە تۇرۇشلۇق سىياسى مەسلىھەت كېڭشىنىڭ 10- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدا دائىمىي رەئىسى ئەسقەت كەرىم باي 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى نامىدىن خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن.
سىياسى كېڭەش يىغىنىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، " سىياسى كېڭەش دېگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە يىغىلىپ ئۆز مىللىتى يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ مىللي مەنپەئەتى ئۈچۈن پىكىر بېرىدىغان بىر خىل دېموكراتىك يىغىن بولۇشى ۋە شۇنداق ئورۇن بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئاتالمىش سىياسى كېڭەش يىغىنى دېگىنى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان بىر خىل يىغىن بولۇپ، خىتايلار ساختا شەكىلدىكى پىكىرى بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتماقتا" دېدى.
مەزكۇر كېڭەشنىڭ 515 ئەزاسى بولۇپ، بۇ قېتىملىق يىغىنغا 476 ئەزا قاتناشقان. دىلشات رىشىت بۇ ئەزالارنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۆزى بېكىتىپ چىققان قورچاق ۋەكىللەر ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارنىڭ قانداقتۇر ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ھەمدە بۇنداق شەكىلدىكى يىغىنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىن بەلگىلەپ بەرگەن دائىرىدە دوكلات ۋە تەكلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ : "خىتايدا ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن پىكىر بايان قىلغان ھەر قانداق بىر ئەزا تۈرمىگە تاشلىنىدۇ" دېدى.
يىغىندا ئۇيغۇر ئىلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت، "قوش تىل مائارىپ" قاتارلىق سىياسەتلىرىنى قانداق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىمۇ ھەر تۈرلۇك تەكلىپلەر بېرىلگەن بولۇپ، دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ياشاش ھوقۇقىغا زىت كېلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە ئىنتايىن زىيانلىق تەكلىپلەر ئىكەن.
دىلشات رېشىت سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن شەكىلۋازلىقنى ، ساختا ۋاستىلەرنى قوللىنىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى ۋە: "ھەقىقىي دېموكراتىيە ۋە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چىن مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسى ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان ئاساستا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ۋەكىللىرى قارار بېرىشى كېرەك " دېدى.
