"رابىيە قادىر سىياسىي زۇلمەت ئىچىدە ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئۈمىد نۇرى"


2007.09.19

ChrisSmith-150.jpg
نېۋ جېرسېي شىتاتىنىڭ پارلامېنت ۋەكىلى كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندى. Wikipedia Photo

17- سېنتەبىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماقۇللانغان قارار لايىھىسىنى ياقىلاش جەريانىدا، قارار لايىھىسىنى قوللاپ سۆزگە چىققان پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمس ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە تونۇلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنى قويۇۋېتىشكە چاقىرىدىغان قارار لايىھىسىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر 497 ‏-نومۇرلۇق قارار لايىھىسىنى قوللاپ سۆزگە چىققان پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە ئېزىلگەن مىللەتلەر ئۈچۈن بىر تارىخى بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا بىر سەمىمىي ۋە جەسۇر ئادەمنىڭ پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئۆز خەلقى ئۈچۈن مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: " ئامېرىكىدىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارتىن لۇسىر كىڭ، بىرمىدا ئانسان سۇشى، ھىندىستاندا بولسا گەندى، خىتاي كاتولىكلىرى ئۈچۈن كاردىنال كۇڭ، پولشادا لاكۋالاسې ۋە يوھان پول ئىككىنچى، تىبەتلەر ئۈچۈن دالاي لاما ھەزرىتىم بار بولغان بولسا، دىنى ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان، مەدەنىي ۋە تىل ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن: ئاققۇن خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆز ئانا ۋەتىنىدە چەتكە قېقىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم باردۇر" دېدى.

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئارزۇ- ئۈمىدلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ئوبرازى

كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندى سۆزىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۇنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ھەق- ھوقۇقنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە شۇ سەۋەب بىلەن 1999- يىلى تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ۋە 2005- يىلى خىتاي تۈرمىسىدىن بوشىتىلىپ ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلىنىش ئالدىدا خىتاينىڭ رابىيە قادىر خانىمنى ئامېرىكىغا بارغاندىن كىيىن ھېچقانداق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بايان قىلدى ھەمدە: " بالىلىرى تېخىچە خىتايدا ياشاۋاتقانلىقىغا قارىماي، بۇ قورقۇمسىز ئايال، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنى قۇردى. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر ئارزۇ- ئۈمىدلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ئوبرازىغا ئايلاندى" دېدى.

سىمس ئەپەندى، بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشتا باسىدىغان مۇساپىسىنىڭ تېخى ئۇزاق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ، بۇلارنىڭ ئاياللارنى ئېزىش، قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا باشقىچە يوسۇندا يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ: "بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي پەرقى سەۋەبلىك، پۈتۈن بىر مىللەتنى يوقىتىۋېتىش مەقسىتىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلدى" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمدىن ئۆچ ئالدى

ئۇ يەنە پالاتا كېڭەش يىغىنى باشقۇرغۇچىدىن، خىتاينىڭ ھەرقانداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تىزىملانغان دوكلاتقا يىپەك يولىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە ئېزىلىۋاتقانلىقىنىڭمۇ چوقۇم كىرگۈزۈلۈشى كېرەك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى بالىلىرى ھەققىدە توختىلىپ: "ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېزىلىۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈردى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ بالىلىرىنى قولغا ئېلىش ، تۈرمىگە تاشلاش ۋە تاياققا بېسىشقا ئوخشاش شەكىللەر بىلەن ئۇنىڭدىن ئوچ ئالدى" دېدى.

سىمىس ئەپەندى سۆزىدە بارلىق پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خانىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: " بىز ئاشۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ ئاۋازىغا ئاۋاز قوشىمىز ھەمدە، بالىلىرىمنى قويۇۋەت دەپ، نىدا قىلىۋاتقان، قەلبى ئازابقا تولغان ئانىنىڭ ئاۋازىغا جۆر بولىمىز" دېدى.

كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىپ ئۇنى ئائىلىسى بىلەن جەم قىلىشى تەلەپ قىلىمىز" دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

497- نومۇرلۇق قارار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى

سىمس ئەپەندى سۆز ئاخىرىدا، مەزكۇر 497- نومۇرلۇق قارارنىڭ بېكىتىلىشى ھەققىدە توختىلىپ: " سىياسىي زۇلمەت ئىچىدە ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن رابىيە قادىر بىر ئۈمىد نۇرى سۈپىتىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا بىز بۇ قارارنىڭ ماقۇللىنىشىنى بار كۈچىمىز بىلەن قوللاپ ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ئۇ قىلغان ئەمگەكلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرەيلى " دەپ خىتاب قىلدى.

نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان 497- نومۇرلۇق بۇ قارار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىپ بېكىتىلدى.

قاراردا ئۇيغۇرلارغا ئائىت تۆۋەندىكى ئۇچ تۈر بېكىتىلدى.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى:

1 ‏- شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنى تونۇشى ۋە ئۇلارغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

2 ‏- رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنى تۈرمىدىن ۋە نەزەربەند ئاستىدىن دەرھال قويۇپ بېرىشى شەرت.

3 ‏- كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىپ كانادادىكى ئائىلىسى بىلەن جەم قىلىشى شەرت. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.