ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە قارار ماقۇللىدى
2007.09.18

17- سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا يېغىن ئېچىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قارار ماقۇللاندى.
قارار ئاۋام پالاتاسىنىڭ رۇس لەھتىنەن خانىم، تام لانتوس ئەپەندى ۋە روھراباچەر قاتارلىق غوللۇق ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان شەخسلەر تەرىپىدىن تەييارلىنىپ پالاتا كېڭىشىگە سۇنۇلغان.
مەزكۇر 497- نومۇرلۇق قارار لايىھىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ئاۋام پالاتا مۇلازىمى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى: " قارار لايىھىسىدە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى شۇنى بىلدۈرىدۇكى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، رابىيە قادىرنىڭ بالىلىرى ۋە كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى تۈرمىدىن دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەدەنىي، تىل ، دىنىي ۋە باشقا شەكىلدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك."
فالەئوماۋائەگا ئەپەندى":خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مائارىپ ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەپ كەلدى"
ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ قانۇن لايىھىسى،17- چېسلا كەچقۇرۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى تولۇق قاتناشقان يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، قارار لايىھىسىنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا ساموئا ئارىلى ۋەكىلى، دېموكرات فالەئوماۋائەگا بايان قىلىپ ئۆتتى.
فالەئوماۋائەگا ئەپەندى قارار لايىھىسىنى تەييارلاشقا كۈچ چىقارغان پالاتا ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مەزكۇر قارار لايىھىسىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: " مەزكۇر قارارنىڭ ئېلىنىشى بىلەن دۆلەت مەجلىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋەھشىيانە باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ يېتەكچى ئاۋازى رابىيە قادىرغا قاراتقان رەزىل ئوچ ئېلىش قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلايدۇ" دېدى.
ئۇ يەنە، ئۇزۇندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر لارنىڭ ئانا ۋەتىنىگە ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تەھدىتىدە ئۆز مىللىي ۋە مەدەنىي مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەدەنىي مائارىپ ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات پۇرسىتى بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مائارىپ ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەپ كەلدى ۋە سىستېمىلىق ھالدا كىتابلارنى كۆيدۈردى ۋە مەسچىتلەرنى تاقىدى" دېدى.
فالەئوماۋائەگا ئەپەندى: "خىتاي تېررورلۇققا زەربە بېرىش كۈرىشىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ياپماقچى بولدى"
فالەئوماۋائەگا ئەپەندى سۆزىدە يەنە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى سوتنىڭ ھۆكۈمىسىزلا تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ۋە ياكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويمايلا ئېتىپ تاشلايدىغانلىقىنى، سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئالىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئازغىنە قارشىلىقى - نامايىشلىرىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش كۈرىشىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىدىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ياپماقچى بولغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا تېررورچىلار ۋە بۆلگۈنچىلەر، دەپ نام قويۇۋالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
فالەئوماۋائەگا ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتى بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەرت ئەھۋالىنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغانلىقىنى، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا خىتاينىڭ رابىيە قادىر خانىمغا شەرت قويۇپ ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلغانلىقىنى ۋە رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا كېلىپ جىم تۇرمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ رابىيە قادىر خانىمدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە "باج تەكشۈرۈش "نى كوزىر قىلىپ ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا "باج ئوغرىلاش" جىنايەتلىرىنى ئارتىپ ئايرىم- ئايرىم ھالدا 7 ۋە 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.
كىرستوفېر سىمىس ئەپەندى :" بىز بۈگۈن غەيرەتلىك ئەمما قەلبى چوڭقۇر ئازابقا تولغان بىر ئانىنىڭ 'بالىلىرىمنى قويۇۋەت' دېگەن نىداسىغا جۆر بولىمىز"
مەزكۇر 497- نومۇرلۇق قارار لايىھىسىنى ياقىلاپ سۆزگە چىققان نېۋ جېرسىي ۋەكىلى كىرستوفېر سىمىس ئەپەندى رابىيە قادىر خانىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن بولغان ھىندىستانلىق ماخاتما گەندى، تىبەتلىك دالاي لاما قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا سانىدى ۋە"تىبەتلەر ئۈچۈن دالاي لاما بولغىنىدەك ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ رابىيە قادىر خانىم باردۇر" دېدى ۋە سۆز ئاخىرىدا ئۇ يەنە: " بىز بۈگۈن غەيرەتلىك ئەمما قەلبى چوڭقۇر ئازابقا تولغان بىر ئانىنىڭ 'بالىلىرىمنى قويۇۋەت' دېگەن نىداسىغا جۆر بولىمىز" دېدى.
سىمىس ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قېلىنغان يول باشلىغۇچىسىغا ئايلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ يېڭى دوستى ئىكەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.
قارار لايىھىسىدە ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
فالەئوماۋائەگا ئەپەندى يەنە 497- نومۇرلۇق قارا لايىھىسىنىڭ ساختا جىنايى قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىنىپ خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغان ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، " ئۇ يېقىندىلا خىتاي سوتى تەرىپىدىن ساختا جىنايى قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى" دېدى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇستىدىن ئېچىلغان سوتقا كانادا ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنىڭ قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىنى ۋە كانادا ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ھۆسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلمىغانلىقىنى ئەيىبلەپ: " بۇ ئۇزۇندىن بۇيان يېتىلدۈرۈلگەن دىپلوماتىيە ئۆلچەملىرىگە زىت مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قېلىنغان ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك" دېدى.
قارار لايىھىسىنىڭ يەنە بىر ياقىلىغۇچى پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر سىمىس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىپ ئۆز ئائىلىسى بىلەن جەم قىلىشى كېرەكلىكىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەستىقلىنىپ بېكىتىلدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارار لايىھىسى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھىسى قوبۇل قىلدى
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رابىيە خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى مەدھىيىلىدى
- ئامېرىكىدىكى دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ ئۇتۇقى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدە قانداق رول ئوينايدۇ ؟
- ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سمىس ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەيدىغان لايىھە سۇنۇشىنى تەلەپ قىلدى