فرانكفورتتىكى ئۇيغۇرلار دالا سەيلىسى ئۆتكۈزدى
2007.08.13
باش شىتابى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ فرانكفۇرت شۆبىسى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى فرانكفۇرت شەھرىدە دالا سەيلىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆپ مەزمۇنلۇق پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە د ۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىدىن باشقا، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقان.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ھەر خىل مەدەنىيەت - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنى تەسىرلەندۈرگەن.
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى فرانكفۇرت شۆبىسىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە قارىتا قويۇق مىللىي تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ پائالىيەت جەريانىدا مىللىي مەسىلىلەر بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكىنى سەمىمىزگە سالدى.
بۇ قېتىمقى دالا سەيلىسىدىن ئۇيغۇر جامائىتى كۆپ خۇرسەن بولغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى سىياسىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي مەزمۇنلار ئۆزارا بىر گەۋدىگە ئايلانغان پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىدىن زوق ئالغان ۋە ھەۋەس قىلغان چەت ئەللىكلەرگە قارىتا، تەشكىلات خادىملىرى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تونۇلۇشىغا ئالاھىدە كۈچ قوشقان.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەر ساھە مۇخبىرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىنى ماددىي ھەم مەنىۋىي تەرەپلەردىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.(ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- لوندوندىكى ئۇيغۇر خەلق ناخشا - مۇزىكا ئەترىتى
- ئالىم سابىت داموللامنىڭ "ئەقائىد جەۋھەرى"ناملىق ئەسىرى ھەققىدە
- دۇنيا ئۆسمۈرلىرى ئۇچرىشىش كۈنىگە ئۇيغۇر بالىلار قاتناشتى
- قازاقىستان يازغۇچىلىرىنىڭ 13 - قۇرۇلتىيى داغدۇغۇلۇق ئېچىلدى
- ئۆزبېكىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكار سۇلتان مەمەت ئەپەندى رادىئومىزدا
- تۈركىيىدە 5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
- شائىر، ئالىمە پاتىگۈل سابىتوۋانىڭ 70 ياشلىقى قۇتلاندى
- بالىلار ئۈچۈن ئەڭ خوشاللىق بىر كۈن
- تۈركىيىدە يايلاق فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى
- شىۋىتسىيىدە، ئۈمىد يۇلتۇزى ناملىق مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
- "شىنجاڭ ناخشىلىرى" زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (2)
- " شىنجاڭ ناخشىلىرى" ئۇيغۇرلاردا زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (1)