
دۇنيا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى كالىفورنىيىدە ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مۇسۇلمان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. زوراۋانلىق ۋە دىنىي رادىكالچىلىقنى ئازايتىش مەقسىتىدە سان-فرانسىسكودا ئېچىلغان بۇ يىغىنغا دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ئىسلام دىنى رەھبەرلىرى ۋە ھەر قايسى دىن ئۆلىمالىرىدىن بولۇپ 600 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. تىبەت بۇددىست داھىيسى دالاي لاما بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەسلىدىكى پىلانىنى ئۆزگەرتىپ سان-فرانسىسكودا توختىدى.
دالاي لاما: زوراۋانچىلار پۈتۈن ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ
يىغىندا يۈكسەك ھۆرمەت ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەن دالاي لاما كۆپچىلىككە، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ۋەقەلىرىنىلا ئاڭلاۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دائىم كەمبەغەللەرگە قانداق يار-يۆلەكتە بولۇشتەك ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى كۆرمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، كىشىلەرنىڭ ئىسلامنى ئۇرۇشخۇمارلىق بىلەن باغلىشىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ، " دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار ئۆز ھېسياتىغا بولغان كونتروللىقىنى يوقاتقاندا زوراۋانلىق يولىغا مېڭىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە كىشىگە قاراپلا پۈتۈن ئېتىقادقا باھا بەرگىلى بولمايدۇ" دېدى.
ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن مۇسۇلمان دوستلىرىنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق يولىنى تاللاپ تۇرۇپ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتاشنى ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ئىسلام دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادىكى يۈكسەك دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھەببەت ۋە مېھرى-شەپقەتنى تەرغىپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە تەكرار ھالدا ساناقلىق زوراۋانچىلارنىڭ پۈتۈن ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. دالاي لاما مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە توختىلىپ، تىبەتتە بۇددىستلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ نەچچە ئەسىر تىنچ ھالدا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى ئېيتتى. دالاي لاما يىغىندا يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى.
سېيىد ئەلى غازۋىنى: ئۆزىمىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ئىچىدە ئولتۇرۇش بىر ياخشى چارە ئەمەس
يىغىن ئويۇشتۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان كالىفورنىيىدىكى ئىسلام دىنىي ئوقۇتۇشىنى ئېلىپ بارىدىغان زەيتۇنە ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەمزە يۈسۈف بۇ يىغىننىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئارىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىسلام ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە پەيدا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يۈسۈف سۆزىدە دالاي لامانىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىنىڭ بۇددىئىزمنى قوبۇل قىلىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىسلامغا بولغان قارىشىنى ئىللىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ " دالاي لاما بىزنى بىر ئىتتىپاق جەمئىيەت شەكلىدە كۆرۈشنى خالايدۇ چۈنكى ئۇ، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئىسلامغا ھۇجۇم قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلدى" دەيدۇ.
كالىفورنىيىدىكى فرەزنو ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىمامى سېيىد ئەلى غازۋىنى يىغىندا دالاي لاماغا بىر تىزىق تەسۋىي سوغا قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ بۇ يەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى. شۇنداقلا ئۇ يەنە بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ پائالىيەتچان بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ " پەقەت ئۆزىمىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ئىچىدە ياكى مەسچىتىمىزدە يالغۇزلا ئولتۇرۇش بىر ياخشى چارە ئەمەس" دېدى.
ئالىملار يىغىلغان يىغىن
دالاي لاما يەنە يىغىندىن كېيىن، كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان ئەھۋالدا 40 نەچچە نەپەر ئىسلام رەھبىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىستانبولدىكى تۈركىيە ۋە ئىسلامىي سەنئەت مۇزىيخانىسىنىڭ پرېزىدېنتى سۇفىئىزم پروفېسسورى مەھمۇد قىلىچ، شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سەيىد سىيىت ۋە كانادادىكى ئىخسان مۇسۇلمان مىراس جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەھمەد ئەل ھاشىمى قاتارلىقلار بار.
مۇسۇلمان دۇنياسىدا دىنىي رادىكالچىلىق ۋە زوراۋانلىقنى ئازايتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەزكۇر يىغىنغا يەنە، ئامېرىكىدىكى دىنىي تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدىغان بىر قانچە مۇھىم ئالىملارمۇ قاتناشتى. ئۇلار، بېركلىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىن ئىشلىرى پروفېسسورى خاستىن سمىس، سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرىنى تەرجىمە قىلىپ يازغان "ئۇرۇش سەنئىتى" دېگەن كىتاپ بىلەن داڭ چىقارغان خارۋورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى توماس كلېرىي ھەمدە بۇددىئىزمدا چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى روبېرت تۇرمېن قاتارلىقلار.
پروفېسسور خاستىن سىمىس بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ دۇنيادىكى ئىسلام نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن بىر بىۋاستە جاۋاب بولالايدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنىڭ بۇددىستلارنىڭ دىنىي داھىيسى بولغان دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىشىنىڭ بىر چوڭ بۆسۈش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما 1959- يىلى خىتايدىن ھىندىستانغا قېچىپ چىققان ھەمدە دارامسالادا تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى بەرپا قىلغان. ئۇ 1989- يىلى دۇنيا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى سەپىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئامېرىكىغا قىلىدىغان سەپىرى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋ بىلەن دالاي لامانىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بار-يوقلىقىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە. دالاي لاما ھەتتا ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرنى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتى داۋامىدا ھەر قانداق شەكىلدىكى نارازىلىق نامايىشى ئويۇشتۇرماسلىققا چاقىردى. (پەرىدە)