دالاي لاما ۋاشىنگتوندا يەر شارى تىنچلىقى ۋە مېھرى - شەپقەت ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى

0:00 / 0:00
dalai-rabiye.jpg

تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لاما 13 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى MCI مەركىزىدە 16 مىڭ كىشىگە "يەر شارى تىنچلىقى ۋە مېھرى - شەپقەت" دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، مېھرى - مۇھەببەت ۋە نەپرەت، دىن - ئېتىقاد ۋە مىللەتلەر، يەر شارى تىنچلىقى ۋە قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللار مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە توختالدى.

يىغىنغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە چاقىرىلغان. يىغىندا رابىيە قادىر خانىم ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلۇپ، "ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىرنى ئارىمىزدا كۆرگەنلىكىمىزدىن شەرەپ ھېس قىلىۋاتىمىز" دەپ تەكىتلەندى.

دالاي لاما: تىبەت، موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلار داۋاملىق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە

يىغىن جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل بىلەن بىرگە مېھمانلار قاتارىدا سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى ھەم تىبەت روھانى داھىسىغا ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە شارپا تەقدىم قىلدى. دالاي لاما تىڭشىغۇچىلىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە ئۇيغۇرلارنى قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە، دەپ كۆرسەتتى.

دالاي لاما "تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ئەسىردە زور قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۈردى شۇنداقلا تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلار داۋاملىق قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە" دەيدۇ.

نەنسىي پېلۇسى: ئۇ بىر ئاددى راھىب

dalai-doppa.jpg
رابىيە قادىر خانىم دالاي لاماغا ئۇيغۇرچە دوپپا كىيدۈردى. RFA

بۇنىڭ ئالدىدا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى ئاز سانلىقلار رەھبىرى، كالىفورنىيىلىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى نەنسى پېلۇسى خانىم دالاي لامانى تونۇشتۇرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك سۆزى قىلىپ، دالاي لاما دىنلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك سېلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان راھىب، دەپ كۆرسەتتى.

نەنسىي پېلۇسى "دالاي لاما دۇنيانى ساياھەت قىلىپ، دىنلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك سېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇ، ھەر بىر دىننىڭ ئۆزىگە خاس ئىدېئولوگىيىسى ۋە قائىدە يوسۇنى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكتە. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھەر بىر كىشى بۇنى ھېس قىلغاندىلا دىنلارنىڭ چوڭقۇرلىقىغا يېتىدۇ" دېدى. نەنسىي پېلۇسى "دالاي لاما ئۆزىنى ئارتۇقمۇ ئەمەس، ئازمۇ ئەمەس ئاددى بىر راھىب، دەپ تەرىپلىمەكتە" دەيدۇ.

دالاي لاما : ئۇيغۇرلار بىلەن تەبىئىي كۆڭۈل يېقىنلىقىمىز بار

دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتى ئۆتكەن ھەپتە باشلاندى. ئۇ، بۇ جەرياندا پرېزىدېنت بۇش ۋە خانىمى لاۋرا بۇشلار بىلەن ئاق سارايدا كۆرۈشكەن.

دالاي لاما نۇتۇقىدا ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تىبەتلەرنى ئۆز- ئارا بىر- بىرىنى چۈشۈنىدىغان قېرىنداشلار، دەپ كۆرسەتتى. دالاي لاما ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "شۇڭا بۇ رايوندىكى خەلقلەر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەبئىي قېرىنداشلىقىمىز بار شۇنداقلا بىز ئوخشاش تەقدىرگە ئىگە. ئەلۋەتتە ھىمالايانىڭ جەنۇبىدىكى ھىندىستان قاتارلىق رايونلار ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بەزىدە ئۇلاردىن قىزغىنىپمۇ قويۇمىز... چۈنكى بىز ئەركىنلىكىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويدۇق".

تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ئەسىردە زور قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۈردى شۇنداقلا تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلار داۋاملىق قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە.

دالاي لاما شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، تىبەتلەرنىڭ بۇ رايوندىكى خەلقلەر بىلەن تارىخىي مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. دالاي لاما، "شەرقىي تۈركىستاندا ئاز ساندا بولسىمۇ بۇددىست پۇقرالار بار. ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار. شۇنداقلا بىر قىسىم قازاقلارمۇ ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلار. تارىختىكى مۇناسىۋىتىمىز شۇنداقلا بۇ رايون دالاي لاما تۇغۇلىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، مەلۇم جەھەتتىن ئۇلار بىلەن كۆڭلىمىز ناھايىتى يېقىن. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىمەن " دېدى.

ئۇيغۇر - تىبەت ئىتتىپاقىنىڭ ئەھمىيىتى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىلىش ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ كەڭ تونۇشتۇرۇش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينىغان.

دالاي لامانىڭ ئۆتكەن ھەپتە پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى مەتبۇئات ساھەسىگە ئېلان قىلىنمىدى. كۆزەتكۈچىلەر، پرېزىدېنت بۇشنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش ئالدىدا دالاي لامانى ئاق سارايدا كۈتۈۋېلىشى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە جىددىي قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتا. ئەمما "ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى" نىڭ دۈشەنبە كۈنى تەكىتلىشىچە، گەرچە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي چەمبىرىكى ئىچىدىكى يېڭى كونسېرۋاتىپلار ۋە دىنىي گۇرۇھلار كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق قول بولۇشنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئەمما بۇش ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىكەن. (ئەركىن)