گېرمانىيىدىكى مەشھۇر سىياسىي ژورنال "ئەينەك" نىڭ 33 - سانىدا، دالاي لاما ۋە تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك زور ھەجىملىك بىر زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. بۇ زىيارەتنى "ئەينەك" ژورنىلىنىڭ مۇھەرلىرىدىن Stefan, Andreas we Gerhard قاتارلىقلار تىبەتكە بېرىپ، تىبەتتىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سېكرېتارى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى جاڭ چىڭلىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇ زىيارەت خاتىرىسىگە، جاڭ چىڭلىڭنىڭ دالاي لامانى يامانلاپ، "ئۇ ئۆز يۇرتىنى ئالدىماقتا" دېگەن بىر جۈملە سۆزى ماۋزۇ قىلىپ قويۇلغان.
بۇ ئەسەرنىڭ 1 – بېتىدىكى ئايرىم گەۋدىلەندۈرۈلگەن بىر ستوندا بولسا، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇرلار قىستۇرۇلغان. بۇ ستوندا تىبەت بىلەن خىتاي ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا 1951 – يىلى يۈز بەرگەن جەڭدە 5000 نەپەر تىبەتلىكنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىزاھلانغان. شۇنداقلا، تىبەتنىڭ 1959 – يىلى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزى بىلەن بېسىۋېلىنغانلىقى ھەم دالاي لامانىڭ شۇ چاغدا ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. تىبەت بېسىۋېلىنىشتىن ئىلگىرى بولسا، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرتىنى بېسىۋالغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
بۇ ئەسەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتكە ھەم دالاي لاماغا تۇتقان سىياسىتى ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي سىياسىتى ھەققىدە كۆپلەپ سوئاللار سورالغان.
تىبەت ھۆكۈمرانى جاڭ چىڭلىڭ، زىيارەتچىلەرنىڭ سوئاللىرىغا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ جاۋاپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ پىكىرلىرى شۇنچىلىك كۈلكىلىك ھەم بىمەنە بولۇپ قالغان.
مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن "دالاي لاما تىبەتنى سۆيمەمدۇ؟" دەپ سوئال سورىغاندا، جاڭ ئەپەندى قوپۇپ: "تىبەت دالاي لامانىڭ يۇرتى، جۇڭگو بولسا ئۇنىڭ ۋەتىنى. ئۇ ئۆز ۋەتىنىنى ئالداۋاتىدۇ. 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، دالاي لاما لاسادا خەلققە قارشى، ھۆكۈمەتكە قارشى ۋە جەمئىيەتكە قارشى 80 قېتىمدىن ئارتۇق ۋەقە تۇغدۇردى" دەپ جاۋاپ بەرگەن.
جاڭ چىڭلىڭ يەنە زىيارەتچىلەرگە، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئەمەلىلەشكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن
خىتاي تارىخچىلىرى، تىبەتنى يۈەن سۇلالىسىدىن باشلاپلا خىتايغا تەۋە ئىدى، دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تىبەت ھۆكۈمرانى جاڭ چىڭلىڭ، تىبەتنى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، دەپ تەكىتلىگەن ۋە "دالاي لاما ئۇنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقماقچى"، دەپ ئەيىبلىگەن.
مەزكۇر زىيارەت جەريانىدا، جاڭ ئەپەندى يەنە دالاي لاما سەرگەردان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاما سەرگەردان ھۆكۈمىتى ۋەكىلى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئىنكار قىلىپ، بۇنى "خۇسۇسي سۆھبەت" دەپ سۈپەتلىگەن.
