دالاي لاما ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا


2007.10.25

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان " ئەل مەدىنە"گېزىتىنىڭ 2007- يىلى 19 - ئۆكتەبىر سانىدا " پرېزىدېنت بۇش دالاي لاما بىلەن بىرگە كۆرۈنۈش ئارقىلىق خىتايغا دۇئېل ئېلان قىلدى"دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تىبەتلىكلەرنىڭ روھىي لىدېرى دالاي لاما بىلەن بىرگە ئاشكارا كۆرۈنگەن تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ، پرېزىدېنت بۇش بۇ ئارقىلىق خىتايغا دۇئېل ئېلان قىلغان ۋە خىتاينى دىنىي بېسىمنى توختىتىشقا چاقىرغان بولدى. دالاي لاما ئامېرىكىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشتى. بۇ ئامېرىكا كوڭگىرىسىنىڭ رەسمىي مۇراسىملاردىلا بېرىدىغان ئېتىبارلىق مېدالىدۇر.

بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ چىشىغا تەككەن بولدى. پرېزىدېنت بۇش دالاي لامانى تىبەت خەلقىنىڭ نۇرلۇق مەشئىلى دەپ تەرىپلىدى ۋە مەڭگۈگە شۇنداق داۋام قىلىشىغا تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

بۇش ئامېرىكا پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا تىبەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن خىتايلارنى دالاي لاما بىلەن تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى ۋە مۇنداق دېدى: " خىتايلار دالاي لامانىڭ ھەقىقىي تىنچلىقپەرۋەر ئادەم ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ يېتىدۇ. ئامېرىكا ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك باستۇرۇشلارغا ئۇچرىشىغا قاراپ كۆز يۇمۇپ تۇرالمايدۇ."

دالاي لاما تىبەتنى خىتايدىن ئايرىماقچى ئەمەس

دالاي لاما ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تىبەتنى خىتايدىن ئايرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تىبەتكە ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىق مۇددىئاسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە ئۇ نۆۋەتتىكى ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

چۈنكى دالاي لاما 1959 - يىلى تىبەتتە خىتايغا قارشى ھەرىكىتى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەن كىشى بولۇپ، ھىندىستاندا تىبەتلىكلەرنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. ھازىر ئۇ ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى دارامسالا شەھىرىدە تۇرىدۇ. دالاي لاما تىبەتلىكلەرنىڭ 14- لاماسىدۇر. دالاي لامانىڭ ئەسلى ئىسمى تېنزىن جىياستو بولۇپ، دالاي لاما ئۇنىڭغا بېرىلگەن دىنىي ئۇنۋاندۇر. چۈنكى "دالاي" سۆزى موڭغۇل تىلىدا "ھېكمەت ئىگىسى" دېگەن مەنىنى بىلدۈرسە، "لاما" سۆزى تىبەت تىلىدا " دىنىي لىدېر" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇش دالاي لاما بىلەن ئاشكارا ھالدا كۆرۈنگەن تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى

جۇمھۇرىيەتچىلەر لىدېرى مېكەيىن پرېزىدېنت بۇشنىڭ دالاي لاما بىلەن بىرگە ئاشكارا كۆرۈنگەنلىكىنى ماختاپ، مۇندىن بۇرۇنقى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ ھېچبىرى دالاي لاما بىلەن مەخسۇس ئۇچراشقانلىرىدا ئۇنىڭ بىلەن ئاشكارا ھالدا كۆرۈنۈپ باقمىغانلىقىنى، بۇشنىڭ دالاي لاما بىلەن يان- يانغا ئولتۇرۇپ كۆرۈنىشى تۇنجى ئىش ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى.

بىر تەرەپتىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى ۋە كوڭگىرىستا مۇراسىم ئۆتكۈزۈشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

خىتاينىڭ نارازىلىقى ئاشتى

قاتارنىڭ "ئەل جەزىرە" تېلېۋىزىيە قانىلى 19 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ئاڭلىتىشىدا مۇنداق دېدى:" 18- ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كلاركنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا ئامېرىكا كوڭگىرىسىنىڭ دالاي لامانى مەخسۇس مۇراسىم بىلەن كۈتىۋالغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىقىنى يەتكۈزدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇندىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىرغان ئىدى. لېكىن پرېزىدېنت بۇش ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا مۇندىن بۇرۇنلا يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە 'مەن خىتايلارغا ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويۇشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئېيتتىم' دېدى،" دېدى. (ئۆمەرجان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.