دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ كانادا زىيارىتى


2007.10.31

كانادا باش مىنىستىرى ستېپھەن خارپەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي زىيارەتكە كەلگەن تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى سىياسىي ۋە دىنىي داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى. بۇ كانادا باش مىنىستىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگىنىدا تۇنجى قېتىم دالاي لاما بىلەن رەسمىي كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.خىتاي دائىرىلىرى كانادانى بۇ كۆرۈشۈش كانادا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ،دەپ ئاگاھلاندۇردى.

تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى سۆھبەت

دالاي لاما كۆرۈشۈشتە كانادانىڭ ئۆز‏- ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىناق بىرلىكىنىڭ مىللەتلەر توقۇنۇشى بولۇۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۆرنەك بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. دالاي لامانى پارلامېنتتىكى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالغان ستېپھەن خارپەر: سىزنىڭ كانادا پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن تۇنجى قېتىم كاناداغا كەلگەنلىكىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن. سىزگە كىچىككىنە سوۋغا بېرەلىگەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن خوشال ھېس قىلىمەن، دېدى.

40 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشقان بۇ كۆرۈشۈشتە ئىككى رەھبەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، تىبەتنىڭ تارىخى ۋە تىبەت خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرى ھەققىدە توختالدى. ستېپھەن خارپەر دالاي لاماغا كانادانىڭ سىمۋولى چۈشۈرۈلگەن خادا تەقدىم قىلغان بولسا، دالاي لاما تىبەتنىڭ ئەنئەنىۋىي خاداسىنى ستېپھەن خارپەرغا سوۋغا قىلدى.

كۆرۈشۈشتە دالاي لاما كانادانىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنى مەدھىيىلەپ: مېنىڭچە خىتاي رەھبەرلىرى مېنىڭ پائالىيىتىمدىن گۇمان قىلىشنىڭ ئورنىغا كانادانىڭ ئۆز ‏-ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىناق بىرلىكىنى ئۆگىنىشى كېرەك،دېدى.

دالاي لاما يەنە : مەن ئەزەلدىن كاناداغا قايىلمەن. كانادادا كۆپ مەنبەلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بولۇپمۇ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بىرىنچى مىللەت،دەپ ئالاھىدە ئاتىلىشى مېنى زوقلاندۇرىدۇ،‏- دېدى. ئۇ يەنە، مەسىلىلەرنى غەيرى زوراۋانلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا يول ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كانادا باش مىنىستىرى ستېپھەن خارپەر بولسا، بۇرۇنقى لىبېرال پارتىيە ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىغا ھەددىدىن ئارتۇق ئەھمىيەت بېرىپ، كوممۇنىستىك تۈزۈمدىكى خىتايغا نىسبەتەن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ھەققىدە يېتەرلىك دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

دالاي لاما يەنە، كانادا باش ۋالىسى مىچائېللە جېئان ۋە كانادا پارلامېنتىدىكى ئۈچ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆرۈشتى.

بۇ كۆرۈشۈشنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى چوڭقۇر

دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلغان كانادا مەتبۇئاتلىرى،ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدىكى قائىدە-يوسۇنلارنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسىنىڭ ئەمەلىي مەنىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى يەنى خىتاي تەرىپىدىن بۆلگۈنچى ئۇنسۇر، دەپ ئەيىپلەنگەن دالاي لامانىڭ كانادا باش مىنىستىرى تەرىپىدىن ھۆكۈمەت ئورگىنىدا رەسمىي كۈتىۋېلىنغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى.

كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادانىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت مىنىستىرى جېسون كېننەي بۇ ئۇچرىشىشنى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇچرىشىش،دەپ باھالىغان. بۇ دالاي لامانىڭ 6 - قېتىم كانادانى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، كانادا ئاۋام پالاتاسى بۇلتۇر 6-ئايدا ئۇنىڭغا كانادانىڭ پەخرى پۇقرالىق سالاھىيىتىنى بەرگەنىدى.

ستېپھەن خارپەر بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئانگېلا ماركېلدىن كېيىن دالاي لاما بىلەن ھۆكۈمەت ئورگىنىدا رەسمىي كۆرۈشكەن 3 - غەرب دۆلىتى رەھبىرى دېگەن نامغىمۇ ئېرىشتى.

بۇ كۆرۈشۈش خىتاينىڭ ئوغىسىنى قايناتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ كانادا زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ زىيارەتنى بىكار قىلىش ۋە ھېچ بولمىغاندا كانادا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەسلىكى ھەققىدە كانادا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن. خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا: ھۆكۈمىتىمىز دالاي لامانىڭ كانادا زىيارىتى ھەققىدە كانادا تەرەپنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى. بىز كانادا ھۆكۈمىتىنى دالاي لامانىڭ بۆلگۈنچىلىك ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىشكە ھەمدە خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى جىددىي مەيدانىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا، دالاي لامانىڭ كانادادىكى خىتاينى پارچىلاش پائالىيەتلىرىگە يېشىل چىراق يېقىپ بەرمەسلىككە ۋە خىتاي ‏- كانادا مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەردە بولماسلىققا ئۈندەيمىز، ‏- دېيىلگەن.

ستېپھەن خارپەر بىلەن دالاي لاما سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، بىر قانچە نەپەر خىتاي كانادا پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا، "ستېپھەن خارپەر خىتايدىكى بۆلگۈنچىلەرنى قوللاشنى توختات" دېگەن خەت يېزىلغان چوڭ لوزۇنكا چىقىرىپ، بۇ كۆرۈشۈشكە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ كۆرۈشۈشنى كانادالىقلار قوللىدى

كانادادا ئېلىپ بېرىلغان كىشىلەرنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، كانادالىقلار سودىدىن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىگەن. رايىنى سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان %87 كانادالىق ستېپھەن خارپەر دالاي لاما بىلەن چوقۇم كۆرۈشۈشى كېرەك دېگەن بولسا، %69 كانادالىق خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلەرگە زىيان يېتىشىدىن قەتئىي نەزەر كانادا، تىبەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويۇشى كېرەك، دەپ قارىغان.

ئەمما كانادا سودا ساھەسىدىكىلەر ستېپھەن خارپەرنىڭ دالاي لاما بىلەن يۇقىرى دەرىجىدە كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈشىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

دالاي لاما بىلەن خىتاي سۆھبىتى نەتىجىسىز

دالاي لاما 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن بېرى، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كېچىپ،ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دالاي لاما بىلەن بېيجىڭ دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يېقىنقى سۆھبەت 2007-يىلى 7-ئايدا ئاخىرلاشقانىدى. ئەمما ھازىرغىچە بۇ سۆھبەتلەردىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى.

تەھلىلچىلەر ستېپھەن خارپەرنىڭ خىتاينىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ سودىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەيدىغان ئىزچىل مەيدانىنى نامايەن قىلىدۇ، دەپ باھا بەرمەكتە. كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى بۇلتۇر ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بېرى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق سىياسەت تۇتۇپ كەلگەنىدى. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.