0:00 / 0:00
يېقىندا تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما كانادانى زىيارەت قىلىپ، كانادا باش مىنىستىرى ستېپان خارپېرنىڭ ئاشكارە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كانادا تەرەپنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇپ قالالمىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادا مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك ئانالىزلار ئېلان قىلىنىپ، خىتاينى " گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق" دەپ باھالىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشتۇرۇشلىرىنى ئاڭلايسىلەر.