14 - دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى كىم بەلگىلەيدۇ ؟


2007.11.29

Tibet 09 03 2007.jpg
تىبەت لامالىرىدىن بىرى. RFA Photo

ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى كىم بەلگىلەش مەسىلىسى ئاخىرقى كۈنلەردە دالاي لاما بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تالاش - تارتىش قوزغىماقتا. ئەگەر 14- دالاي لاما بۇ ئۆمرىدە تىبەتكە قايتالمىسا ياكى خىتاي بىلەن تىبەتلەر بۇ مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، ئىككى دالاي لامانىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى تۇغۇلۇشى مۇمكىن.

"دالاي لاما، ئۆزىنىڭ ۋارىسى چەتئەلدە تۇغۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى"

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن خىتاي ئارىسىدا تىبەت روھانى رەھبەرلىرىنى بەلگىلەش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ، 1995 - يىلى 10 - بەنچەن لامانىڭ ۋارىسىنى بەلگىلەش مەسىلىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 1989- يىلى ۋاپات بولغان 10 - بەنچەن - چوكېي گيالتسېن ئېردەنىنىڭ دالاي لاما تاللىغان ۋارىسى گېدۇن چوكېي نيېمانى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان ۋە بۇ تىبەتلىكلەردە 2 بەنچەن لامانىڭ تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى شۇنداقلا گېدۇن چوكېي نيامانىڭ نەزەربەنت قىلىنىشىغا يول ئاچقان ئىدى. يېقىندا دالاي لامانىڭ، ئەگەر سۈرگۈن ھاياتىدا ۋاپات بولسا، ۋارىسىنىڭ مەملىكەت سىرتىدا تۇغۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن دالاي لاما ئوتتۇرىسىدا يەنە ۋارىس تاللاش ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنى كۈچەيتىۋەتتى.

بۇ يىل 72 ياشلاردىكى دالاي لاما، ئۆزىنىڭ ۋارىسى چەتئەلدە تۇغۇلىدىغانلىقىنى جاكارلاپلا قالماي، لاما دىنىدىكى ئىزباسارىنى تىبەت راھىپلىرى ئىزدەپ تاپىدىغان ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللار ئۈستىدە ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىۋېدى، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. دالاي لاما ھىندىستاننىڭ ئامىرىتسار شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا دىنىي يىغىندا تىبەت خەلقىنىڭ كېلەچەكتىكى رەھبەرلىك ئۇسۇلىنى رېفىراندام بىلەن تاللىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئەگەر ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشسا، ھىمالايا ئىگىزلىكى ۋە ئىچكى موڭغۇلنى ئاساس قىلغان ئەنئەنىۋىي بۇددىزم رايونلىرىدا رېفىراندۇم بىلەن جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن دالاي لاما يەنە، "ئەگەر مەن ئۆلسەم تىبەت خەلقىنىڭ كۈرىشىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمەن. يەنى بۇ قەدىمىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە باي بىر مىللەتنىڭ مىللىي كۈرىشىدۇر. شۇڭا تىبەت روھى مېنىڭ ئۆلۈمىم بىلەن يوقاپ كەتمەيدۇ. بۇ ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك مەسىلە " دەيدۇ.

" تىبەتنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك روھانىي رەھبىرى چوقۇم بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك "

لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى بەلگىلەش مەسىلىسىدىكى مەيدانى روشەن بولۇپ، ئۇلار بىر تەرەپتىن لاما دىنىنىڭ ئىز باسار تاللاشتىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن تىبەتنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك روھانى رەھبىرى چوقۇم بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك، دەپ قارىماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ دېگەنلىك بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دالاي لاما تاللىغان ياكى تىبەتلىكلەر رىفىراندۇم بىلەن تاللىغان تىبەت روھانىي رەھبىرىنى رەت قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان " تىبەت دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ ۋارىس تاللاش ئۇسۇلى" توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت لامالىرىنى تاللاشتىكى رولىغا ھەل قىلغۇچ ئورۇن بەرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دالاي لامانىڭ ۋارىس تاللاش مەسىلىسىدىكى باياناتىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، دالاي لامانىڭ تەشەببۇسىنى تىبەتنىڭ دىنىي ئەمەلىيىتى ۋە تارىخىي ئەنئەنىسىگە قىلىنغان ئاشكارا بۇزغۇنچىلىقتۇر، دەپ ئەيىبلىمەكتە. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا "دالاي لامانىڭ بۇ ھەقتىكى ھەرىكىتى مەۋجۈت دىنىي قائىدىلەر ۋە تارىخىي ئادەتلەرگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

" خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئىشلاردا خاتالاشقانغا ئوخشاشلا خاتا چوت سوقۇۋاتىدۇ "

1989 - يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ رەھبىرى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورى ۋاڭ دەن پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا سۆزلىگەن بىر نۇتۇقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ھەرىكىتىنى دالاي لامانىڭ ئۆلۈمى بىلەن سۇندۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلىدى.

دالاي لامانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويغان پۈتۈن شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قوبۇل قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋاڭ دەن،" لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەمدى دىنىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمىسا، بۇ ئۇلارنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سەمىمىيىتى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋاقىتنى كەينىگە سۆرىسەك دالاي لاما ئۆلسە، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئاسان، دەپ قارىماقتا. ئەمما ئۇلار بۇ مەسىلىدە بۇرۇن نۇرغۇن ئىشلاردا خاتالاشقانغا ئوخشاشلا خاتا چوت سوقۇۋاتىدۇ " دېدى.

" دېموكراتىيە بولمىسا ھەقىقىي تۈردىكى سۆھبەت بولمايدۇ "

تىبەتنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار، ۋاشىنگتوندىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەرباپلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما ئۆلسە، ئۇنىڭ ۋارىسىنى تاللايدىغان مەخپىي كومىتېت قۇرغان بولۇشى مۇمكىن. ئانالىزچىلار، دالاي لامانىڭ ۋارىس تاللاش مەسىلىسىدە رېفىراندۇم ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لاما ئۆلسە، ئۆزىنىڭ دالاي لاماسىنى تىكلەش پىلانىغا قارشى قوزغىغان ھۇجۇمى، دەپ قارىماقتا.

ۋاڭ دەن بولسا بۇ مەسىلىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئىختىلاپلارنى سۆھبەت ۋە كەڭ ئاممىنىڭ ئىرادىسى بىلەنلا ھەل قىلىش مۇمكىن، دەپ قارايدىغان خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ،" بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى سۆھبەت. لېكىن بۇ سۆھبەت كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىرادىسى ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك. لېكىن بىز ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە پۇقرالارنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى ئاشكارا ئىپادە قىلالمايۋاتقانلىقىدۇر. شۇڭا مەن دېموكراتىيە بولمىسا ھەقىقىي تۈردىكى سۆھبەت بولىدۇ، دەپ قارىمايمەن. بىر پارتىيە دىكتاتۇرلۇقى ئاستىدا تىبەت، شىنجاڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ " دەپ قارىماقتا.

دالاي لاما، ئوتتۇرىغا قويغان كېلەر نۆۋەتلىك تىبەت روھانى داھىسىنى تاللاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، ۋاتىكاننىڭ پاپا سايلاش ئۇسۇلى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي زاتلار ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئۇسۇلى بىلەن نامزاتلار ئىچىدىن 15 - دالاي لامانى سايلاشتۇر. لېكىن دالاي لامانىڭ باياناتچىسى تەنزىن تاكلاخ، " دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان ئۇسۇللار كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بولۇپ، بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھېچبىرى مۇقىملاشقان ئەمەس"دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.