دالاي لامانىڭ بۈگۈنكى تور دىئالوگى ھەققىدە تىبەت يازغۇچىسى ۋىسېر خانىم بىلەن سۆھبەت

تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 8 دىن 9 غىچە، خىتايدىكى تىبەتشۇناس مۇتەخەسسىس، يازغۇچى ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندىنىڭ 'تىۋىتتېر' ئىنتېرنېت بېكىتى ئارقىلىق تورداشلار بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلەشتى. ھازىر بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان تىبەت يازغۇچىسى ۋىسېر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ سۆھبەتنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.05.21
dalay-lama-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ 51 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo

بۈگۈن دۇنيادا نۇرغۇن ئۇچۇر ۋاستىلىرى، تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامانىڭ خىتايدىكى تىبەتشۇناس، يازغۇچى ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندىنىڭ 'تىۋىتتېر' ئىنتېرنېت بېكىتى ئارقىلىق، تورداشلار بىلەن بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى (دىئالوگ) نى خەۋەر قىلدى. ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندىنىڭ بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىغا تېلېفون ئۇلاندى.

ۋەلى: مەن ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشمەكچى.
ۋىسېر خانىم : ئۇ ھازىر نيۇيوركتا.

ۋەلى: مەن سىزنىڭ ئاۋازىڭىزدىن ۋىسېر خانىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىۋالدىم.
ۋىسېر خانىم : ھەئە، مەن شۇ.

ۋەلى: تىبەتلەرنىڭ ھۈرمەتلىك دىنىي داھىسى دالاي لامانىڭ بۈگۈن ئىنتېرنېت ئارقىلىق تورداشلار بىلەن بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇرغان ئەھۋالنى مىنىڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمغا سىز سۆزلەپ بەرسىڭىز. ھازىرچە سوئالىم يوق. ئالدى بىلەن سۆھبەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بېرىڭ.
ۋىسېر خانىم : دالاي لاما بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 8 دىن 9‏ - غىچە، 'تىۋىتتېر' ئارقىلىق تورداشلار بىلەن بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇردى. خىتايدا ھازىر 'تىۋىتتېر' قوللىنىدىغان 80 مىڭدىن ئارتۇق تورداش بار. بۈگۈنكى بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ناھايىتى كۆپ تورداش قاتناشتى (سانىنى ئېنىقلاشقا تېخى ئۈلگۈرەلمىدىم) . تورداشلاردىن 1253 تورداش دالاي لاماغا سوئال قويدى. قويۇلغان ئوخشىمىغان سوئال سانى 289. مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە دالاي لاما شۇ قەدەر كۆپ سوئالنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بېرىپ بولالمايدۇ-دە، شۇڭلاشقا تورداشلار ئاۋاز قويۇپ جاۋاب بېرىدىغان 10 سوئالنى بەلگىلەپ چىقتى. دالاي لاما ئۇنىڭدىن 8 ىگە جاۋاب بېرىشكە ئۈلگۈردى.

ۋەلى: سوئال قويغان تورداشلارنىڭ قانچىسى تىبەت؟
ۋىسېر خانىم : سوئال قويغان تىبەت تورداشلار ئاز، كۆپىنچىسى خىتاي.

ۋەلى: سوئال قويغان تىبەتلەر تىبەت ئاپتونوم رايونى ئىچىدىن سوئال قويغانلارمۇ ياكى چەتئەلدە تۇرۇپ سوئال قويغانلارمۇ؟
ۋىسېر خانىم : تىبەتچە سوئال قويغانلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن قارىغاندا، ئۇلار تىبەت ئىچىدىن سوئال قويۇۋاتىدۇ. سۆھبەتتە ھېچكىم كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەشۋىقاتىدا دېيىلگەن گەپلەرنى قىلمىدى. تىبەتلەر بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىگە بولغان چۈشەنچە ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ناھايىتى قىزىقارلىق بولدى.

ۋەلى: سۆھبەت تىبەتچە بولدىمۇ ياكى خىتايچە بولدىمۇ؟ دالاي لاما قايسى تىلدا سۆزلىدى؟
ۋىسېر خانىم : سوئاللار ھەر كىمگە قولايلىق بولغان تىل بىلەن تىبەتچە ياكى ئىنگلىزچە ياكى خىتايچە سورالدى. تىبەتنىڭ ئىچىدىن سوئال قويغانلار خىتايچە قويدى. دالاي لاما تىبەتچە سۆزلىدى. سوئال-جاۋابلارنىڭ ھەممىسى تىبەتچە ۋە خىتايچىغا تېز تەرجىمە قىلىنىپ تېكىستكە ئايلاندۇرۇلۇپ تۇردى.

ۋەلى: دالاي لاما جاۋاب بەرگەن سوئاللارنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.
ۋىسېر خانىم : تىبەت -خىتاي سۆھبىتى بولۇۋاتقىلى بىر نەچچە 10 يىل بولۇپ قالدى، ھەر قېتىم نەتىجىسىز ئاياقلىشىۋاتىدۇ، قايسى مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى يوق دېگەن سوئالغا، دالاي لاما 'كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا تىبەت مەسىلىسى دېگەن مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت دالاي لاما مەسىلىسىلا بار،' دېگەن كۆز قارىشنى پەقەت ئۆزگەرتمىدى. ئەمەلىيەتتە مەن شەخسەن ئۆزەم، پەقەت تىبەت مەدەنىيىتىگە، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى مەسىلىسىگە، تىبەتنىڭ تەبىئىي مۇھىتى مەسىلىسىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن. ئەگەر مەركىزى ھۆكۈمەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەسىلىنى خۇددى 'شىنجاڭ مەسىلىسى' دەپ ئوتتۇرىغا قويغاندەك 'تىبەت مەسىلىسى' دەپ ئوتتۇرىغا قويسا ھەم بۇ مەسىلىنى راستلا ھەل قىلىشقا كىرىشسە، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ 'تىبەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش'، 'تىبەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش' دېگەن شوئارى ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۆزەم چىن قەلبىمدىن ھەمكارلىشىمەن. ئەمما ھازىر كوممۇنىست خىتاي، مۇقىملىقنى ساقلاش دېگەن نام بىلەن زورلاش، مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ، مىنىڭ قارىشىمچە، مۇقىملىقنى ساقلاش دېگەن كىشىلەرنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان تەلەپ بولۇشى كېرەك، مانا مەسىلە مۇشۇ نۇقتىدا ' دەپ جاۋاب بەردى.

ۋەلى: دالاي لاما يەنە قايسى سوئالغا جاۋاپ بەردى؟
ۋىسېر خانىم : سىز قانداق قىلىپ خىتايلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ مىللىي دوستلۇقىنى قوغدايسىز دېگەن سوئالغا، دالاي لاما ' ئەگەر ئىككى مىللەتنىڭ ئارزۇ-ئىستىكى ئوخشاش، ھەم ئىجتىمائىي ئورنى تەڭ - باراۋەر بولسا، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە يوق. مەن دائىم چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىپ تۇرىمەن، ئۇلار سەمىمىي بولغانلىقتىن، بىزنىڭ سۆھبىتىمىزدە توسالغۇ بولمىدى. ئەگەر سەمىمىي بولمىسا، گۇمانغا تايىنىپ ئىش قىلىنسا، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىش ئاقمايدۇ. مەن دۇنيانىڭ قايېرىگە بارسام، دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ھەم باراۋەر، بۇ ئەڭ نېگىزلىك چۈشەنچە، ئۇنىڭدىن قالسا دىن، مەدەنىيەت، تىلنىڭ ئوخشىمىغانلىقى ئىككىنچى مەسىلە دەپ كېلىۋاتىمەن ' دەپ جاۋاپ بەردى.
ۋىسېر خانىم: تورداشلارنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولدى. تورداشلار ھەتتا دالاي لامانىڭ تۇرمۇشتىكى يېمەك، ئىچمەك ئولتۇرۇش - قوپۇش ئادەتلىرىگىچە تەپسىلىي سورىدى. دالاي لاما بۇنداق بىۋاستە سۆھبەتنىڭ دائىم بولۇپ تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەلى: بۈگۈن دالاي لاما تورداشلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، سىز ئەڭ راھەت دەپ ھېس قىلغان نەرسە نېمە؟
ۋىسېر خانىم : بۈگۈن 'بەش موچەنچىلەر' تورغا كىرىۋېلىپ، توردا ئەركىن پىكىر بايان قىلغان كىشىلەرگە پاراكەندىچىلىك سالالمىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.