دالاي لاما ئىز باسارىنى ھايات ۋاقتىدا ئۆزى تەيىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لامانىڭ بۇ يىل ئىچىدە گېرمانىيە باش مىنستىرى ئانگېلا مېركېل، كانادا باش مىنستىرى جان خارپەر بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە يېقىندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تەرىپىدىن ئاقسارايدا قوبۇل قىلىنىشى شۇنىڭدەك 10‏- ئاينىڭ 17‏- كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بېرىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر، تىبەتلىكلەر بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرگەن بىر مەزگىلدە، دالاي لامانىڭ ئۆزىنىڭ ئىز باسارىنى يەنى كېلەركى دالاي لامانى بۇددا دىنىي قائىدىسىگە ئاساسەن قايتىدىن تىرىلىش ئۇسۇلى بۇيىچە ئەمەس، ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ تەيىنلىشى مۇمكىنلىقىنى جاكارلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلىۋەتتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دالاي لاما يېقىندا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، تىبەتلىكلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىغان دالاي لامانى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ئىز باسارىنى ھايات ۋاقتىدا ئۆزى تەيىنلەيدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەرگەن.

دالاي لامانىڭ بۇ توغرىدىكى باياناتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ، دالاي لامانى بۇددا دىنىي ئەنئەنىسىنى بۇزۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ، "دالاي لامانىڭ ئۆزىنىڭ ئىز باسارىنى تەيىنلەش توغرىسىدىكى باياناتى بۇددا دىنىي قائىدىسىگە ۋە دىنىي مۇراسىملىرىغا پۈتۈنلەي خىلاپ" دەپ كۆرسەتتى.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، دالاي لامانىڭ ئىز باسارىنى، ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا تەيىنلەش يولى بىلەن بېكىتىش توغرىسىدىكى باياناتىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1‏ - سېنتەبىر كۈنى تىبەتتە يولغا قويۇلغان، لامالارنى تەيىنلەش ھەققىدىكى دىنىي بەلگىلىمىلەرگە قايتۇرغان جاۋاب دەپ قارىماقتا.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، چەتئەللەردىكى كىشى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ تىبەتتە لامالارنى تەيىنلەش ئىشىغا ئارلىشىشىنى چەكلەش ۋە تەيىنلەنگەن لامالارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 ‏- سېنتەبىر كۈنىدىن باشلاپ تىبەتتە يولغا قويۇلغان دىنىي بەلگىلىمىلەر، دالاي لامانىڭ تەسىرىنى ئازايتىشنى ھەمدە تىبەتتە لامالارنىڭ تەيىنلىنىشىگە دالاي لامانىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

نۇرغۇنلىغان سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن دالاي لامانىڭ ئۆلۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نامىدا باشلىغان سۆھبىتىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداشتىن ئىبارەت بىر سىياسىي تاكتىكا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا سۆھبەتلەرنى ئۇزارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، دالاي لامانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن تىبەت داۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تىبەت ئىچىدىن بىر دالاي لاما تەيىنلەپ چىقىپ، تىبەت مەسىلىسىنى ئۆزى خالىغان ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىشنى پىلانلىماقتا. لېكىن نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، تېخىمۇ رادىكال ۋە دالاي لاما ھازىر ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان، ھەقىقىي ئاپتونومىيە قاتارلىق تەلەپلەرنى رەت قىلىدىغان، بىر تىبەت ھەرىكىتىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىقىنى بايان قىلىشماقتا. (ئۆمەر قانات)