تىبەتتىكى نامايىشنى دالاي لاما كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ؟


2008.03.26

دۇبەينىڭ "ئەل ئەرەبىيە" تېلېۋىزىيە قانىلىدا، 2008 - يىلى 25 - مارت كۈنى "تىبەتتە يۈز بەرگەن نامايىشنى دالاي لاما كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ؟" دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي تەھلىل مۇنازىرىسىدە، تىبەتتە يۈز بەرگەن نامايىش ۋە قانلىق باستۇرۇش ئەھۋالى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، سۈرىيىلىك ئوبزورچى رانىيە ئابدۇلھەمىد مۇنداق دېدى:" خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى ئۆتكەن ھەپتە تىبەت پايتەختى لخاسا شەھىرىدە چىققان ئىسياننىڭ ۋە قانلىق ئاقىۋەتنىڭ سەۋەبچىسى دەپ ئەيىبلىدى. ئەمما دالاي لامانىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئادەم ئىكەنلىكىنى خەلقى ئالەم ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەن بولغاچقا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لامانى تىبەتتە ئىسيان پىلانلىغان دېگەن ئەيىبلەشلىرىگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتە چىققان ئىسيانغا خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان، ھازىر خىتايلار تەرىپىدىن "شىنجاڭ" دەپ ئاتىلىپ كەلگەن مۇسۇلمان يۇرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قېتىۋالغانلىقى ھەقىقەتەن كۈلكىلىك بىر ئىش. ئىشنىڭ راستى شۇكى، ھەر قانداق جايدا زۇلۇم ۋە بېسىم كۈچەيگەنسېرى خەلقنىڭ نارازىلىقى ئاشىدۇ. بۇ نارازىلىق بىر كۈنى چوقۇم پارتلاپ چىقماي قالمايدۇ. تىبەتتىكى ئىسيان ئەنە شۇ نارازىلىقنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر."

ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بىرسىنىڭ كۈشكۈرتىشى كېرەكمۇ؟

رانىيە ئابدۇلھەمىد يەنە مۇنداق دېدى:"ئەركىنلىك، ھۆرىيەت ھەر قانداق ئادەمنىڭ تەلەپ قىلىدىغان نەرسىسى ۋە ئەڭ ئاددى ھەققىدۇر. ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغان، سىياسىي ياكى دىنىي جەھەتلەردىن چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان خەلقنىڭ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن نامايىشقا ئوخشىغان ھەرىكەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشى تەبىئىي ئەھۋال ۋە ھەر كىمنىڭ ھەققىدۇر. بىر خەلقنىڭ ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشى ئۈچۈن بىراۋنىڭ ئۇلارنى كۈشكۈرتىشى شەرتمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. پىچاق سۆڭەككە يەتكەن خەلقنى توختىتىپ قالغىلى بولمايدۇ. دۇنيادا بېسىمدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنتىقىسى بىر- بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلار ئەيىبنى ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىدىن كۆرمەيدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ھەققانى تەلەپلىرىنى بىر قېتىممۇ ئاڭلاپ قويمايدۇ."

خىتاي تىبەتنى مەڭگۈ تۇتۇپ تۇرالامدۇ؟

رانىيە ئابدۇلھەمىد يەنە مۇنداق دىدى:"مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تىبەت ئەسلىدە مۇستەقىل مەملىكەت بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاي كوممۇنىستلىرى تىبەتنى رەسمى ئىشغال قىلغان ئىكەن. تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما شۇ سەۋەبتىن چەتئەلگە قېچىپ چىقىۋالغان ئىكەن. بۇ قېتىم تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ئۆتكەن يىگىرمە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نامايىش ھېسابلىنىدىكەن. بىر خەلقنىڭ مۇستەملىكىدە داۋاملىق قېلىشى مۇمكىن بولمىغاندەك، تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلاردەك ئەركىنلىككە تەشنا بىر خەلقنىڭ بۇ ھالەتتە مەڭگۈ قېلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس." (ئۆمەرجان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.