دالاي لاما: تىبەت مەسىلىسىنىڭ نېگىزى خىتاينىڭ ئاخبارات تەكشۈرۈش تۈزۈمىدە

تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لاما ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن ئۇچراشقان، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇنىڭغا شىددەتلىك ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ۋە چەتئەلدە چىقىدىغان خىتاي تور بەتلىرىدە ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشنىڭ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە تۈرلۈك پەرەز ۋە ئانالىزلار ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ نارازىلىقى بىر دىپلوماتىك رەسمىيەتتۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.02.22
Dalay-lama-Washingtonda-muxbirlar-yighini-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻧﯩﯔ 18 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لامانى ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىشى ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى بۇ ئارازچىلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۈزلۈكسىز دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇي تيەنكەي ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى جون خۇنتىسمەننى ھوزۇرىغا چاقىرتىپ، ئامېرىكىغا رەسمىي ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۇي بايانات ئېلان قىلىپ، "ئاقسارايدىكى كۆرۈشۈش جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقتۇر. بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زەرەر بەردى" دېگەن. لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي ئانالىزچىلار، خىتاي بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چوڭ بىر توقۇنۇشقا سەۋەب بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ نارازىلىقى دىپلوماتىك بىر رەسمىيەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ": دالاي لاما ۋە ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى تىبەتكە نىسبەتەن، ئامېرىكا ۋە جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئىجابىي ھادىسە. گەرچە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا شىددەتلىك قارشى چىققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ چوڭ ۋەزىيەتكە تەسىر قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا داۋام قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىنكاسى رەسمىيەت خاراكتېرلىكتۇر."

چېن كۇيدﯤ ئەپەندى يەنە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىدا ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇرىدۇ دېگەن سىگنالنى بەرگەنلىكىنى، بۇ تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خىتاي خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېن كۇيدﯤ، "بۇ ئۇچرىشىش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە ئاشكارا چەك -چېگرا قويغانلىقىدۇر. بۇ دېگەنلىك، مەن ئۆزەمنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشى دائىرىسىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلىشىگە يول قويمايمەن، بىزنىڭ چىڭ تۇرىدىغان ئۆز پرىنسىپلىرىمىز بار دېگەنلىكتۇر. ئەگەر بۇ پرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇلمىسا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ قارشىلىقلارنى چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى، دۆلەت مەنپەئەتى ۋە يەر شارى ئىستراتېگىيىسى كاشىلا قىلىدۇ. ئۇ ھالدا بۇ جۇڭگو خەلقى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بەزى زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئۆز پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى ھەممە تەرەپ ئۈچۈن ياخشى ئىش" دەپ كۆرسەتتى.

دالاي لامانىڭ مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ئاقسارايدىكى كۆرۈشۈشتە تىبەت خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە كىملىكىنى يەنى دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، دالاي لاما تۇتقان تىبەتكە ھەقىقىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى "ئوتتۇرا يول"نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دالاي لاما ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىشنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، لېكىن سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان ئىدى. خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىش سەۋەبىنى دالاي لاما تەرەپكە ئارتىپ، دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان پىلاننى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكىدىكى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى بولسا دالاي لامانىڭ "ئوتتۇرا يولى" تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئىجابىي يولى بولۇپلا قالماي، بۇنىڭ روھىنى خىتاي- ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىگە تەدبىقلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :مېنىڭچە، دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول نەزەرىيىسىنىڭ روھى ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەدبىقلانسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ تارىختىكى مۇناسىۋىتى بىلەن خەنزۇلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ تارىختىكى مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى ئېقىمى ۋە كونكرېت تارىخىي پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە 2001‏ - يىلى باشلانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلغان خەلقئارا چوڭ ۋەزىيەت ئوخشىمايدۇ. شۇڭا تىبەت مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىدا پەرقلەر مەۋجۇت. شۇنىڭ ئۈچۈن كونكرېت بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. لېكىن دالاي لامانىڭ سۆھبەت ۋە ئۆز ‏- ئارا مۇرەسسە ئاساسىدىكى ئوتتۇرا يول نەزەرىيىسىنى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىگە تەدبىقلاشقا بولىدۇ."

دالاي لاما جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەنبە كۈنى كالىفورنىيىدە "دۇنيا بالىلار فوندى جەمئىيىتى"نىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئۇ "دۇنيا بالىلار فوندى جەمئىيىتى"نىڭ كالىفورنىيە بېۋېرلىي خىلدىكى پائالىيىتىدە مۇخبىرغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ئاخبارات تەكشۈرۈش تۈزۈمى تىبەت مەسىلىسىنى خىتاي خەلقى ئارىسىدا توغرا چۈشەندۈرۈشكە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ئەركىن جەمئىيەتكە ئايلىنىپ، سۆز، ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى يولغا قويۇلسا گۇمان ۋە ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

چېن كۇيدﯤ ئەپەندى بولسا، دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلە خىتايدىكى نېگىزلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، "بىز ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دالاي لامانىڭ جۇڭگونىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئۇ جۇڭگودىكى مەسىلىنىڭ نېگىزلىك نۇقتىسىنى كۆرۈپ يېتەلىگەن. جۇڭگو مەتبۇئاتلىرىنىڭ دالاي لاما ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنى ۋاقىتلىق قايمۇقتۇرالىشىدىكى نېگىزلىك سەۋەب ئاخباراتنىڭ ئەركىن ئەمەسلىكىدۇر. ئەگەر جۇڭگودا ئاخبارات كونترولى بىكار قىلىنسا، جۇڭگو خەلقى دۇنيانىڭ دالاي لامانى قانچىلىك ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇلارمۇ دۇنيادىكى باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا ئادەم. ئۇلار دالاي لامانىڭ مەنىۋى كۈچىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا جۇڭگونىڭ ھازىرقى تەشۋىقاتىدىكى نېگىزلىك نۇقتا ئۇچۇرنى كونترول قىلىشتۇر."

دالاي لاما كالىفورنىيە بېۋېرلى خىلدىكى "دۇنيا بالىلار فوندى جەمئىيىتى"نىڭ پائالىيىتىدە مۇخبىرلارغا يەنە، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر خىتاينى ئەركىنلىككە يېتەكلەپ، خىتايدا ئەركىن جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئىلھام بېرىشنى، بۇنىڭ بىلەن تىبەتنىڭ ئەركىن جەمئىيەتكە ئايلىنىشىنى ئالغا سۈرۈشنى تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.