دالاي لاما تۇرك مەتبۇئاتلىرىدا

0:00 / 0:00

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئالتۇن مېدالى بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە جىددىيلىك ياراتقانلىقىغا ئورۇن بېرىلدى, تۈركىيە "يېڭى چاغ گېزىتى" "خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى دالاي لاما كرىزىسى" ، "ۋاتان" گېزىتى بولسا "ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دالاي لاما كىرىزىسى چىقتى" دېگەن ماۋزۇلاردا ماقالىلارنى باستى.

بۇلاردىن باشقا پۈتۈن رادئىو تېلېۋىزورلاردىمۇ بۇ خەۋەرگە ئورۇن بېرىلدى. ھەتتا بەزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى،" دالاي لاماغا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى بېرىش مۇراسىمىغا شەرقىي تۇركىستانلىقلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىرمۇ قاتناشتى،" دەپ خەۋەر قىلدى. "يېڭى چاغ "گېزىتىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، ئامېرىكىنىڭ دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بېرىش قارارى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قاتتىق زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى يېزىلغان.

خەۋەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە بېرىلىدىغان مۇراسىمنى بىكار قىلىشنى، بولمىسا بۇ خەلقارا مۇناسىۋەتلەر پرىنسىپىغا ئېغىر خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خىتاي خەلقىنى رەنجىتىدىغانلىقىنى، بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بولىدىغانلىقىنى، بىلدۈرگەنلىكى يېزىلغان. خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ بۇ بېسىملىرىغا قارىماستىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن دۆلەت مەجلىسى مېدالى بەرگەنلىكى ھەققىدىمۇ بايان قىلىنغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان ئەڭ چوڭ شەرەپ مېدالى بولۇپ، بۇنىڭ دالايلاماغا بېرىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىشى نېمىنىڭ بىشارىتى؟ تۇركىيەدىكى مۇتىخەسىسلەر ۋە شەرقىي تۇركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

بۇ ھەقتە تۈركىيە ھاججەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئەكرەم بىلەن د ۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. (ئەركىن تارىم)