دالاي لامانى مۇكاپاتلاش خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
2007.10.18

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانى مۇكاپاتلىشى ۋە پرېزىدېنت بۇشنىڭ مۇكاپلاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، دالاي لاماغا ئىلتىپات كۆرسىتىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. بۇ ۋەقە خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە قايسى دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟ خىتاي ئامېرىكىغا قارشى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوللىنامدۇ ؟ بۇ مەسىلىدە ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ھەرىكىتى مەلۇم دائىرىدە چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇش: " ئۇلار بۇ مۆھتەرەم كىشىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ۋە كېلىشتۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ"
خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تىبەت روھانيى داھىيسى دالاي لاماغا مۇكاپات بەرگەنلىكىنى ۋە پرېزىدېنت بۇشنىڭ مۇكاپات بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى ئەيىبلەپ، دالاي لامانى مۇكاپاتلاش "خاتا ھەرىكەت" دەپ كۆرسەتتى ۋە ئامېرىكىنىڭ "بۇ خاتا ھەرىكەتنى تۈزىتىشى "نى تەلەپ قىلىپ، بولمىسا بۇنىڭ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى.
پرېزىدېنت بۇش، چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇراسىمدا سۆزلىگەن سۆزىدە خىتاي رەھبەرلىرىنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرىپ، ئەگەر كۆرۈشسە " ئۇلار بۇ مۆھتەرەم كىشىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ۋە كېلىشتۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ". "مانا بۇ بىزنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى دالاي لامانى خىتايغا تەكلىپ قىلىشقا چاقىرىشىمىزدىكى سەۋەبلەردۇر " دەپ تەكىتلىگەن.
ليۇ جيەنچاۋ: "ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئۆكتەملىك بىلەن ئارىلاشقانلىقتۇر"

لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا " ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئۆكتەملىك بىلەن ئارىلاشقانلىقتۇر. بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھىسسىياتىغا ئازار بېرىپلا قالماي، بۇ يەنە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رېئاكسىيىسى بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمىدى. شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى كلارك راندنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئېتىراز بىلدۈرگەن. ليۇ جيەنچاۋ،" جۇڭگو ئامېرىكىنى بۇ خاتا ھەرىكەتنىڭ يامان تەسىرىنى تازىلاپ، تىبەت مۇستەقىلچى كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللاش ياكى كۆرمەسكە سېلىشنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ......شۇنداقلا جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كونكرېت تەدبىر ئېلىشقا ئۈندەيدۇ " دېدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى پارچىلىماقچى بولۇۋاتقان بىر شەخسكە مۇكاپات بېرىش مۇناسىۋەتلەرگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ليۇ جيەنچاۋ، خىتاينىڭ قانداق ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.
بۇش: " مەن ھەر قېتىم خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمەن"
ۋاشىنگتوندىكى ئانالىزچىلار، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئېھتىمالى زور ئەمەس، دەپ قارىماقتا. تۈركەل، ئامېرىكىدىكى كرىستيان ۋە ياڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدىكى غەزىپىنى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئىران يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى بىر يىغىننى بايقۇت قىلىش بىلەن ئىپادىلەپلا قالماي، يەنە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋۇ باڭگونىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى بىكار قىلىش بىلەن ئىپادىلىگەن. لېكىن پرېزىدېنت بۇش، دالاي لامانى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشسا، بۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇش، چارشەنبە كۈنى مۇراسىمغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ، "خىتاي تەرەپ مېنىڭ بۇ ھەرىكىتىمنى خالىماسلىقى مۇمكىن. لېكىن مەن بۇنى خىتاي -ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىمايمەن. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئوخشىمىغان دىنلارغا ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلىگەنلىكىم، ھېچبىر دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمگە زىيان يەتكۈزگەن ئەمەس. مەن ھەر قېتىم خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمەن " دەيدۇ.
بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ 8 - ئايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئاۋسترالىيىدە كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا دالاي لامانى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ليۇ جيەنچاۋ، بۇشنىڭ دالاي لامانى خىتايغا تەكلىپ قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلىپ، " جۇڭگونىڭ دالاي لاما ۋە تىبەت مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى ئۇنىڭ ئىچكى ئىشى. جۇڭگو خەلقى بۇنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ. باشقىلارنىڭ بىزنى بۇنى ئۆگىتىشى ھاجەتسىز " دېدى.
دالاي لاما: "ھەر يىلى تىبەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى جىددىي تۈردە كۆپەيمەكتە"
ئامېرىكا كرىستيان ۋە ياڭ قانۇن مۇلازىمەت ئورنىدىكى نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سەمىمىيىتى كەم. دالاي لاما ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى سۆزىدە، كىشىلەرنى تىبەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت مەسىلىسىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشقا چاقىرىپ،" ھەر يىلى تىبەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى جىددىي تۈردە كۆپەيمەكتە،" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە، لخاسانى مىسالغا ئېلىپ، تىبەتلەرنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئاز سانلىقلار ئورنىغا چۈشۈپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، تىبەتتىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى تىبەت مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىپلا قالماي، تىبەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ۋەيران قىلىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دالاي لاما تۇرك مەتبۇئاتلىرىدا
- دالاي لاماغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مىدالى بېرىلدى
- ئامېرىكىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش كۈچەيمەكتە
- كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن خارپەر دالاي لاما بىلەن رەسمىي كۆرۈشىدۇ
- ئامېرىكا ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ "لاما ۋارىسلىرىنى تەيىنلەش بەلگىلىمىسى" گە ئىنكاس قايتۇردى
- تىبەت ھىمايىچىلىرى بىلەن كانادادىكى ئۇيغۇرلار كۆرۈشتى
- خىتاي دۆلىتى تېررورىزىمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتامدۇ؟
- خىتاي تاشقىي پېرىۋۇت زاپىسىنى ئامېرىكىغا قارشى كوزۇر قىلىپ قوللىنامدۇ ؟
- دالاي لاما ۋە رابىيە قادىر ھامبۇرگدا
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيە سەپىرى ۋە دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى (2)
- "ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى دۇنيانىڭ كىلەچىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ"
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: " ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك"
- خىتايغا پايدا كەلتۈرىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي سودا-ئىقتىساد مۇناسىۋىتى