دانىيەدىكى ئۇيغۇرلار

0:00 / 0:00
Daniye_xeritisi.jpg
دانىيە خەرىتىسى

دانىيە شىمالى ياۋروپاغا جايلاشقان سكاندىناۋىيە دۆلىتى بولۇپ، دۆلەت زىمىننى ئاساسلىقى يۇللاند يېرىم ئارىلى ۋە باشقا چوڭ –كىچىك 500 گە يېقىن ئارالدىن تەشكىل تاپقان، قۇرۇقلۇقتا گېرمانىيە بىلەن چېگرىداش، دېڭىز ئارقىلىق شۋېتسىيە ۋە نورۋېگىيە بىلەن قوشنا، ئومومى يەر كۆلىمى 43 مىڭ كم، ئاھالىسى 5 مىليون 32 مىڭ، پايتەختى كوپېنھاگېن. ئاساسى دۆلەت زېمىنىدىن باشقا ئوز ئالدىغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزىدىغان شىمالى دېڭىزدىكى Fære ئاراللىرى ۋە شىمالى ئامېرىكىدىكى گرېنلاندىيە ئارىلىمۇ دانىيەنىڭ باشقۇرىشىدا. دانىيە پادىشاھلىق ئاساسى قانۇنلۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالى ھوقۇقلۇق ئورگىنى پارلامېنتتۇر.

دانىيە تارىختا، شىمالى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. نۆۋەتتە دانىيە دۇنيادىكى تەرەققى تاپقان باي دۆلەتلەردىن بىرى. دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە "سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق"، "پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى " دېگەن بالىلار ھىكايىلىرىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بولمىسا كېرەك، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى دۇنياغا مەشھۇر بالىلار چۆچەكلىرى يازغۇچىسى ئاندەرەسەن دەل مۇشۇ دانىيەلىك.

دانىيەگە تېخى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى يېتىپ باقمىغان ئىدى. ھازىر بولسا 7 ئائىلە ۋە بالىلارنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالغان جەمى 30 غا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئۇلار ب د ت كۆچمەنلەر مەھكىمىسى ئارقىلىق 2003 –يىلى دانىيەگە يەرلەشتۇرۇلگەن بولۇپ، بۇلار دانىيەگە تۇنجى كەلگەن ئۇيغۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇددى باشقا دۆلەتلەردە بولغىنىغا ئوخشاش بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ يېڭى كەلگەندە تىل بىلمەسلىك، تەبىئى ۋە ئىجتىمائىي شەرت-شارائىتلارغا كۆنەلمەسلىك سەۋەپلىدىن بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تىل ئۆگىنىپ، ئىش تېتىپ ئىشلەپ، تۇرمۇشىنى نورمال ئىزىغا سېلىۋالغان.

بىز دانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن تېخىمۇ تەپسىلىرەك تونۇشۇش ئۈچۈن، ھازىر دانىيەدە ياشاۋاتقان بىرقانچە ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلدۇق. پايتەخت كوپېنھاگېندا ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇساتتار ئەپەندى، دانىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىكەس رايۇنىدا ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇخېلىل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى.