دارفۇر ۋەزىيىتى ۋە جوڭگو
2006.05.01
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە سۇداننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا يەكشەنبە كۈنى مىڭلىغان نامايىشچىلار ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى سۇداننىڭ غەربىدىكى دارفۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان تراگېدىيىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىش ئۈچۈن يىغىلىش ئۆتكۈزگەن كۈنى، جوڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئافرىقىدىكى ماراكەش، نىگېرىيە ۋە كېنىيىلەردە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۈپ دۆلىتىگە قايتتى.
خىتاي دائىرىلىرى نېفىتنى دەپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمماقتا
خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ سەپىرىدىكى ئەڭ زور مۇۋەپپىقىيىتى يۇقىرى دۆلەتلەر بىلەن نېفىت ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ۋە سودا ھەجىمىنى كېڭەيتىش تۈرى بويىچە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاش بولدى. جوڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مەنپەئەتى نامرات ، لېكىن مول تەبئىي بايلىقىغا ئىگە بۇ قىتئەدىكى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ۋە سودا بازىرىنى ئېچىشتۇر. لېكىن خىتاينىڭ بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تۇتقان تاشقى سىياسىتى غەرب ئەللىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى ئورگانلىرىنىڭ جوڭگو نېفىتنى كۆزلەپ "دارفۇر رايونىدىكى ئىرقىي تازىلاش" جىنايىتىگە كۆز يۇمدى، دېگەن ئەيىپلىشىگە دۇچ كەلمەكتە.
خۇ جىنتاۋ بۇ سەپىرىدە سۇداننى زىيارەت قىلمىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئافرىقىدىكى يۇقىرىقى دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالىغان بىر قاتار كېلىشىمى، خۇددى ئۇنىڭ سۇدانغا تۇتقان تاشقى سىياسىتىگە ئوخشاشلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ "ئىچكى ئىشلىرىغا كۆز يۇمۇش،" پرىنسىپىنى ئاساس قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىن گاڭ، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ نېفىتكە ئېرىشىش ئۈچۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى ئۆلچىمىگە سەل قارىغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خۇ جىنتاۋ كېنىيە پەيتەختى نايروبىدا پرېزىدېنت كېباكىغا "جوڭگو ھۆكۈمىتى باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشمايدىغان سىياسەت بويىچە ماڭىدۇ،" دەيدۇ.
رايىس: جوڭگو ۋە رۇسىيىنىڭ ھەمكارلىقىغا مۇھتاج
كىشىلىك ھوقۇقى ئورگانلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى دارفۇر رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى توسىماقتا ۋە دىكتاتۇرلارنى ئىلھاملاندۇرماقتا.
ۋاشىنگتوندا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلگەن شۇ كۈنى ئامېرىكا بويىچە 20 دەك شەھەردە "دارفۇرنى قۇتقۇزۇش: ئىرقىي تازىلاشنى توختۇتۇش" تېما قىلىنغان ئاممىۋى يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. ۋاشىنگتوندىكى يىغىلىشكە قاتناشقانلار ئىچىدە جورجى كلۇنېي، ئېللىي ۋېيزىلغا ئوخشاش دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئەرتىستلەر ۋە نوبىل مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىئاتلىرى بار.
يەكشەنبە كۈنكى يىغىلىشنىڭ مەقسىتى بۇش ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى دارفۇردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىگە جىددى مۇئامىلە قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشتۇر. لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس بۇ مەسىلىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىقىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. رايىس "جوڭگو ۋە رۇسىيىنىڭ ھەمكارلىقىغا مۇھتاج. بىز ئۇلارنى ئۇ يەردە نىمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشقا ۋە نىمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى سوراپ كۆرۈشكە تەۋسىيە قىلىمىز،" دەيدۇ.
خىتاي دارفۇردىكى "ئىرقىي تازىلاش" ھەرىكىتىگە پەرۋا قىلمايۋاتامدۇ؟
جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ "باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشمايدىغان تاشقى سىياسىتى" ، سۇدان نېفىت ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم شېرىكى جوڭگونىڭ دارفۇردىكى "ئىرقىي تازىلاش" ھەرىكىتىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ؟ دەپ مۇلاھىزە قىلىنماقتا.
خوللىۋۇدنىڭ مەشھۇر ئەرتىستلىرىنىڭ بىرى جورجى كلۇنېي يەكشەنبە كۈنى نامايىشچىلارغا " ئامېرىكا ۋە ب د ت نىڭ ھازىرغىچە يول قويغان سىياسىتى ئاقمىدى، سىياسەتنى ئۆزگەرتگىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك،" دەيدۇ.
پرېزىدېنت جورجى بۇش دارفۇردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى "ئىرقىي تازىلاش" دەپ ئاتىماقتا. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىس، ئامېرىكىنىڭ "بۇ مەسىلىدە ئىنكاس بىلدۈرمەيدىغان ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمايمىز،" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دارفۇردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى رەسمىي ' ئىرقىي تازىلاش'، دەپ قارايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن رايىس، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇردىكى ۋەقە بىلەن ئالاقىدار 4 كىشىگە ئىمبارگو قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەقەنى " ئىرقىي تازىلاش" ئاتىمىغان بولسىمۇ، لېكىن دارفۇردا " ئىنسانپەرۋەرلىك تراگېدىيىسى " يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاسسىپ پوزىتسىيىسى
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، خارتۇم ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللاندۇرۇلغان جانجاۋىدلارنىڭ يەرلىك پۇقرالارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھالسىرىتىش ھەرىكىتى "ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش" جىنايىتى سادىر قىلدى. دارفۇركى توقۇنۇش 2003 - يىلى بۇ رايوندىكى ئۆزىنى ئافرىقىلىقلار ھېسابلايدىغان قارا تەنلىكلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى داۋا قىلىش بىلەن باشلاندى. خارتۇم ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى جانجاۋىد ئەرەب قوراللىق گۇرۇھلىرىنىڭ ئىستانچىلار ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان قارا تەنلىك قەبىلىلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ب د ت قارىشىچە 180 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى، 2 مىليون كىشىنىڭ ئۆي ماكانسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھازىرغىچە ئالغان قارارلىرى بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان تراگېدىيىگە خاتىمە بېرەلمىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 25 - ئاپرىلدىكى يىغىنىدا خىتاي جانجاۋىدلارنىڭ رەھبىرى مۇسا خېلىل قاتارلىق 4 كىشىنى ب د ت "قارا تىزىملىكى" گە ئېلىش ۋە ئۇلارغا ساياھەت ئىمبارگوسى قويۇش تەكلىپىنى رەت قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىن گاڭ، شۇ كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، " جوڭگو غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى زوراۋانلىقىنى سادىر قىلمايدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشى 4 نەپەر سۇدان ئەمەلدارىغا ئىمبارگو قويماقچى بولسا خىتاينىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنى رەت قىلغانلىقىنى سورىغان بىر مۇخبىرغا جاۋاپ بەرمىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نىگېرىيە پارتىزانلىرى خىتاي شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇردى
- خۇ جىنتاۋ ئافرىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
- جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ب د ت نىڭ سۇدانغا ئىمبارگو قويۇشىغا قارشى چىقتى
- خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئافرىقا زىيارىتى ئېنېرگىيە ئىستەشنى مەقسەت قىلىدۇ
- خىتاي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى چەكلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى
- ب د ت سۇداندىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى جازالاش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى
- ئۇكرائىنىيە خىتاي بىلەن ئىرانغا ئوغۇرلۇقچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ساتقان
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ھېنرى ھايد ياۋروپا بىرلىكىنى خىتايغا قورال ساتماسلىققا چاقىردى