دارفۇرغا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى كىرگۈزۈشتە خىتاي دىپلوماتىك رول ئوينىغان
2007.05.17
پەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دىپلوماتى ئاتلانتىك كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ دارفۇر رايونىغا كىرىشىگە يول بېرىشتە سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يېقىندا دارفۇرغا بېرىپ كەلگەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دارفۇر مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ئەلچىسى جان ئېلىياسسون: "خىتاي دارفۇر ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا دەخلى قىلغان دېگەن نامنى ئېلىشنى خالىمىدى" دەيدۇ.
ئېلىياسسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇدان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى قايىل قىلىپ دارفۇر رايونىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ كىرىشىگە قارىشى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشتا بېيجىڭ تەرەپ سۇدانغا ئىشلەتكەن بېسىملارنىڭ ياردىمى كۆپ بولغان.
خىتاي سۇدان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان
ئەمما خىتاي دارفۇردا ئەڭ ئېغىر تەپرىقچىلىق تېرىۋاتقان جانجاۋىد قوراللىق كۈچلىرىنى قوللا ۋاتقان سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولدى دەپ قارىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.
جۈملىدىن، 17- ماي خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى "ئافرىقا تەرەققىيات بانكىس" دا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىنىدا، سۇدان مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئەمەلدارى ئېلىجاھ ئالېڭ، خىتاينىڭ سۇدان نېفىت ساھەسىگە سېلىۋاتقان مەبلىغى سۇداننىڭ قورال ياراق سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىن ئەتتى دەپ، خىتاينىڭ سۇدانغا مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
ئۇ يەنە سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلەپ : "بەلكىم ئۇلارنىڭ ( سۇدان ھۆكۈمىتى) مۇددىئاسى توغرا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن نېفىت بايلىقلىرىنى قالايمىقان ئېچىڭ، سېتىڭ، خەلققە قىلچىلىك نەپ بەرمەڭ، ئاندىن يەنە شۇ بايلىقلاردىن كىرگەن كىرىمگە قورال سېتىۋېلىپ خەلىقنى قىرىڭ" دەپ غەزىپىنى ئىپادىلىدى.
2003- يىلىدىن بۇيان دارفۇر رايونىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ ئاۋام قىرغىن قىلىنغان ۋە ئىككى يېرىم مىليون ئادەم ئوي- ماكانسىز قېلىپ مۇساپىر بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، بۇنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرقى قىرغىنچىلىقى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى.
خىتاي سۇدان نېفىتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى ۋە سۇداننى قورال- ياراق بىلەن تەمىن ئەتكۈچى دۆلەت بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا خىتاي-سۇدان ھۆكۈمەتلىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا ۋەدىلەشكەن.
ئىتتىپاق فرونتى دارفۇر قوزغىلاڭچىلىرى ئۈچۈن مۇھىم
ئېلىياسسوننىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بېيجىڭ تەرەپ بەلكىم، ئەگەر دارفۇرنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلاشسا، بۇنىڭ 2008- يىللىقى ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا ئۆز نامىغا داغ تەككۈزىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلار ئەگەر دارفۇردىكى ئەھۋال ئىزچىل ھالدا يامانلاشسا، ئۆزىنىڭ بالاغا قالىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى."
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ھازىر جەنۇبى سۇداننىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى دارفۇردىكى قوزغىلاڭچى كۈچلەرنى بىريەرگە جەم قىلىپ، سۇداننىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلان قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ قارشىچە، ئەگەر دارفۇردىكى قوزغىلاڭچى قىسىملىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ۋە ھۆكۈمەت قوللايدىغان قوراللىق كۈچلەر بىلەن سۈلھى- سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتە ئۆز پوزىتسىيىسىنى ماسلاشتۇرۇپ بىرلىكتە بىر ئىتتىپاق فرونتى شەكىللەندۈرۈشى دارفۇر قوزغىلاڭچىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.
خەلقئارا جەمئىيەت دارفۇر مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلەتكەن
دارفۇر رايوننىڭ ئەھۋالىدا روشەن بىر ياخشىلىنىشنىڭ بولمىغانلىقىدىن تەخىرسىزلەنگەن پرېزىدېنت جورج بۇش، بىر ئاي ئىلگىرى ئەگەر دارفۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا سۇدان پرېزىدېنتى يەنە سۆرەلمىلىك قىلسا ياكى سۇدان تىنچلىققا قاراپ يۈزلەنمىسە سۇدانغا ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغان ئىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بانكى-مۇن پرېزىدېنت بۇشتىن ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزۈشتىن ئىلگىرى سۇداننىڭ دارفۇر مەسىلىسىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشىغا يەنە مەلۇم مەزگىل ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ھەتتا بېيجىڭ تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بىلەت تاشلاپ، سۇدانغا ئىقتىسادى جازا قوللىنىشقا قارشى چىققان ئىدى.
ئەمما يېقىندىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا سۇدان مەسىلىسى خۇسۇسىدا ئىشلەتكەن بېسىمى بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ،بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، يۈزدىن ئارتۇق ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى خىتاي رەئىسى خۇجنتاۋنى سۇدان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىرىپ مەكتۇپ يوللىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى سۇدانغا قورال ساتتى دەپ ئەيىبلىگەن، ھەتتا بەزىلەر 2008- يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى بايقۇت قېلىشنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
جۈملىدىن، ھوللېۋۇد كىنو رېژىسسورى ستېۋىن سپىېلبېرگ ۋە، داڭلىقى سەنئەتكار سىياسى پائالىيەتچى مىئا فاررور قاتارلىقلار خىتاينىڭ سۇداندىكى رولى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەشكەن ئىدى.
خىتاينىڭ دارفۇر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى مەقسىتى
شۇنىڭدىن كىيىن خىتاي تەرەپ - ليۇگۇيجىننى ئافرىقا مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئالاھىدە ئەلچى قىلىپ تەيىنلىگەن، ۋە دارفۇر رايونىدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا ھەمدەمدە بولىدىغان 300 نەپەر ھەربى ئىنژېنېر ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
BBC 17- ماي بەرگەن خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى خەلقئارا سەھنىدە مەسئۇلىيەتچان رولچى سۈپىتىدە كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىرەر جەھەتتىن دارفۇر مەسىلىسى بىلەن 2008-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا تەسىر يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن.
دارفۇرغا تىنچلىقى ساقلاش قىسىملىرى كىرمەكچى
خىتاينىڭ سۇدان دىپلوماتىيىسىدە رول ئوينىشى ئارقىسدا، سۇدان ھۆكۈمىتى دارفۇر رايونىدا ئەسلىدە بار بولغان 7000 نەپەر ئافرىقا ئىتتىپاقى تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرىغا يەنە 3000 نەپەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرىنى قوشۇشقا ماقۇللۇغىنى بىلدۈرگەن.
ھازىر دارفۇرغا ئەۋەتىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمىغا تەۋە بۇ ئۈچ مىڭ نەپەر ئەسكەر، كەلگۈسىدە ئەۋەتىلمەكچى بولغان 17 مىڭ نەپەر تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ مەزكۇر رايونىغا كىرگۈزۈشكە يول ئاچىدىكەن. بۇ قىسىملارنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى بولسا، دارفۇردىكى مۇساپىرلار لاگېرىغا قاپسىلىپ قالغان مۇساپىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خەيرى-ساخاۋەت ۋە قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مەشھۇر خوللېۋۇد كىنو رېجىسسورى ستېۋېن سپىېەلبېرگنىڭ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا يوللىغان مەكتۇپى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەزاسى خىتاينى سۇدان كرىزىسىدە جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا قىستىدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ دارفۇردىكى مىللىي قىرغىنچىلارنىقورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنىڭ پاكىتىنى ئېلان قىلدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: 'خىتاي بىلەن رۇسىيە دارفۇر قورال-ياراق ئىمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلدى'
- خىتاي بىلەن سۇدان ھەربىي ھەمكارلىقىنى بارغانسىرى كۈچەيتمەكتە
- كوندىلىزا رايىس خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى دارفۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى
- ئامېرىكا خىتايدىن سۇدان مەسىلىسىدە ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ب د ت قىسىملىرىنى دارفۇر رايونىغا ئەۋەتىش مەسىلىسىدە نازلىنىۋاتىدۇ