"ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش" خىتايلار پەقەت ئاڭلاشنى خالىمايدىغان سۆز


2007.05.18

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى، كېلەريىل خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىكنى سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا يۇز بېرىۋاتقان ئېرقى قىرغىنچىلىققا چېتىپ سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بېيجىڭدا ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگارېت بېكېت (Margaret Becket) خانىم بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى: " بىر توپ كىشىلەر ئولىمپىك يىغىنىنى سىياسىيلاشتۇرماقچى بولىشىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلار مەقسىدىگە ھەرگىز يېتەلمەيدۇ" دېدى.

خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە

خىتاي سۇداندىكى ئېرقى قىرغىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇردى دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، يېقىندىن بېرى ئولىمپىك يىغىنىنىۋاستە قىلىپ تۇرۇپ خىتايغا دارفۇر مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىش ھەرىكەتلىرى خېلى كەڭ قانات يايغان ئىدى.

خىتاي سۇدان نېفىت ئېكىسپورتىنىڭ ئۈچ دەن ئىككى قىسىمنى سېتىۋالىدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان ئافرىقا ئەللىرىگە قورال- ياراغ ساتىدۇ.

بۇ ئايدا فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا، فرانسۇز سىياسىيونلىرى ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ئىدىيىسىنى كۆتۈرۈپ چىققان ۋە يېقىندا ئامېرىكىلىق سەنئەتكار مىئا فارروۋ خانىم بېيجىڭ ئولىمپىكىنى "قىرغىنچىلىقى ئولىمپىكى" دەپ ئاتاپ خىتاينى دارفۇر مەسىلىدە ئاكتىپ رول ئويناشقا قىستىغان ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، نيۇيوركلۇق سىياسى پائالىيەتچى "كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى" تەشكىلاتىغا مەنسۇپ جىلل ساۋىتت(Jill Savitt) "دارفۇرنىڭ ئولىمپىك چۈشى" ناملىق پائالىيەت تەشكىللەپ، دارفۇردىن بېيجىڭغا مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشنى جاكارلاپ خىتاينى دارفۇر مەسىلىسىدە خارتوم ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

18- ماي خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بېيجىڭنىڭ سۇدان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن دارفۇر مەسىلىسىدە ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى سۇدان تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن يېقىندىن ئالاقە قىلىۋاتىدۇ. شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى بۇ مەسىلىلەر مۇناسىپ دىئالوگ- سۆھبەتلەر بىلەن ھەل بولغۇسى."

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، سىياسى جەريان ۋە تىنچلىق ساقلاش مەشغۇلاتىنىڭ چوقۇم تەڭپۇڭ رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دارفۇر مەسىلىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى

دارفۇر سۇداننىڭ غەربى قىسمىغا جايلاشقان. 2003-يىلى دارفۇردىكى يەرلىكلەر ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىپ قوزغالغاندىن كىيىن، ھۆكۈمەت بىلەن دارفۇرلۇقلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ بىرسى سۇدان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە ئاساسەن ئەرەپ كۆچمەن چارۋىچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان جانجاۋىد قوراللىق كۈچلىرى يەنە بىر تەرەپ دارفۇردىكى دېھقانلار ۋە ھەرخىل ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپقان سۇدان ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ھەركىتى قاتارلىقلار.

2003- يىلىدىن بۇيان ھۆكۈمەت ۋە جانجاۋىد قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ دارفۇرغا قىلغان ئۈزلۈكسىز ھۇجۇملىرىدا، ھازىرغا قەدەر 200 مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ خەلق قىرغىن قىلىنغان ۋە 2 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ كەتكەن. ئەمما ۋاشىنگتون پوست گېزىتىدە 17 -ئاپرىل بېرىلگەن خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، توقۇنۇش جەريانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 450 مىڭغا يېتىدىكەن.

جانجاۋىد ئەرەبچە سۆز بولۇپ " ئاتلىق قوراللىق ئادەم" دېگەن مەنىدە، جانجاۋىتلار ئاساسەن ئەرەبچە سۆزلىشىدىغان سۇدانلىق مالچىلاردىن تەشكىل تاپقان باندىتسىمان قوراللىق توپ. ئۇزۇندىن بېرى جانجاۋىدلار بىلەن سۇداننىڭ غەربى قىسمىدا ياشايدىغان ئولتۇراق ر دېھقانلار ئارىسىدا ھەرخىل ئىختىلاپلار مەۋجۇت ئىدى.جانجاۋىدلارنىڭ ئېتنىك كاتېگورىيىسى بەك مۇرەككەپ، لېكىن ئۇلار ئۆزلرىنى ئەرەب دەپ تونىشىدۇ.

ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئىنكاس قايتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، جانجاۋىد قوراللىق كۈچلىرى سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا دارفۇردىكى ئاۋامغا ئىزچىل سورۇقچىلىق سېلىپ، ئاۋام خەلقنى قىرغىن قىلغان ئىكەن. لېكىن، سۇدان ھۆكۈمىتى جانجاۋىد قوراللىق كۈچلىرىنى "ھېچقاچان قوللىمىدۇق" دەپ، چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.

"ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش" خىتايلار ھەرگىز ئاڭلاشنى خالىمايدىغان سۆز

خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ قورال ياراق ئېمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلىپ سۇدانغا قورال-ياراق سېتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ياۋروپادىكى بەزى سىياسىي ئونلار 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەمما، بايقۇت قىلىشنىڭ ئولىمپىك روھىغا قارىشى ئىكەنلىكى تەكىتلىگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى: "ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ئولىمپىك روھىغا قارىشى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە دۇنيا خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىگىمۇ قارىشى. شۇڭا ئۇلار مەڭگۈ مەقسىدىگە يېتەلمەيدۇ" دەيدۇ.

تېخى بىر ئاي ئىلگىرىلا خىتاي تاشى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلىگەن يا جيېچى، خىتاينىڭ ئافرىقا مەسىلىسىدىكى مەۋقەسىنى ئاقلاپ "دارفۇر مەسىلىسىدە جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋقەسى ئىزچىل ۋە كۆرۈنەرلىك. بىز دارفۇر خەلقىنى خەيرى-ساخاۋەت ۋە قۇتقۇزۇش ياردەملىرى بىلەن تەمىن ئېتىپ كېلىۋاتىمىز. كەلگۈسىدىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز" دەيدۇ.

BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە خىتاي دۇنيا سەھنىسىدە " مەسئۇلىيەتچان رولچى" سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن سۇدان مەسىلىسىدىكى ئەيىبلەشلەر خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيىسگە ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدىكەن.

ئۇلارنىڭ قارشىچە يەنە، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئولىمپىككە ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشنى خالىمايدىغان بولۇپ، "ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش" خىتايلار پەقەت ئاڭلاشنى خالىمايدىغان سۆز ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.